گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 111|ئىنكاس: 2

شائىر ئىبراھىم قۇربان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 21:18:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 111- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


شائىر ئىبراھىم قۇربان

ibrahim kurban.JPG

2013-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شائىر ئىبراھىم قۇربان كېسەل سەۋەبىدىن ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە ۋاپات بولدى. ناماز پېشىندىن كېيىن  ناھىيە مەركىزىدىكى رەستە جامىئەسىدە نامىزى چۈشۈرۈلدى. مېيىتى ناھيىمىز تەۋەسىدىكى ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىقلاردىن بىرسى بولغان قولتۇق قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى. شائىرنىڭ نامىزىغا ئۇچتۇرپان تەۋەسىدىكى  قەلەمكەشلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشتى.
          مەرھۇم شائىر ۋە دىراماتىروگ ئىبراھىم قۇربان 1942-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ يامانسۇ يېزىسىدا  تۇغۇلغان. 1958-يىلىدىن 2003-يىلىغا قەدەر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى، ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىلشىگەن.  شائىر ئۆز ئۆمرىدە 1000 پارچىغا يېقىن شېئىر يازغان بولۇپ، يازغانلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. «سۆيگۈ»،«توي تەنتەنىسى»،«تارىم ناۋاسى»،«سېنى ئۇنتالمايمەن» قاتارلىق كۆللىكتىپ شېئىرلار توپلىمىغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. باشقىلار بىلەن بىرلىكتە«گۈزەللىك ئىلھاملىرى»،«ئايرىلىش» قاتارلىق بىرلەشمە شېئىرلار توپلىمى ئېلان قىلىنغان. 1984-يىلى«يەتتە قىزلىرىم» ناملىق داستانى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. 2006-يىلى مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن «تەڭرىتاغ پەرىشتىلىرى»ناملىق داستانلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە«ھەسرەت»،«ئۇچقۇن»قاتارلىق دىرامىلىرى ئېلان قىلىنىپ، «مۆلجەر تاغ بورانلىرى» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ يەنە «ئۇچتۇرپان خەلق قوشاقلىرى»،«ئۇچتۇرپان خەلقى چۆچەكلىرى»، «ئۇچتۇرپان خەلق ماقال-تەمسىللىرى» قاتارلىق ئۈچ توپلامنىڭ نەشىر قىلىنىشغا تېگىىشلىك تۆھپە قوشقان. شائىر ئاخىرقى ئۆمرىدە  دەم سىقىلىش، زىقچە كانەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەر بىلەن قازا قىلدى.
ئىبراھىم قۇربان جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ «12 مۇقام»ئىلمىي جەمىئىيىتىنىڭ،  شىنجاڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمىئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
شائىرنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرىمىز، ئائىلىسىدىكىلەرگە سەۋر ۋە ياخشىلىق تىلەيمىز.

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 11:08:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنجان مۇھەممەت دېھقانى

سەن ياشايسەن يۈرىكىدە قۇياشنىڭ
(مەرھۇم شائىر ئىبراھىم قۇربان ۋاپاتىغا)

رامىزاننىڭ يىگىرمە ئالتىسىدە،
ساقىدى،
«بەربەر» ئاسمىنىدىن نۇرلۇق بىر يۇلتۇز،
«قولتۇق» مازارىغا.
مۇسىبەتتىن،
چاك-چاك يېرىلدى يەر،
تىترەپ كەتتى «مۆلجەرتاغ ئاتا»
ئۇزۇن-ئۇزۇن ساقاللىرىنى قاماللاپ،
دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ.

كىم سورايدۇ،
«توققۇز بۇلاق»نىڭ توققۇز يەردىن ئېزىلىپ-ئېزىلىپ تۆكۈلگىنىنى،
«سوۋوتقۇ»«ئەشمە بۇلاق»نىڭ ئاھ ئۇرۇپ ،
پۈكۈلگىنىنى.

تېخى!
شېئىر ئاقار ئىدى،
«توشقان دەرياسى»نىڭ زىلال تىنىقلىرىدا.
سۇمۇ ئاقمىدى،
دەرەخلەر چاۋاك چېلىشتىن توختاپ،
كۆك ئاسمان ئۆزىنىڭ يىتۈك شائىرىغا ئاق باغلاپ.

ۋا دەرىخا!
يىرتىلدى يۈرەك،
يىرتىلدى،
ئەزىز ۋەتەننىڭ يۈرىكى.
ھەر بىر شائىرنىڭ يۈرىكى.
«يەتتە قىزلىرىم» ئاجايىپ زەبەردەس قىزلار ئىدى ھە!،
يەتتە ئەڭگۈشتەر بولۇپ چاقنىغان ئەلنىڭ قەلبىدە.
«تەڭرىتاغ پەرىشتىلىرى»،
شۇنچە زىبا گۈللەر ئىدى ھە!
خانتەڭرىنىڭ ئىتەكلىرىدىن،
خۇشبۇي ھىد ئالغان.
ئەلۋىدا!،
سۆيۈملۈك شائىر،
سەن ياشايسەن يۈرىكىدە قۇياشنىڭ.

2013-8-4-كۈنى.

مەنبە:شىنجاڭ يازغۇچىلىرى

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 20:13:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسىبەتنامە
(شائىر دوستۇم ئىبراھىم قۇرباننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن)

سالى ئىبراھىم خالىس

خۇش! دىمەي كىتىپ قاپسەن ئۇ دۇنياغا،
ماڭغانسەن يولدا يەنە شىئېر يېزىپ.
كەلگەندە خىيالىڭغا نازىنىنلەر،
ئۆزۈڭنى باسالمايتتىڭ ئوتتەك قىزىپ.
تەڭرىتاغ ئەسىر بۇدەم مۇسىبەتكە،
مۆلجەر تاغ ئاسمىنىدا چېقىپ چاقماق.
مۇڭلۇنۇپ ئېقىپ توشقان دەرياسىمۇ،
بۇلدۇقلاپ يېشىن تۆكتى توققۇز بۇلاق.
بېغىغا چىللىغانمۇ پەرىشتىلەر،
مەرھابا دىبان تۆھپە-ئەجرىڭ ئۈچۈن.
مەنسۇپدۇر ئۇ دۇنيادا جەننەت ساڭا،
ئىجاددىن ئەلگە بەرگەن بەھرىڭ ئۈچۈن.
پۈتۈلەر نامىڭ تارىخ بەتلىرىگە،
ئۆچمەسكە باسقان قەدەم-ئىزلىرىڭ بار.
بارغۇچى كېلىچەككە سىنى ئېلىپ،
پەرىشتە سۈپەتلىك پاك قىزلىرىڭ(1) بار.
چىقامدۇ ئەستىن يارقىن ئەسلىمىلەر،
ئوينىغان بىللە تارىم بويلىرىدا.
تەڭ كۆرگەن ئەمەسمىدۇق ئەجدات ئىزىن،
كۇچانىڭ سىرلىق جىلغا، تاغلىرىدا.
خوش بولغان ئەمەسمىدىڭ تون كەيگەندە،(2)
يۇمۇرلۇق قىلغان دوستلۇق چاقچىقىمدىن.
مەسىنىپ -سۆيۈنەتتىڭ قېرىنداشتەك،
غۇرۇرلۇق، ۋىجدانلىق ھەم پاكلىقىمدىن.
خوش! ساددا، ئاپئاق كۆڭۈل شائىر دوستۇم،
تارىخى داستانلىرى نادىر دوستۇم.
تىلەيمەن ساڭا جەننەت تەڭرىمىزدىن،
بولغاچ سەن ياخشى نامغا نائىل دوستۇم.
2013-يىل 4-ئىيول كەلپىن

(1) مەرھۇم ئىبراھىم قۇرباننىڭ « تەڭرىتاغ پەرىشتىلىرى » ناملىق تارىخى داستانلار توپلىمى كۆزدە تۇتۇلغان.
(2) 1997-يىلى 18-ئۆكتەبىردە ئۈچتۈرپاندا ئېچىلغان «ئىبراھىم قۇربان ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ 40 يىللىق مۇھاكىمە يىغىنى» غا تەكلىپكە بىنائەن كەلپىندىن تۇردى جاپپار بىلەن ئىككىمىز سوۋغاتقا بىر بادام دوپپا ئېلىپ بارغان ئىدۇق. يىغىن باشلىنىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن شائىر ئابلىز ئوسمان ماڭا «سالىكا دوستىڭىزغا بۈگۈن تون كەيدۈرلىدۇ ئۇنىڭغا بىر چاقچاق قىلسىڭىزچۇ» دىدى، مەن ئابلىز ئوسماننىڭ گىپىنىڭ تۈرتكىسىدە بىر كۇبلىت شىئېر ئويلاپ قويدۇم مۇراسىم باشلىنىپ سوۋغا تەقدىم قىلىش نۆۋىتى كەلپىن ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كەلگەندە مەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىبراھىم قۇربانغا بادام دوپپىنى كەيدۈرۈپ يېرىم سائەت بۇرۇن ئويلاپ قويغان.  
يەتتە قىزنى چوڭ قىلغان ئاتا،
مۇناسىپتۇر زەر تون كىيىشكە.
قىزى بارنىڭ دۆلىتى باركەن،
پاكىت ئېنىق شۇنداق دىيىشكە.
دىگەن شئېرنى ئۇقىۋىدىم زالدا گۇلدۇراس ئالقىش ياڭراپ كەتتى. مەن ئەسلى بۇ شئېرنى ئىبراھىم قۇرباننىڭ بۇ قېتىمقى تون كىيىشىگە مەنبە بولغان « يەتتە قىزلىرىم» داستانىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوقۇغان ئىدىم ئەپسۇس مەرھۇمنىڭ ئالتە قىزى بارلىغىنى ئەسلا بىلمەيتتىم، ئەتىسى ئۇ قېرىنداش ناھىيەلەردىن كەلگەن ۋەكىللەرگە ئۈيىدە قوي ئۆلتۈرۈپ زىياپەت بىرىشكە تەكلىپ قىلدى. بىز ئۇنىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە خانىمى ئالتە قىزى بىلەن بىزنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ ئالدىمغا ئىتتىك كېلىپ قولۇمنى قىسىپ« ھەي ئاداش! ئاخشام مېنى ئوسال قىلدىڭ ئەمەسمۇ، مىنىڭ ئالتە قىزىم بار ئەمەسمىدى، مانا كۆردۇڭمۇ» دەپ بىر توپ قىزلارنى كۆرسىتىپ مەڭزىنى مەڭزىمگە يېقىپ قۇچاقلاپ كەتكەن ئىدى. ئەھۋالنى كۆرگەن خانىمى، قىزلىرى ھەم ۋەكىللەرمۇ قاقاقلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتكەن ئىدى.  
ئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ پىنسۇنېرى
تېلىفۇن: 15309975106
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:47 , Processed in 0.226670 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش