بىر قىسىم سىرلىق ئاراللارنى بىلەمسىز؟
ئەزرائىل ئارىلى:
كانادانىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ھىچنىمە ئۈنمەيدىغان يالغۇز ئارال شىبەيئېر ئارىلىدا قاتتىق كۆك تاشتىن باشقا، ھىچقانداق ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك يوق. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ كىچىك ئارال ئەتراپىغا پاراخوت يېقىنلاشقان ھامان پاراخوتنىڭ كومپاسى ئۇشتۇمتۇت ئىشلىمەس بولۇپ قالىدىكەن، پاراخوت بولسا خۇددى سېھىرلەنگەندەك ئىختىيارسىز ئارال تەرەپكە يۈرۈپ كېتىدىكەن، ھەم خادا تاشقا ئۇرۇلۇپ چۆكۈپ كېتىدىكەن، شۇڭا، بۇ ئارال «ئەزرائىل ئارىلى» دەپ ئاتالغانىكەن.
يىغلاڭغۇ ئارال:
تېنچ ئوكياندا ئايلانمىسى نەچچە كىلومېتىرغا يەتمەيدىغان بىر كىچىك قاقاس ئارال بولۇپ، بۇ ئارالدىن كېچە- كۈندۈز «يىغا- زارە» ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن. بەزىدە بۇ ئاۋاز كۆپچىلىك ھۆڭرەپ يىغلىغاندەك چىقسا، بەزىدە قۇشلار، ھايۋانلار ئېچىنىشلىق نالە- زارە قىلغاندەك چىقىپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن پاراخوتتىكى كىشىلەرگە سىرلىق، قورقۇنچلۇق، ھەسرەتلىك تۇيغۇ بېرىدىكەن. بۇ ئاۋازنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقى ھازىرغا قەدەر بىر سىر ئىكەن.
ساياھەتچى ئارال:
كانادانىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى ئاتلانتىك ئوكياندا سابلې ناملىق بىر ئارال بار. ھەر قېتىم دېڭىز يۈزىدە بوران چىققاندا، بۇ ئارال خۇددى يەلكەنلىك كېمىدەك ئەسلىدىكى جايىدىن قوزغىلىپ، دېڭىزدا «ساياھەت» قىلىدىكەن. بۇ ئارالنىڭ شەرق- غەرب ئۇزۇنلىقى 40 كىلومېتىر، جەنۇب- شىمال كەڭلىكى 1.6 كىلومېتىر بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 80 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دېڭىزدا چىققان شامال كېچە- كۈندۈز «ئۇچۇرۇپ» تۇرغاچقا، 200 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان بۇ ئارال شەرققە 20 كىلومېتىر «ساياھەت» قىلغان، ئوتتۇرىچە يىلىغا 100 مېتىر يۆتكەلگەن. بۇ ئارال يەنە دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك «پاراخوت چۆكۈپ كېتىدىغان ئارال» بولۇپ، بۇ يەردە چۆكۈپ كەتكەن پاراخوت ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 500 نەچچىگە يەتكەن. ئۆلگەن ئادەم سانى 5000 دىن ئاشقان. شۇڭا بۇ ئارال ئەتراپىنى «ئاتلانتىك ئوكيان قەبرىستانلىقى»، «پاراخوت قاتىلى»، «ئالۋاستى ئارال» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغان. جەنۇبىي قۇتۇپ دېڭىز ساھىلىدىكى پروۋى ئارىلى تېخىمۇ سىرلىق. بۇ ئارال دېڭىز دولقۇنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئەھۋالدىمۇ ئۆزلۈكىدىن مېڭىپ كېتىۋېرىدۇ. 1793- يىلى، فرانسىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيەچى پروۋى تۇنجى قېتىم بۇ ئارالنى بايقىغان، ھەم ئۇنىڭ ئېنىق ئورنىنى ئۆلچىگەن. ئەمما، 100 نەچچە يىلدىن كېيىن نورۋىگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بۇ ئارالغا چىققاندا، ئۇنىڭ غەربكە 2.5 كىلومېتىر يۆتكەلگەنلىكىنى بايقىغان.
ئەرۋاھ ئارال :
1831- يىلى7- ئاينىڭ 10- كۈنى، جەنۇبىي تېنچ ئوكياندىكى تونگا پادىشاھلىقىنىڭ غەربىي دېڭىز ساھىلىدا، دېڭىز ئاستىدىكى يانار تاغ پارتلاش سەۋەبىدىن بىر كىچىك ئارال پەيدا بولغان، يانار تاغنىڭ ئۆزلۈكسىز پارتىلىشى بىلەن، ئۇ تەدرىجىي ئېگىزلىكى 60 نەچچە مېتىر، ئايلانمىسى 5 كىلومېتىر كېلىدىغان ئارال بولۇپ شەكىللەنگەن. ئەمما، ئۇزاققا قالماي ئۇ خوددى ئەرۋاھتەك ئوكيان يۈزىدىن غايىپ بولغان. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، يەنە ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشچە، 1890- يىلى، بۇ ئارال دېڭىز يۈزىدىن 49 مېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلگەن، 1898- يىلىغا كەلگەندە، دېڭىز ئاستىغا يەتتە مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكۈپ كەتكەن. 1967- يىلى12- ئايدا، يەنە بىر قېتىم ئوكيان يۈزىگە كۆتۈرۈلۈپ چىققان، 1968- يىلىيەنە ئىز- دېرەكسىز غايىپ بولغان. 1979- يىلى6- ئايدا، قايتا ئوكيان يۈزىدە پەيدا بولغان. بۇ ئارال كۆپ قېتىم پەيدا بولۇپ، ئارقىدىن يەنە غايىپ بولۇپ تۇرغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «ئەرۋاھ ئارال» دەپ ئاتاشقان.
ئايلىنىدىغان ئارال:
غەربىي ھىندى ئوكياندىكى تاقىم ئاراللار ئىچىدە ئىنسى- جىن يوق بىر كىچىك ئارال بار، بۇ ئارالدا سازلىق كۆپ. غەلىتە يېرى، ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن، يەر شارى ئۆز ئوقىدا ئايلانغاندەك ئۆزلىكىدىن ئايلىنىپ تۇرىدىكەن. بۇ ئارالنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئەڭ تېز بولغاندا مېنوتىغا بىر قېتىم، ئەڭ ئاستا بولغاندا 12 مىنوتتابىر قېتىم ئايلىنىدىكەن. يەنە كېلىپ، ئەزەلدىن تەتۈر ئايلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىكەن.
مەنبە:ئەزىزە تورى |