گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 352|ئىنكاس: 1

مۇزلىغان شەھەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

436

تېما

3

دوست

5689

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 22:59:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 352- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


مۇزلىغان شەھەر
(ئۈرۈمچىنىڭ قىشى)

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

مۇزلاق كوچىنىڭ تاملىرى قىيسىق،
مەھزۇن شەھەرنىڭ دەملىرى سىقىق .
بۇلۇڭ – پۇچقاقنى قويماي چارلىدى –
     قىشىنىڭ ساقچىسى چېلىپ ئىسقىرىق .
كۈننىڭ ئەسىرى يوق، ھاۋا تۇمانلىق،
يەرلەر تىترىشۇر، مۇزلىغان جانلىق .
ھەر نە شادلىقنىڭ جۇدادۇر ھايات،
ئاڭلىنار ھەر ئۈن مۇڭلۇق، پىغانلىق .
كۆزلەر غەزەپلىك، قاپاقلار تۈرۈك،
ھاياتنىڭ دېمى سىقىق ۋە ئۈزۈك .
مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىرلاپ
     ئاچچىق ئۈن بىلەن چالاتتى گۈدۈك .
تۇرخۇن تۈۋىدە يىرتىق كۆن ئۆتۈك،
چورۇق تىترەيدۇ تاپىنى تۆشۈك .
مەسۇم گۆدەكلەر چىرايى سېرىق،
قوللار سۇنۇلغان، بويۇنلار بۆكۈك .
دوقمۇش – دوقمۇشتا چولاق كەتمەنلەر،
دوغدىيىپ يۈرگەن يىرتىق چەكمەنلەر .
پارچە نانغا زار، تېلىققان كۆزلەر،
چەرخلىرى سۇنۇق يەمسىز تۈگمەنلەر .
مۇزلارمىش شەھەر، مۇزلارمىش ھېسار،
قوۋۇقلار سۇنۇق، كونا بىر مازار .
شەھەر ئۈستىدە لالما بۇلۇتلار
ئوزۇق ئىزدىشىپ قىلىدۇ شىكار .
كۆزلەر غەزەپلىك، قاپاقلار تۈرۈك،
ھاياتنىڭ يىپى ئۇلاق يا ئۈزۈك .
مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىرلاپ
ئاچچىق ۋارقىراپ چالىدۇ گۈدۈك !

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

5

تېما

4

دوست

886

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 00:34:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق نادىر تىمىلار بىلەن ئۇچراشتۇرغان خۇشخۇي ئەپەندىگە كوپرەخمەت .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:49 , Processed in 0.149043 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش