ئىنكاسلار ھەققىدە ئىككى كەلىمە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم چىن تۈرك مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى!
كەمىينە تەرسايىدىن ھەممەيلەنگە دوستانە ئوتلۇق سالام!
مەن بۈگۈنكى بۇ يازمامدا مۇنبىرىمىزدە يوللانغان يازمىلارغا بولغان ئىنكاسلارنىڭ بەكمۇ ئازلىغى ۋە ئىنكاسلارنىڭ رولى شۇنداقلا ئۇنىڭ تورداشلارغا ۋە يازارمەنلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە چۈشەنچىلىرىمنى شەرىھلەپ، تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىنى لايىق كۆردۈم .
مەن چىنتۈرك مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ كىرىپ تورداشلار بىلەن دىدار مۇلاقات بولغاندىن باشلاپ ،چامامنىڭ يېتىشىچە، قولۇمدىن كىلىشىچە بىر قىسىم يازمىلارنى تورغا يوللاپ ۋە ئۆزۈم ياقتۇرغان ياكى
تەپەككۇرىمنى غىدىقلىغان يازمىلارغا ئىنكاسلارنى يېزىپ كىلىۋاتىمەن. بۇمۇ تۇرمۇشۇمدا ماڭا خۇشاللىق بېغىشلايدىغان ئىشلارنىڭ بىرسى بوپ قالدى. ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق سۆز جۈملىلەرنى قۇراشتۇرىشتىمۇ خىلى ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۈم دىسەممۇ بولىدۇ.بۇ جەريانىدا يازمىلىرىمغا قارىتا ياخشى باھالارغا ۋە دوستانە تەكلىپ پىكىرلەرگىمۇ ئىرىشتىم.ياخشى باھالارنى كۆرۈپ كۆڭلۇم سۆيۈنسە، تەكلىپلەرنى كۆرۈپ تىرىشچانلىغىم يەنىمۇ ئاشتى، تورداشلارنىڭ سەمىمىي ياردىمىدىن دىلىم سۆيۈندى.بىراق توردىكى تورداشلارنىڭ ۋە يازمىلارنى كۆرگەن تورداشلارنىڭ سانى بىلەن توردىكى يازمىلارغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ سانىنى سىلىشتۇرۇپ كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولدى . مۇنبىرىمىزدە ئىلان قىلىنغان شۇنداق ياخشى بەزى نادىر تىمىلارغا بىرەر ئىنكاسنىڭ يېزىلمىغانلىغىدىن بەك ئەپسۇسلاندىم.
تورداشلار مۇنبەرگە سەر خىل نادىر تىمىلارنى يوللاپ ،ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ سەمەرىلىك ئابىدىلىرى ئارقىلىق مۇنبىرىمىزگە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغان بولسىمۇ ،ئوقۇرمەن تورداشلارنىڭ تىمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشتا «ئىرىنچەكلىك» ۋە «پىخسىقلىق » قىلىشى بىلەن شۇنداق ياخشى تىمىلارنىڭ ئىنكاسسىز قېلىشى كۆڭلۈمنى تولىمۇ يېرىم قىلدى.
تورغا يازما يوللاشتىن مەقسەت قانداقتۇر تورداشلارنىڭ ماختاشلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، ياكى يازارمەننىڭ ئۆزىنى «كوز- كوز» قىلىشىمۇ ئەمەس،بەلكى « بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما»، « ئەلدىن ئەلگە نەپ »، « ئىچىڭدە كۆمۈر بولسىمۇ تۆكۈپ كەت »دىگەندەك بىلگەنلىرىنى تورداشلار ھوزۇرىغا قويۇپ ، كەڭ تورداشلار بىلەن مەلۇم بىر ئىجتىمائىي مەسىلە توغۇرسىدا ياكى مەلۇم بىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ بەدىئىي قىممىتى ،بىزگە بېغىشلايدىغان ئىستېتىك زوقى، يېزىلىش ئالاھىدىلىگى ۋە ئۇنىڭ ئېڭىمىزغا، تەپەككۇرىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىقلار ھەققىدە كەڭ كۇشادە پىكىر يۈرگۈزۈپ، زۆرۈر تېپىلغاندا بەھىس- مۇنازىرە قىلىپ، تورداشلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاراشلىرى ئارقىلىق يازمىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،ياخشى بولمىغان تەرەپلىرىگە قارىتا دوستانە تەكلىپلەرنى بېرىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نادىر تىمىلارنى روياپقا چىقىرىپ مۇنبەرنىڭ جەلىپكارلىغىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
يازمىلارغا قايتۇرىدىغان ئىنكاسلارغا كەلسەك بۇمۇ مۇنبەرنىڭ جەلىپكارلىغىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە ۋە نادىر تىمىلارنىڭ كۆپلەپ روياپقا چىقىشىدا كەم بولسا ھەرگىز بولمايدىغان موھىم بىر ئامىل.
يازمىلارغا يېزىلغان ئىنكاسلار ئەمەلىيەتتە شۇ تېمىغا قارىتىلغان بىر باھا ياكى بىر
ئوبزۇرلۇق رولىنى ئويناپ،ئوقۇرمەنلەرنى بۇ تىمىغا قارىتا تېخىمۇ چۇڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قېلىپلا قالماي،تىما
يازغۇچىلىرىغىمۇ مەنىۋىي
ئىلھام ۋە مەنىۋىي كۈچ- قۇۋەت بېغىشلايدۇ. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە تورداشلارغا مەنىۋىي ئېنىرگىيە ئاتا قېلىپ، تېمىغا قارىتا پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش ھەۋىسىنى قوزغاپ، تىما ھەققىدە بەھىس- مۇنازىرە قېلىش ئىستىگىنى ئويغىتىدۇ.بەزى ئىنكاسلار قوللاش ،رىغبەتلەندۈرۈش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، يازما ئىگىلىرىگە مەنىۋىي ئىلھام ئاتا قىلسا، يەنە بەزى ئىنكاسلار تەكلىپ ،تەۋىسىيە ۋە تەنقىت ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ ،يازمىدىكى نۇقسانلارنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق ،ساغلام بولغان نادىر تىمىلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىگە تۇرىتكىلىك رول ئوينايدۇ. بەزى ئىنكاسلار بولسا ئۆزىنىڭ يۇمۇرىستىك قىزىقارلىقلىغى بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە مەنىۋىي زوق ئاتا قىلسا،يەنە بەزى ئىنكاسلار چوڭقۇر ئوي پىكىرلەرنى ئىپادىلەپ تىمىنىڭ قاراتمىلىغىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.تىخى بەزى ئىنكاسلار مۇنازىرە تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ئوخشىمىغان نۇقتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈپ تىمىنىڭ جەلىپكارلىق كۈچىنى تىخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە بىر تىمىغا ئوخشاش ئۈنۈم يارىتالايدۇ.ھەتتا بەزى ئىنكاسلارنىڭ قىممىتى شۇ تىمىنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ. شۇڭلاشقا تىمىغا يېزىلىدىغان ئىنكاسلارنى ھەرگىزمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.
ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى داڭلىق تور بەتلىرىدىن « مىسرانىم تورى »، «باغداش تورى »،« ئانا تۇپراق تورى»، « ئەل
كۈيى تورى» قاتارلىق نوپۇزلۇق تور بەتلىرىنىڭ نەچچە يۈزمىڭلاپ تور ئابۇنىتلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشنىڭ سىرىنى،بۇ تورلارغا يوللانغان تىمىلارنىڭ كۆپ خىللىغى ۋە سەر خىللىغىدىنلا ئەمەس، بەلكى تورداشلارنىڭ يازمىلارغا قارىتا ئەجىر سىڭدۈرۈپ يازغان نادىر ئىنكاسلىرىدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.
تورغا بىرەر تىما يېزىپ يوللاشقا ۋاقتىنچە قۇربىتىمىز يەتمىسە ،ياخشى يېزىلغان تىمىلارغا تۆت ئىغىز تاتلىق سۆز بىلەن ئىنكاس يېزىپ تىما ئىگىسىگە مەنىۋىي ئىلھام بەرسەكمۇ تىما ئىگىسىنى خۇشال قىلىپلا قالماي، توردا ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىغىنىمۇ نامايان قىلغان بولىمىز. بىزدە ئەجداتلاردىن قالغان « بۇغداي نېنىڭ بولمىسىمۇ، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ ؟» دېگەن ھىكمەت بار.كۆڭلىمىزگە ياققان، تەپەككۇرىمىزنى زەرەتلىگەن،ئىلھامىمىزنى قاناتلاندۇرغان،قەلبىمىزنى ھاياجانلاندۇرغان تىمىلارنى كۆرگىنىمىزدە ئەڭ ئاددىيسى « ياخشى يېزىپسىز!، قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي!،موشۇنداق ئىسىل يازمىلارنى داۋاملىق يېزىشىڭىزغا تەشنامىز! »دىگەندەك سەمىمىي رىغبەت تىلەكلىرىنى يېزىپ يوللاش-ئادەتتە كۆپ ۋاقىت ياكى كۆپ زېھنى قۇۋۋەت تەلەپ قىلىدىغان تەس ئىشلارمۇ ئەمەس. ئاتايىتەن مۇنبەرگە كىرىپ ياخشى تىمىلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىپ ،يازغۇچىغا بىرەر ئېغىزمۇ رىغبەت سۆزى يازماي چىقىپ كىتىشنىڭ ئۆزى، بىرسى بىر پارچە ئېسىل يېمەكلىك بەرسە كومۇلدىتىپ تازا لەززەتلىنىپ يەپ، رەھمەتمۇ ئىيىتماي پۇلاڭڭىدە كەينىگە ئۆرۈلۈپلا كەتكەندەك بىر ئىش خالاس .
ئاخىرىدا يازمامنى نىمە دەپ ئاخىرلاشتۇرىشنىمۇ بىلەلمەي قالدىم . شۇڭا يازمامغا خاتىمە ئورنىدا ئومەر ئىلى توختى باھادىرخاننىڭ «مىسرانىم تورىدا ئىلان قىلغان « بىز نىمىشقا ئىنكاس يازىمىز» دىگەن يازمىسىنى كۆچۈرپ قويدۇم،چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تورداشلىرىمغا ئەسقىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
بىز نىمىشكە ئىنكاس يازىمىز ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تورىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى، كەمىنە ئۆمەرئىلى توختى باھادىرخان ھەممىڭلارغا دوستلۇق سالامىمنى يوللايمەن. شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغاندىن بۇيانقى ئىنكاس ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمنى كەڭ تورداش دوستلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
مەن مىسرانىم مۇنبىرىگە دەسلەپ ئەزا بولغاندا ئىنكاس يېزىشقا نىسپەتەن چۈشەنچەم ئايدىڭ ئەمەس ئىدى. ئىنكاس يېزىشنى ھىچقانداق ئەھمىيتى يوق، ۋاقىت ئىسراپ قىلىش ۋە تور بەتنى پاخاللاشتۇرۇشتىن باشقا ھىچقانداق رولى يوق، بىكار تەلەپ ئادەملەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى دەپ قارايتتىم. شۇ سەۋەبتىن مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىشكىمۇ خوش ياقماي، ئۇدۇللا كىرىپ كېتىۋىرەتتىم ھەم ئۆزۈمگە يارىغان تىمىلارنى بىر قۇر كۆرىۋىتىپلا يېنىپ چىقاتتىم. كىيىن بۇ ئىشلىرىمنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى، ئىنكاس يېزىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ھىس قىلدىم. ئۇنداقتا ئىنكاس يېزىشنىڭ قانداق زۈرۈز ئەھمىيتى بار، نىمە ئۈچۈن ئىنكاس يازىمىز. بۇ ھەقتىكى چۈشەنچەم تۆۋەندىكىچە:
1.ئۆزىمىزگە يارىغان بىر تىمىنى كۆرگەندىن كىيىن، شۇ تىمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، بىزگە ئېسىل يازمىلارنى يوللاپ، ئەجىر قىلغان تىما ئىگىسىگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈپ قويۇش-بۇ ئەقەللىي ساۋات . ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئەڭ قولايلىق ھەتتا بىردىنبىر ئۇسۇلى ئىنكاس شەكىلدە مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەم رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈش. (مۇنبەر پۇلى ئارقىلىق باھالاشنىڭ ئۈنىمىمۇ ئىنكاس يازغانغا يەتمەيدۇ)
2.مەلۇم بىر تىما ياكى ئىنكاس ھەققىدىكى ئۆزىمىزنىڭ كۆز قارىشىنى ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ قالدۇرىشىمىز كىرەك. مىسرانىم مۇنبىرى ئۇنۋىرسال مۇنازىرە مۇنبىرى. ھەربىر تورداشنىڭ مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىگە خىلاپ گەپ-سۆزلەرنى قىلمىغان ئاساستا ئەركىن مۇنازىرىگە قاتنىشىش ھوقۇقى ھەم بىر ئەزا بولۇش سالاھىيتى بىلەن مۇنازىرىگە قاتنىشىش مەجبۇرىيتى بار. شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ ئىلغار كۆز قاراشلىرىمىزنى چوقۇم ئىنكاس شەكىلدە تور ئەھلىنىڭ كۆرىشىگە قالدۇرۇپ قويىشىمىز كىرەك.
3. مەلۇم تىما-ئىنكاسلاردىكى ئۆزىمىز توغرا ئەمەس دەپ قارىغان كۆز قاراشلارغا نىسپەتەن ئۆزىمىزنىڭ ئىنكار قىلىش پوزىتسىيدىكى كۆز قارىشىمىزنى مۇۋاپىق يوسۇندا، ئىلمىي، قايىل قىلارلىق، دەلىل ئىسپاتى بىلەن، ئەدەب بىلەن ئوتتۇرغا قويساق ئوخشاش مەسىلىگە نىسپەتەن ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەيدانغا چىقىدۇ. بۇ ئۆزىمىز ۋە باشقا تورداشلارنىڭ توغرا دۇنيا قارش تۇرغۇزىشىغا پايدىسى بولىدۇ. بىلىپ بىلمەي مىللەتنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تۆھپە قوشقان بولىمىز.
4.ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ توردا بارلىقىمزنى باشقا تورداشلارغا بىلدۈرەلەيمىز. سىزنىڭ مۇنبەرگە ئەزا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىدىغان تورداشلار كۆپىيىدۇ. ئىنىقلا دوستىڭىز كۆپىيىدۇ. ئالاقە دائىرىڭىز كېڭىيىدۇ. شۇ ئارقىلىق ياردەم-مەسلىھەتكە ئىھتىياجلىق دوستلارغا ياردەم بىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز. ھەممىىز ئىتراپ قىلىمىز-دۇنيادا باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان خۇشاللىق يوق. ئۇنىڭدىن باشقا سىز ياردەم-مەسلىھەتكە ئىھتىياجلىق بولۇپ ياردەم سورىسىڭىزمۇ تورداشلار دانا مەسلىھەتىنى ، قولىدىن كېلىدىغان ياردىمىنى ئايىمايدۇ. بىر دوستۇڭ كۆپەيدى دىگەنلىك ماڭىدىغان بىر يولۇڭ كۆپەيدى دىگەن گەپ.
5.توردا كۆپلەپ مۇنەۋۋەر تىمىلارنى يوللاۋاتقان دوستلارغا نىسپەتەن ئىنكاس شەكىلدە ئىلھام-مەدەت بەرسەك، رەھمىتىمىزنى بىلدۈرسەك، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى ئېشىپ تېخىمۇ كۆپ نادىر تىمىلارنى بىزگە تەقدىم ئېتىدۇ. بۇنچىلىك ئىش ئەلۋەتتە ھەممىمىزنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.
6. باشقىلارنىڭ تىمىلىرىغا نىسپەتەن ، شۇ تىمىغا تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى ئىنكاس شەكىلدە تولۇقلاپ قويساق بولىدۇ. بۇ شۇ ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.
7. مۇ
شائىرە- چاقچاق تىمىسىدىكى تىمىلارغا مۇناسىپ شىئىر -چاقچاقلارنى ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ، قوللايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرسەك ھەم ئۆز تالانتىمىزنى جارى قىلدۇرساق بولىدۇ.
8.ئۆزىمىزنىڭ سەھىپىسى ئۇزۇن، بىرلا قېتىمدا تولۇق يوللاشقا مومكىن بولمىغان تىمىلىرىمىزنىڭ داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىمىز.
9. ئۆزىمىزنىڭ تىمىلىرى ۋە باشقىلارنىڭ بىز ياقتۇرغان تىمىلىرى ئارقا بەتكە ئۆتۈپ كەتكىلى تۇرغان بولسا، ياكى ئارقا بەتكە ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق ئۇ تىمىنى چوققىلاپ قويغىلى بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق بۇ تىمىنى تېخىمۇ كۆپ تورداشنىڭ كۆرىشىگە قولايلىق ياراتقىلى بولىدۇ.
10. باشقىلارنىڭ ئۆزىمىز ياقتۇرغان تىمىلىرىغا ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق، شۇ تىمىنى ئۆز ئارخىپىمىزدا ساقلاپ قويۇپ، كىيىن يەنە لازىم بولغاندا كۆرەلەيمىز.
11.تىمىلارغا ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ بىلىم-ساپايىمىزنى، ئەخلاق-پەزىلىتىمىزنى، دۇنيا-قارىشىمىزنى باشقا تورداشلارغا ئىپادە قىلالايمىز. بۇ ئارقىلىق ھەر جەھەتتىن ئۆزىمىزگە ماس كىلىدىغان دوستلار بىلەن تونۇشۇپ چىقالايمىز.
12.سىز باشقىلارنىڭ تىمسىغا ئىنكاس يازسىڭىز تەبىيلا باشقىلارمۇ سىزنىڭ تىمىلىرىڭىزغا ئىنكاس يازىدۇ. تىما كۆرگۈچىلەر ۋە ئىنكاس يازغۇچىلار بىلەن ئاۋات بولىدۇ.
ئۆزىمىزنىڭ تىما يېزىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ. سۆزلىرىمىز جانلىق، قايىل قىلارلىق، ئىملا خاتالىقىدىن خالىي،مەزمۇنلۇق، مېغىزلىق چىقىدىغان بولىدۇ. نۇرغۇن يېڭى ئەزالار تىما يوللاشنى ئويلىسىمۇ، يازغان تىمىلىرى قاملاشمايۋاتقاندەك، تورداشلارنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدىغاندەك ھىس قىلىپ، (ئەمىلىيەتتىمۇ شۇنداق ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ) تىما يوللاشتىن يالتىيىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئالدى بىلەن ئىنكاس يېزىشتىن باشلاپ، تورغا تىما يوللاشنى مەشىق قىلسا بولىدۇ.
14. ئىنكاس يوللاش ئارقىلىق ماس ھالدا مۇنبەر پۇلىغا ۋە تۆھپە نۇمۇرىغا ئېرىشەلەيسىز. يازما يوللاش-تۆھپە نۇمۇرىغا ئېرىشىشىنىڭ بىردىنبىر (ھىچ بولمىغاندا،ئەڭ ئاساسلىق ) ئۇسۇلى. تۆھپە نۇمۇرىغا ئېرىشتىڭىز دىگەن گەپ- مۇنبەردىكى دەرىجىڭىز ئاشتى دىگەن گەپ. مۇنبەردىكى دەرىجىڭىز ئاشسا-يازغان تىما-ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ تەستىقلىنىش سۈرىتى تىزلىشىدۇ. (مۇنبەرنىڭ مۇشۇنداق تۈزۈمى بار-يوقلۇقنى بىلمەيمەن، بۇ مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم. لىكىن، شۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. سىزمۇ ئىشىنىڭ) ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك مۇنبەر پائالىيەتلىرىگە قاتنىشالايسىز. نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئۆزىڭىزگە قولايلىق ئېلىپ كېلەلەيسىز.
15 .ياردەم-مەسلىھەتكە ئىھتىياجىڭىز چۈشكەندە قانداق ياردەم سوراشنى بىلمىسىڭىز ئاۋات تىمىلارنىڭ بىرىگە كىرىپ، تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، تورداشلاردىن ياردەم سورىسىڭىز ئىنىقلا ياردەمگە ئېرىشەلەيسىز.
16.باشقىلارنىڭ تىما-ئىنكاسلىرىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ يوللىغان ئىنكاسلىرىغا نىسپەتەن رەھمىتىڭنى بىلدۈرۈپ قويسىڭىز، بۇمۇ ئادىمىيلىكنى ئىپادىلەشنىڭ بىرخىل ئۇسۇلى.
ئىنكاس يېزىشنىڭ ئۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بار.
ئۇنداقتا ئىنكاس يازغاندا قايسى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك.
1.تىما-ئىنكاسلارغا نىسپەتەن ئىنكاس يازغاندا شۇ يازمىنى تولۇق ئوقۇپ، ئۆزىڭىزگە ئۆزلەشتۈرۈپ بولۇپ، ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ. ئۆزىڭىزگە پىششىق ئۆزلەشمىگەن تىمىغا قارىتا ئىنكاس يازسىڭىز ئۇنىڭ ھىچقانداق ئۈنىمى بولمايدۇ. ھەتتا باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قېلىشىڭىز، تورداشلارنىڭ ئىنكاس يېزىپ،
تەنقىدلەيدىغان <<ھۇجۇم قىلىش ئوبىكتى>> بولۇپ قېلىشىڭىزمۇ مومكىن.
2.ئىنكاس يازغاندا، سوغۇققان، ئېغىر بېسىق بولۇش، كۆڭۈلدە ئويلىغاننى ئەدەپ بىلەن چۈشىنىشلىك، قايىل قىلارلىق، پاكىتلىق ئىپادىلەش كىرەك.
3.ئىنكاسلار رەھمەت ئېيتىش، قايىللىقنى ئىپادىلەش، مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئاساس قىلىنىشى، ئىنكار قىلىش خارەكتىرىدىكى ئىنكاسلار ئاز يېزىلىشى كىرەك. سىز ئىنكاس يازغان تىمىنى سىز ياقتۇرمىغان بىلەن نۇرغۇن تورداشلار ياقتۇرىشى مومكىن. ھىچ بولىغاندا تىما ئىگىسى خىلى جاپا تارتىپ ئۇ تىمىنى يوللايدۇ. ئۆزىڭىز يىلدا بىرەمۇ تىما يوللىماي، تىما يوللىغانلارنىڭ ئەسىرىدىن زورلاپ قۇسۇر تېپىش سىز-بىزنىڭ پەزىلىتىمىزگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
4. تىما-ئىنكاسلاردىكى كۆز قاراشلارغا رەددىيە بەرمەكچى بولسىڭىز، سۆزلىرىڭىز ئىلمىي، مەدىنىي بولسۇن. يازما ئىگىسىگە ھاقارەت قىلىدىغان، تىللايدىغان ئىشلارنى قىلماڭ. تۆت ئادەم بار يەردە باشقىلار بىلەن تىللىشىپ قېلىشمۇ چوپچوڭ ئادەمگە نىسپەتەن خېلى ئۇياتلىق ئىش. لىكىن سىز دىتىڭىزغا ياقمىغان بىراۋغا ئاغزىڭىزنى بۇزغاندا ئەتراپىڭىزدا يۈز مىڭلاپ توردىشىڭىزنىڭ سىزگە قاراپ تۇرغانلىقى ئېسىڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىسۇن.
5. سىز يازغان ئىنكاسنى تىما ئىگىسىلا كۆرمەيدۇ. يۈز مىڭلىغان تورداشنىڭ ھەتتا مۇنبەرگە تىزىملاتمىغان نۇرغۇن دوسلارنىڭ كۆرىشى ئىنىق. شۇڭا يازغان ئىنكاسىڭىز باشقىلارنى جەلىپ قىلالىغۇدەك بولسۇن،
6. ياخشى يېزىپسىز، رەھمەت، ھوزۇرلاندىم دىگەندەك مەززىسى يوق، قىلىپلىشىپ قالغان ئىنكاسلارنى ئىمكان بار يازماڭ. ئىككى ئېغىز مۇئەييەنلەشتۈرۈش سۆزى تاپالمىغۇدەك سىزنىڭ تىل بايلىقىڭىز ئۇنچىۋالا ئاجىز ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا ھىچقانداق گەپ يوق چىراي ئىپادىسىنىلا يوللاپ قويۇش تازا ياخشى ئەمەس، قانائەتچان تورداشلارغۇ يازمام بۇ توردىشىمغا ياراپتۇ دەپ چۈشىنەر، نازۇكراق تورداش بولسا، سىزدىن <<مېنى كۆزگە ئىلماپتۇ>> دەپ رەنجىپ قېلىشى مومكىن.
7. جىددىي مەسلىھەت-ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قېلىپ، ئامالسىز قالمىسىڭىزلا ، تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يازماڭ.
8. ئىنكاس يازغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى نامايەن قىلىڭ.ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداڭ، ئىملاغا دىققەت قىلىپ، ھەرپلەرنى توغرا بېسىڭ. تىنىش بەلگىلىرىنىڭ رولىدىن ئوبدان پايدىلىنىڭ. ئىنكاسىڭىزنى يوللاشتىن بۇرۇن بىر قېتىم تولۇق بىر ئوقۇپ، تەھرىرلەشكە تېگىشلىك جايلىرى بولسا تەھرىرلىۋىتىڭ.
9.ئۆز تىمىڭىزنىڭ داۋامىنى يېزىش ئىھتىياجى بولمىسا، ياكى تىمىنى تولۇقلاش ئىھتىياجى بولمىسا زىيادە ئۇزۇن ئىنكاسلارنى يازماڭ.
10. مۇنبەر پۇل ۋە جۇغلانمىڭىزنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، قارا-قويۇق ئىنكاس يېزىۋەرمەڭ.
يۇقارقىلار مېنىڭ ئىنكاس ھەققىدىكى ئويلىغانلىرىم. كەم قالغان ياكى ئارتۇق كەتكەن تەرەپلىرى بولسا كەڭ تورداش دوستلارنىڭ قىممەتلەك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىمەن.
قىسقىسى ئىنكاس يېزىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ناھىيتى كۆپ، زىيانلىق تەرەپلىرى يوق دىيەرلىك. شۇنداق بولغانىكەن، يەنە نىمىشقا ئىنكاس يازمايسىز. ئىنكاس يېزىش تەس ئەمەس، ئۇنچىۋالا جىق ۋاقتىڭىزنىمۇ ئالمايدۇ. ئىنكاس يېزىپ قويايلى دوستلار. مىسرانىم مۇنبىرى ھەممەيلەن تەڭ كۈچ چىقىرىپ گۈللەندۈرىشىمىزگە مۇھتاج.