گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 401|ئىنكاس: 3

مىڭ بىر ئويدا ياپتىم كىتاپنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

54

تېما

1

دوست

1012

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 19:14:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 401- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


مىڭ بىر ئويدا ياپتىم كىتاپنى
( ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ « باھادىرنامە » ناملىق رومانىنى ئوقۇپ )

موھەممەتجان سەيدۇللا

مىڭ بىر ئويدا ياپتىم كىتاپنى ،
ياپتىم ، ئەجەپ بىر بەت ئېچىلدى .
يىغالماستىن يۈرسەم زېھنىمنى ،
چېچىلدى ، ئاھ ... يەنە چېچىلدى .

كىم ئۇ ئۇرغان ئاتىغا خەنجەر ؟
شاھ ئورنىغا ئولتۇرماق بولۇپ .
قېرىنداشنىڭ كۆزىن ئويغان كىم ؟
سەلتەنەت دەپ دەرغەزەپ بولۇپ .

سانسىز لەشكەر ، بىر توپ قېرىنداش ،
يېغى قىلار بۇ دەم تالادا .
(ئۇرغان ئىدىم ئاتقا بىر قامچا ،
قولۇم لەيلەپ قالدى ھاۋادا ).

سەپ ئالدىدا يۈرگەن ئاق ئاتنى ،
نە بولۇردى ئۆزۈم بىر مىنسەم ؟
چەكسىز كەتكەن ۋەتەن قوينىدا ،
ۋەتەن ئۈچۈن ئۆرتەنسەم ، كۆيسەم ...

خاتا چاپقان ئاشۇ ئاتلارغا ،
ئېسىلارمەن ، يەنجىلەرمەن دەم .
ساتقان كەبى ئۆزنى ياتلارغا ،
نادامەتتە ئۆرتىنەرمەن ھەم .

نېمە بولدى ، نېمىلەر بولدى ؟
شاھ بولماقچى بولغان شۇ ئەرلەر .
نېمە بولدى ، نېمىلەر بولدى ؟
نىزا ئىچرە قالغان ئۆز ئەللەر ...

مەنبە- بوزتاغ مۇنبىرى  

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

54

تېما

1

دوست

1012

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 19:15:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتنىڭ غورورى ياسىنجان سادىق،
ئو شۇنداق تىلشۇناس تارىخچى ناتىق.
تەڭداشسىز بىر گۇھەر باھادىرنامە،
گۇھەردىن ئەتىۋا باھاغا لايىق.

موھەممەتجان سەيدۇللا دېسە ،
ئاتۇش تېغى كەلدى ئالدىمغا،
بالدىن لەزىز نەزمىنى ئوقۇپ،
ئەنجۇرلۇق باغ كەلدى يادىمغا.

دوسلۇقۇڭلارغا كۇز تەگمىسۇن  ئەزىزلىرىم!!! بو دۇنيادا بىر-بىرىنى ئېتراپ قىلىش ،ئەمگىگىنى قەدىرلەشتىنمو ئارتۇق دوسلۇق بولمىسا كېرەك !!!

78

تېما

22

دوست

4262

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 13:38:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز،ئاللاھنىڭ سالىمى سىزگە بولسۇن!

16

تېما

2

دوست

640

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 22:59:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئامىنە ئاچا، مەن سىزدەك ئوت يۈرەك شائىرەدىن پەخىرلىنىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:53 , Processed in 0.257156 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش