چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1454 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • huxhuy 7 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹قار گۈلى›› توزۇپ كەتتى ۋاپاتىڭدىن...

  • yadikar تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas تۈنۈگۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • yadikar 7 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    شەھلانىڭ تۇنجى توپلامىغا مۇبارەك بولسۇن!

  • huxhuy تۈنۈگۈن 00:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    يازغۇچى مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى خەيىرلىك بولغاي! ئامىن!

كۆرۈش: 115|ئىنكاس: 0

مەشھۇر ئەدىپلەرنىڭ غارايىپ ئىشلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەشھۇر ئەدىپلەرنىڭ غارايىپ ئىشلىرى


    لورد بايرون
   بايرون ناھايىتى تەسىرچان ۋە ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، تەرسا ئادەم بولۇپ،ئۇ ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى جەملىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تەلۋىلىك كېسىلىگە دۇچار بولغان.بۇ ئۇلۇغ شائىر گەۋدىلىك كەلگەن، ئاقساپ ماڭىدىغان، ئەمما ئىنتايىن ھاياجان ئىجادكار بولغان. بەزى ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولىشىچە،ئۇ ۋېنېتسىيەدە ياشىغان بىر يىل جەريانىدا ئىككى يۈزدىن كۆپرەك ئايالغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا ئۈلگۈرگەن.
    چارلز دىككېنس
   دىككېنس كىشىلەرنى گىپنوز قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى.ئۇ ئوزىنىڭ گىپنوزچىلىق قابىلىيىتى ۋە مەشغۇلاتلىرىنى خاتىنىدا سىناق قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىنى داۋالاشقا تىرىشقان.بۇ مەشھۇر يازغۇچى ھەمىشە شىمالغا قاراپ ئۇخلاش ۋە يېزىشنى ئادەت قىلغانىكەن.
     لېۋ تولستوي
    لېۋ تولستوي ئۇمۈر ھەمرايى(خوتۇنى) سوفىيە بېرس بىلەن توي قىلىپ، تويىنىڭ بىرىنچى كۈنىلا ئۆزىنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى خوتۇنىنىڭ قولىغا تۇتقۇزغان.ئەسلى ئۇ توي قىلىشتىن ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن ئىشقىي–مۇھەببەت ئىشلىرىنى خوتۇنىدىن يۇشۇرماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلغانىكەن.
    فرانس كافكا
   فرانس كافكا بىر مەزگىل سۇغۇرتا شىركىتىدە كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ھاياتىدا ئاددىي، شۇنداقلا بىتەلەي ئۆتكەن.ئۇ ئۇمرى داۋامىدا بىر نەچچىلا ھېكايە ئېلان قىلالىغان، ئەمما بۇلار ئەدىپكە شۆھرەت ئېلىپ كېلەلمىگەن.ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى دوستى ماكس برادقا قولياز مىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ، ئۇلارنى يوق قىلىۋېتىشىنى ۋەسىيەت قىلغان. ئەمما ماكس ئەكسىنچە بۇ قوليازمىلارنى نەشرگە بەرگەن. شۇ تەرىقىدە كافكا ۋاپات بولغاندىن كېيىن مەشھۇر يازغۇچى سۈپىتىدە تونۇلغان.
    ئاگاتا كرىستى
   ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئاگاتا كرىستى ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر رازۋېتكا ھېكايىچىسى. ئۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەربىي دۇختۇرخانىدا ھەمشىرە بولغان. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، دورىخانىدا ئىشلىگەن. كرىستى ھەر قانداق زەھەرنى بىر قاراشتىلا پەرق ئېتەلەيتتى. شۇڭا ئۇنىڭ رازۋېتكا ئەسەرلىر ىدىكى كوپۈنچە جىنايەتچىلەر زەھەردىن پايدىلىنىپ قاتىللىق قىلىدۇ. ئاگاتا كرىستى كېيىن قولىدا قەلەم تۇتۇپ يازالمايدىغان دىسگرافىيە كېسىلىگە گىرىپتار بوپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئەسەرلىرىنى كاتىپقا سۆزلەپ بېرىپ يازدۇرغان.

«دۇنياۋىي مەشھۇر ئەسەرلەر»ناملىق كىتابتىن پايدىلىنىپ تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار تەييارلىغان.
مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلىرى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-25 08:08 , Processed in 0.138726 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش