ئۇيغۇرلاردا سەيلە مەدەنىيىتى
سەيلە __ بۇ، ئەمگەكچى خەلىق ئاممىسىغا خاس بولغان ئاممىۋى خارەكتىرلىك كۆڭۈل ئىچىش پائالىيىتىدۇر.
ئۇنىڭ پەسىل خارەكتىرىمۇبۇنى ئىسپاتلايدۇ.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ، قەدىمدىن تارتىپ ھەر يىلى چوڭ- كىچىك بولۇپ ھەر يىلى 3 قىتىم باھار-ياز، كۈز دە سەيلىلەر ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن.
مەن تۆۋەندە بۇ سەيلىلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
1.قىزىل گۈل سەيلىسى، بۇ ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىن كىيىن تىرىلغۇ ئەمگىگىنىڭ ھاردۇغى سۈپىتىدە 5- ئايدا ئۆتكۈزىلىدۇ.
2.باغ سەيلىسى، بۇ يازلىق مىۋە پىشقان، بۇغداي سىرىقتال بولغان مەزگىللەرگە(6-ئاينىڭ ئاخىرى 7- ئاينىڭ باشلىرىغا )توغرا كىلدۇ.
3.قوغون سەيلىسى. بۇ يازلىق زىرائەتلەرنى ئىلېنىپ بولغان ،كۈزلۈك تىرىلغۇنىڭ ئالدىدا (قوغون پىشقاندا 9- ئايدا) ئۆتكۈزىلىدۇ.
ھەر بىر سەيلىنىڭ ۋاقتى بىر ھەپتىدىن ئۈچ ھەپتىغىچە بولىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە قىزىل گۈل سەيلىسى بىلەن قوغۇن سەيلىسى چوڭ داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزىلىدۇ ،كۆلىمى بىر شەھەر.ياكى بىر ۋىلايەت بويچە ئۆتكۈزىلىدۇ.
سەيلىنىڭ تارىخ ناھايىتى ئۇزۇن بەزى تارىخى ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلار قەبىلە بولۇپ ياشاۋاتقان دەۋىرلەردىمۇ قەبىلىلەر بويچە يىلدا ئۈچ قىتىم ( باھار،ياز،كۈز)سەيلىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇسەيلىلەردە ھەرخىل ئەدەبى پائالىيەتلەردىن باشقا ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق ئۇيۇنلارمۇ بولغان، قەبىلە باشلىقلىرى بۇ سەيلە بايراملارنى ئۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىدىغان،قەبىلىگە ئائىت چوڭ ئىشلارنى ئۇختۇرىدىغان سورۇنلارغا ئايلاندۇرغان.
سەيلىنىڭ ئىجتىما خارەكتىرى كۈچلۈك،دائىرىسى كەڭ. سەيلە مەزگىللىرىدە كىشىلەر بىرەر چوڭ شەھەرنىڭ مەنزىرىلىك جايلىرىغا،ياكى موھىم خاتىرە ئۇرۇنلىرىغا ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان كىيىملىرىنى كىيىشىپ ،ئوزۇق -تۈلۈك جۆندەپ ئالدىن تەييارلىنىپ كىلىشىدۇ. سەيلە مەيدانلىرىدا راۋاپچىلار قوشاق ۋە داستانلارنى ئوقۇيدۇ،مەدداھلار ھىكايە سۆزلەيدۇ.داۋازلىق،سىھرىگەرلىك ئۇيۇنلىرى ئوينىلىدۇ.نەغمە -ناۋا قاينايدۇ.
سەيلە ئىچىدە قزىل گۈل سەيلىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىگى بار، خىلمۇ كۆپ، ئۇنىڭ موھىم بىر ئالاھىدىلىگى شۇكى: سەيلە باشلىنىشى بىلەنلا قىز- يىگىتلەر يىڭى ئىچىلغان گۈللەردىن گۈلدەستە تەييارلاپ بىر -بىرىگە سۇنىشىدۇ،گۈل مەدھىيىسى ئارقىلىق ئۆز ئارا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىدۇ.
مەسىلەن:
ئاق تىكەندىن شىكەر ئالدىم،
كۆك تىكەندىن لەيلىگۈل.
سەن يارىڭغا ئالما بەرسەڭ،
مەن يارىمغا دەستە گۈل.
دەستە گۈلنى يارغا بەردىم،
غۇنچىسى بەرگى بىلەن.
سەن تىخى نادان ئىكەنسەن،
مەن تىخى ۋەدەم بىلەن.
يىراق جايلارغا بولسا گۈل دەستىلەر ئەۋەتىشىدۇ، قىزلار خالىسا گۈلنى چىكىسىگە قىسىۋالىدۇ خالىمىسا قايتۇرىۋىتىدۇ،گۈلدەستىلەر بىلەن پىراقنامىلەر ئەۋەتىلىدۇ،بەزىدە گۈل دەستىلەر بىلەن سامان دانلىرىمۇ ئەۋەتىلىدۇ. گۈل بولسا ئەۋەتكۈچىنىڭ سۆيگۈ ئۈمىدى بولۇپ سامان بولسا سېنىڭ دەردىڭدە ياكى سىنى سىغىنىپ چىرايىم ساماندەك ساغىرىپ كەتتى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
مەسىلەن:
مۇھەببەت نامە قىلدى بۇ گدايىڭ،
دىگەچ قۇللۇق سالام بىرلە بۇ دۇئايىڭ.
مېنىڭدە قالمىدى سابرۇ-قارارىم،
سىنىڭ ھالىڭ نىچۈك ئەي مېھرىۋانىم.
بايان قىلسام ساڭا بۇ ئارزۇ- ھالىم،
قېشىڭغا بارغىلى پىكرى- خىيالىم،
ئۆزۈم مۇندا خىيالىم سەندە يارىم،
ساڭا مەلۇم ئەمەس بۇ مىنىڭ ھالىم.
ئەگەر بىلسەڭ بۇ ھالىمنى نىگارىم،
ساماندەك ساپ-سىرىق بولدى چىرايىم.
سېزىپ كەتتى بۇ تەندىن ئۇستىخانىم، |