گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 1638|ئىنكاس: 17

تۈركزات:بىر غەزەلگە يەتتە تەخمىس

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

73

تېما

6

دوست

3189

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تەكلىپلىك يازغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 22:00:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 1638- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


bir gazalga yatta tahmis.jpg

مەرھۇم شائىر،يازغۇچى،ئالىم ئابدۇرىھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىجادىيىتىنىڭ تۈرى،قىممىتى،ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنى ۋە كىتاپخانلار قەلبىدىكى ئوبرازى،خەلقنىڭ ھۆرمىتى ۋە قايىللىقى جەھەتتىن ناھايىتى يۇقۇرى نوپۇزغا ئېرىشكەن گىگانت ئەدىپلىرىمزنىڭ بىرى.ئۆتكۈر ئەپەندىم ئەسەرلىرىنىڭ ژىيانىرى  كۆپ خىل بولغاندىن سىرت،ھەر بىر ئەسەردە تاللىغان تىما ئاكتىۋاللىققا،مەزمۇن چوڭقۇرلۇققا،قۇرۇلما مۇكەممىللىككە،پىكىر تىرەنلىككە ئېگە.شائىرنىڭ شېئىرلىرى ئىچىدە ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان شېئىرلىرىمۇ زور سالماقنى ئېگەللەيدۇ.ئۇنىڭ غەزەللىرىنى تىما تاللاش،شەكىل، تىل ئىشلىتىش،ئوي-پىكىرنى سەنئەتلىك ئىپادىلەش،شېئىرنى كۆپ قاتلاملىققا،قاراتمىلىققا ئېگە قىلىش جەھەتلەردە شۈبھىسىز ئۇيغۇر غەزەلچىلىكىنىڭ نەمۇنىسى دېيىشكە بولىدۇ.شۇ سەۋەپتىن شائىر ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ كۆپلىگەن غەزەللىرىگە زامانداش شائىرلاردىن،ئوتتۇرا ياش ۋە ياش شائىرلارغىچە تەزمىن،تەخمىسلەر يېزىشتى.ئۇنىڭ «ئىز»قاتارلىق بىر نەچچە غەزىلىگە  بىر ئەمەس بىر قانچە شائىر تەرىپىدىن تەخمىس يېزىلدى.شائىرنىڭ «ياخشى»ناملىق غەزىلىمۇ شائىرلار ھازىرغىچە توختىماي تەخمىس يېزىشىۋاتقان ئولمەس غەزەللىرىنىڭ بىرى بولۇپ،ھازىرغىچە يېزىلىپ مەبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنغېنىدىن مېنىڭ كۆرگېنىم يەتتە پارچە.يېزىپ ئىلان قىلىنغانلىرىدىن مېنىڭ كۆرمېگىنىم،يېزىلىپ ئىلان قىلىنمىغانلىرى يەنە بولىشى مۇمكىن.مەن «ياخشى»ناملىق غەزەلگە يېزىلغان  يەتتە شائىرنىڭ تەخمىسىنى ئىلان قىلىنغان مەنبە بويىچە،ئەينەن يوللاپ قويدۇم.بۇنى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئارۇز ۋەزنى،جۈملىدىن تەخمىسچىلىك نەزىريىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ بېقىشقا بولىدىغان ۋەزنى بار بىر تىما دەپ قارايمەن.شۇڭا تورداشلارنىڭ «ياخشى»ناملىق غەزەلگە باشقا شائىرلار تەرىپىدىن يېزىلىپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ مەن كۆرۈشكە مۇشەررەپ بولاللمىغان ياكى يېزىلىپ ئىلان قىلىنمىغان تەخمىسلەر بولسا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇشىنى ياكى مەنبە توغۇرسىدا ئۇچۇر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


باسقان ھەر قەدەمنى پارات دېگۈلۈك،ئۇ بىلىم-ئادەمگە قانات دېگۈلۈك.
ھاسىلات-يەكۈنسىز ئۆتكەن ئۆمۈرنى،ماتەمى يۇشۇرۇن مامات دېگۈلۈك.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

73

تېما

6

دوست

3189

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تەكلىپلىك يازغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 22:06:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روزى سايىت
ياخشى

(ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە مۇخەممەس)


جىمىنىڭ نەمۇ-ئەمالى ئۈچۈن ئادىل باھا ياخشى،
ئۇنى زاھىر قىلۇرغا راست قەلەم نەپئى-داۋا ياخشى،
قېنى تىڭشاڭ،كۆرۈڭ ھەر ئىش ئۈچۈن شاھىد-گۇۋاھ ياخشى،
تىرىكتاپ قاغا-قوزغۇنھا جاھانسازلىق ھاۋا ياخشى،
سەھەر گۈلشەندە بۇلبۇلغا ياقا يىرتىپ ناۋا ياخشى.

     ئۆزىنى،پۇشتىنى،ئەل-يۇرتىنى ئويلايدۇ ئاقىللار،
ئۆيى ئەتراپىدىن سىرتقا نەزەر سالمايدۇ جاھىللار،
كۈچى بىھۇدە بىر ئىزدا تۇرۇپ «چامدايدۇ» ھارغىنلار،
كېرەكمەس يالتىراق شۆھرەت بىلەن مەستانە غاپىللار،
ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشىنا ياخشى.

مەئىشەت ئالىمى قىستاڭ كۆرۈنگەچ نەسپى پىرئونغا،
كى دەۋۋاجى كېپەن بولدى،قاراڭ بۇ چەرخى گەردۇنغا،
مۇھەببەت دەشتى جەننەتتۇر ھايات پەرھاتقا،مەجنۇنغا
       تېگىشمەس جەندىنى ئاشىق ياقاسى زەر تاۋار تونغا،
   كې دىلبەر ۋەسلىدە سەرسان قەلەندەرگە كۇلا ياخشى.

ماڭا ئەۋزەل پۇچۇق نان كەلسە پاك تەر،ئەجرۇ مېھنەتتىن،
مۇراد شۇ:بولسا باغ-گۈزار ئېلىمنىڭ قوينى مىھنەتتىن،
يېراقمەن تەر-ئەجرىسىز «نەپ»تەمەسى-غەيرى مىننەتتىن،
قەسەمبىللا تامايىم يوق بەھەيۋەت قەسرۇ زىننەتتىن،
پىشانەم تەرىدىن پۈتكەن بى مىننەت بورىيا ياخشى.

دەڭا،پەرۋانە ئوت ئۆزرە يىقىلدى نە ئالامەتتۇر؟
كۆيۈپ جىسمى يوقالدى ئۇ بەخىتلىك  يا ھاماقەتتۇر،
بىلىپ كۆيگەنگە كۆيمەكنىڭ جاپاسى پەيزى راھەتتۇر،
مېنىڭ تاجسىز ساياق باشىم ئۆزۈمگە تاجۇ-دۆلەتتۇر،
ئەركسىز پادىشاھلىقتىن جاھان كەچتى گادا ياخشى.

«جاپا ياخشى»،ئاشۇ چەككەن جاپادىن كۆرسە ئەل مەنپەئەت،
(ئۇنىڭسىز كۆز يۇمۇلغايمۇ جاھاندىن ئەيلىسەڭ رەھلەت؟)،
مۇرادىم كۈلدى شەپقەت دىلبىرى بولغاچقا يار-ئۈلپەت،
نەھاجەت جەننەتۇل مەئۋا،ۋەتەننىڭ قوينى بىر جەننەت،
بېلىق دەريادا ئەركىندۇر،لاچىنغا كەڭ ساما ياخشى.

قانات يېشىلدى،ئەركىن ئۇچقىلى پەيت ئىختىيارىمدا،
ئەمەس ئۆتكەنگە،ئالدىمغا قاراش بار دىل قارارىمدا،
مۇھەببەتلىك ئىشەنچ كۆردۈم زامان ئاتلىق نىگارىمدا،         
مالامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا،
       بوسۇقتىن داجىماس ئىتتەك ماڭا ئەھدۇ-ۋاپا ياخشى.

مەنبە:شائىرنىڭ «مۇھەببەتتتىن پۈتكەن ناخشىلار» توپلىمى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-17 22:11  

باسقان ھەر قەدەمنى پارات دېگۈلۈك،ئۇ بىلىم-ئادەمگە قانات دېگۈلۈك.
ھاسىلات-يەكۈنسىز ئۆتكەن ئۆمۈرنى،ماتەمى يۇشۇرۇن مامات دېگۈلۈك.

73

تېما

6

دوست

3189

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تەكلىپلىك يازغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 22:14:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇنجان ئىسلام
ياخشى

(ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە مۇخەممەس)


ھامان تورغاي ئۈچۈن خەندان ئۇرۇشقا كەڭ دالا ياخشى،
كۆيۈپ كۈل بولسىمۇ پەرۋانىغا شەمئى،زىيا ياخشى،
چۈمۈلىگە ئۆزى قازغان ئاشۇ زەي،تار كامار ياخشى ،
تىرىكتاپ قاغا -قۇزغۇنغا جاھانسازلىق ھاۋا ياخشى ،
سەھەر گۈلشەندە بۇلبۇلغا ياقا يىرتىپ ناۋا ياخشى.

      شېخىدا گەر تىكەن،بۇلبۇل ھامان ئاشىق قىزىل گۈلگە،
بەخت-جاناننى دەپ چۆككەن رىيازەت،رەنجى بۇلبۇلغا،
مۇھەببەت شادلىقى بىرلە جاپا – مېھنەت كېلەر قولغا،
       تېگىشمەس جەندىنى ئاشىق ياقاسى زەر تاۋار تونغا،
   كې دىلبەر ۋەسلىدە سەرسان قەلەندەرگە كۇلا ياخشى.

ياناركەن ئەل-ۋەتەن ئىشقى بىلەن ئاتەش بولۇپ دىللار،
ياپار يۇرت ئۈستىگە زەر تون ئۇلۇغ ئەمگەك سويەر قوللار،
ياشار قان قاقشىتىپ ئەلنى كى ئەقلى نەپسىچۈن قۇللار،
كېرەكمەس يالتىراق شۆھرەت بىلەن مەستانە غاپىللار،
ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشىنا ياخشى.

تاپار رىسقىنى چىن ئىنسان جاپالىق ئەجرى مېھنەتتىن،
تۆكۈپ تەر چاينىغان زاغرا لەزىزدۇر،ئەجرىسىز قەنتتىن،
ئاشاركىم ھۆرمىتىڭ خەلققە قىلىنغان تۆھپە خىزمەتتىن،
قەسەمبىللا تامايىم يوق بەھەيۋەت قەسرۇ زىننەتتىن،
پىشانەم تەرىدىن پۈتكەن بى مىننەت بورىيا ياخشى.

جاھاننى ئاختۇرۇپ چىقسام كۆڭۇلنىڭ كۆزىدە مىڭ رەت،
تېپىلماس بىر دىيار سەندەك بېرەرگە دىلغا زوق،لەززەت،
تېشى ئالتۇن،گۈلى ئەنبەر،يېرى مۇنبەت،سۈيى شەربەت،
نەھاجەت جەننەتۇل مەئۋا،ۋەتەننىڭ قوينى بىر جەننەت،
بېلىق دەريادا ئەركىندۇر،لاچىنغا كەڭ ساما ياخشى.

كۆتۈرمەك ئەلنى باشىمدا ماڭا ئەڭ زور پەزىلەتتۇر،
بېشىغا مېنمىكىم ئەلنىڭ-ھېساپسىز رەنجى كۈلپەتتۇر،
ۋەتەننىڭ خىزمىتىن قىلماق سائادەت،بەك غەنىمەتتۇر،
مېنىڭ تاجسىز ساياق باشىم ئۆزۈمگە تاجۇ-دۆلەتتۇر،
ئەركسىز پادىشاھلىقتىن جاھان كەچتى گادا ياخشى.

         ھاياتلىقتا ياشاپ ئۆتسەم تۇرۇپكىم ئۆز قاتارىمدا،
يۇمۇلغان چاغدا كۆز،ياتسام سوزۇپ پۇت ئۆز مازارىمدا،
تۇرۇپ ئەتلەس سېتلساممۇ ماتا بوپ ئۆز بازارىمدا،
مالامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا،
       بوسۇقتىن داجىماس ئىتتەك ماڭا ئەھدۇ-ۋاپا ياخشى.

مەنبە: «ئارزۇ بوستانى»تەخمىسلەر توپلىمى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-17 22:17  

باسقان ھەر قەدەمنى پارات دېگۈلۈك،ئۇ بىلىم-ئادەمگە قانات دېگۈلۈك.
ھاسىلات-يەكۈنسىز ئۆتكەن ئۆمۈرنى،ماتەمى يۇشۇرۇن مامات دېگۈلۈك.

73

تېما

6

دوست

3189

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تەكلىپلىك يازغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 22:18:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكبەر نىياز پەتتارى
ياخشى

(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس)


مەگەر ئادەم بىتاپتۇركى مېھىر ئاتلىق داۋا  ياخشى،
ئازاپتۇر بەلكى يالغۇزلۇق قاياش-دوست باشپاناھ ياخشى ،
كۆرۈمسىز بولسىمۇ ئاخىر ئاتا بىرلە ئانا  ياخشى،
تىرىكتاپ قاغا -قۇزغۇنغا جاھانسازلىق ھاۋا ياخشى ،
سەھەر گۈلشەندە بۇلبۇلغا ياقا يىرتىپ ناۋا ياخشى.

       ساخاۋەتنى ئۇدۇم قىلغان جاھاندا بارچە ئاقىللار ،
ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغان يېتىشكەن قانچە قابىللار،
       بۇ ھەقتە سۆزلىسە،ئەپسۇس،چۈشەنمەس قىلچە جاھىللار،
      كېرەكمەس يالتىراق شۆھرەت بىلەن مەستانە غاپىللار،
ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشىنا ياخشى.

بولالماس پەر كۈمۈش ھەم مىس ئەزەلدىن دۇرغا-ئالتۇنغا،
سەمەندەر بولمىغاي پەرۋان ئۆزىن ئۇرسىمۇ  يالقۇنغا،
         گۈزەل،ئۇز لەيلىسى،زۆھرە شۇڭا تاھىرغا،مەجنۇنغا،
تېگىشمەس جەندىنى ئاشىق ياقاسى زەر تاۋار تونغا،
   كې دىلبەر ۋەسلىدە سەرسان قەلەندەرگە كۇلا ياخشى.

يۈرەكتە ئوت-تۇمارىم بار خەلق بەرگەن مۇھەببەتتىن،
ئاشۇ سۆيگۈ مەدەتكارىم ئۆتۈشتە ھەر مۇشەققەتتىن،
شۇڭا ئامەت،بەخت نەدە شاكال سۆلەت،قۇرۇق گەپتىن،
قەسەمبىللا تامايىم يوق بەھەيۋەت قەسرۇ زىننەتتىن،
پىشانەم تەرىدىن پۈتكەن بى مىننەت بورىيا ياخشى.

بېرىپ مېۋە دەرەخ باشىن ئېگەر بۇ پەزلى ھۆرمەتتۇر،
         ئۇنىڭغا شان،قەدىر پۈتكەن ئانا يەر مىسلى قۇدرەتتۇر،
نىھايەت چۆل ئارا قالماق تېپىلماس كاتتا پۇرسەتتۇر،
مېنىڭ تاجسىز ساياق باشىم ئۆزۈمگە تاجۇ – دۆلەتتۇر،
ئەركسىز پادىشاھلىقتىن جاھان كەچتى گادا ياخشى.

           تۇغۇلغان يۇرت ئەزىز شۇنچە ئۇنىڭ ھەر تاشلىرى زۇمرەت،
گىياھلاردا كۈلەر ئەترە،ئېقىن-دەريالىرى شەربەت،
          شۇڭا كۈن-تۈن پىكىر،يادىم كۆيۈك-ئىشقى بىلەن ئۈلپەت،
نەھاجەت جەننەتۇل مەئۋا،ۋەتەننىڭ قوينى بىر جەننەت،
بېلىق دەريادا ئەركىندۇر،لاچىنغا كەڭ ساما ياخشى.

گويا گۈلدەك ياشاپ كەلدىم ۋەتەن بەرگەن باھارىمدا،
ئۇلۇغلاپ كۈي تۆكۈپ كەلدىم راۋاپ،تەمبۇر،ساتارىمدا،
       ۋەتەننى دىلغا جا قىلدىم،بەخت بۇ ئىشتا-كارىمدا،
مالامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا،
        بوسۇقتىن داجىماس ئىتتەك ماڭا ئەھدۇ-ۋاپا ياخشى.

مەنبە:ئاپتۇرنىڭ «يۈرەك يىلتىزى»ناملىق شېئىر توپلىمى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-17 22:23  

باسقان ھەر قەدەمنى پارات دېگۈلۈك،ئۇ بىلىم-ئادەمگە قانات دېگۈلۈك.
ھاسىلات-يەكۈنسىز ئۆتكەن ئۆمۈرنى،ماتەمى يۇشۇرۇن مامات دېگۈلۈك.

73

تېما

6

دوست

3189

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تەكلىپلىك يازغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 22:24:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمايىل ئېلى
ياخشى

(شائىر ئا.ت.ئۆتكۈرنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس)


تار تەڭشەلمىگەن سازدىن چېلەك بەرگەن سادا ياخشى،
ئەجىرسىز ساختا  شۆھرەتتىن بەختسىزلىك جازا ياخشى،
مۇناپىق دوست-بۇرادەردىن ۋاپادار دىلرەبا ياخشى،
تىرىكتاپ قاغا -قۇزغۇنغا جاھانسازلىق ھاۋا ياخشى ،
سەھەر گۈلشەندە بۇلبۇلغا ياقا يىرتىپ ناۋا ياخشى.

        جاھاننى تەڭشىگەي ئاخىر ئىلىم-پەن كاتتا ئالىملار،
ئۇنىڭ ھېكمىتىن بىلمەس نادان ھەم رەزگى جاھىللار،
ھامان بىركۈن زاۋال تاپقاي،كېرەكسىز،ساختا ئامىللار،
      كېرەكمەس يالتىراق شۆھرەت بىلەن مەستانە غاپىللار،
ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشىنا ياخشى.

بېشىمچە كىرگىنىم كىرگەن ئىجات ئاتلىق شۇ يالقۇنغا،
بۇ يولنى ئەسلى بەرمەيمەن پىقىر بولساممۇ ئالتۇنغا،
يولۇم داغدام،قەدەم باسماي ئۆتەرمەن تار چىغىر يولغا،
تېگىشمەس جەندىنى ئاشىق ياقاسى زەر تاۋار تونغا،
   كې دىلبەر ۋەسلىدە سەرسان قەلەندەرگە كۇلا ياخشى.

بولاي ئەل خەنجىرى ئۆتكۈر،ئۇلۇغ «ئىز»سېھرى قۇدرەتتىن،
تاقاي ئەل كۆكسىگە گۈللەر،ھالال تەر،ئەجرى-مېھنەتتىن،
ۋەتەنگە تۆھپە قوشساممۇ يېراقمەن  بەلكى مىننەتتىن،
قەسەمبىللا تامايىم يوق بەھەيۋەت قەسرۇ زىننەتتىن،
پىشانەم تەرىدىن پۈتكەن بى مىننەت بورىيا ياخشى.

تائام،راھەتكە قۇل بولماق ھاياتتا ئەسكى ئىللەتتۇر،
«ئۆمۈر گوياكى ئاتقان ئوق»نىھايەت قىسقا مۆھلەتتۇر،
ۋەتەنگە جان نىسار قىلماق ماڭا چوڭ شانۇ –شۆھرەتتۇر،
مېنىڭ تاجسىز ساياق باشىم ئۆزۈمگە تاجۇ-دۆلەتتۇر،
ئەركسىز پادىشاھلىقتىن جاھان كەچتى گادا ياخشى.

          مۇقەددەس تۇپرىقى ئالتۇن،مەدەنلىك تاغلىرى ھەيۋەت،
قۇياشلىق باغرىدا يالقۇن،ئېقىن دەريالىرى زۇمرەت،
چاچار گۈلشەنلىرى ئەنبەر،تۆكەر گۈلباغلىرى شەربەت،
نەھاجەت جەننەتۇل مەئۋا،ۋەتەننىڭ قوينى بىر جەننەت،
بېلىق دەريادا ئەركىندۇر،لاچىنغا كەڭ ساما ياخشى.

يېزىلدى نەزمەئى تەخمىس ۋەتەندە نەۋ باھارىمدا،
ۋەتەننى گۈللىمەك ئەھدىم ئۆمۈرلۈك كەسپى كارىمدا،
ۋەتەننى كۈيلىمەك بەختىم كۈمۈش تارلىق ساتارىمدا،
مالامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا،
       بوسۇقتىن داجىماس ئىتتەك ماڭا ئەھدۇ-ۋاپا ياخشى.

مەنبە: «ئاپرىلدىكى گۇگۇم پەسلى»ناملىق توپلام.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-17 22:30  

باسقان ھەر قەدەمنى پارات دېگۈلۈك،ئۇ بىلىم-ئادەمگە قانات دېگۈلۈك.
ھاسىلات-يەكۈنسىز ئۆتكەن ئۆمۈرنى،ماتەمى يۇشۇرۇن مامات دېگۈلۈك.

73

تېما

6

دوست

3189

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تەكلىپلىك يازغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 22:31:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان خۇما
ياخشى

(ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە مۇخەممەس)



زىمىستان قىش دالاسىدا كىشىگە ئوت-لاۋا ياخشى،
ياسانچۇق قىز-جۇۋانلارغا سوغۇق توسقان قاما ياخشى
بىمار ئويلايدۇ ھەر سائەت شىپالىق بىر داۋا ياخشى،
ئىشق ئەھلىگە جاندىنمۇ ھاياتلىقتا ۋاپا ياخشى.
سەھەر گۈلشەندە بۇلبۇلغا ياقا يىرتىپ ناۋا ياخشى.

كىمىكى ئويلىسا ئەلنى ياشار ئەل قەلبىدە مەڭگۈ،
تىلەر ئەۋلادىغا ئەل ھەم مۇبارەك مىڭ تىلەك ئەزگۈ،
ۋەتەن، مىللەت راۋاجىغا كۆڭۈل بۆلمەك بۇرچ قەتئىي،
سائادەتنى تىلەر كۆڭلۈم جاھالەتنى قىلاي مەنئىي،
ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشىنا ياخشى.

تىرىكتاپ قاغا سالمايدۇ نەقىشلىق ھويلىغا ئۇۋا،
سېغىزخاننى سولاپ گۈلشەن ئارا ئەھۋالىنى سورا.
يىرتقۇچ بۆرىگە ئۆيدە يىگەن گۆش بولمىغاي دورا،
تېگىشمەس جەندىنى ئاشق ياقاسى زەر تاۋار تونغا،
كى دىلبەر ۋەسلىدە سەرسان قەلەندەرگە كۇلا ياخشى.

ھالال ئۆتمەك كىشىگە بىر پەزىلەت، ئادىمى خىسلەت
غۇرۇر بىرلە ياشاپ ئۆتسەڭ ئاچار ھەم قوينىنى جەننەت.
يىراق تۇر بىر ئۆمۈر پىتنە، ھەسەتتىن، بۇ يامان ئىللەت،
قەسەمخورلۇق ئېلىپ كەلگەي ساڭا مىڭ-مىڭ ئېغىر قىسمەت،
پىشانەم تەرىدىن پۈتكەن بىمىننەت بورىيا ياخشى.

ئۆز ئۆيۈمنىڭ بوشلۇقى، پۇت-قولۇمنىڭ خۇشلىقى
زەررىچە لەززەت بېرەلمەس دۈشمىنىمنىڭ دوستلىقى.
ئاخىرى ۋەيران قىلۇر ھەر كىمنى ئازغۇن شۇملىقى،
مېنى قۇل ئەتمەكنى قەسلەيدۇ مۇناپىق دوزىخى،
ئەركسىز پادىشاھلىقتىن جاھانكەشتە گادا ياخشى.
ۋەتەن ئوغلى ئۈچۈن جەننەت ۋەتەننىڭ چۆل-باياۋانى،
بولۇرمۇ خۇش كۆڭۈل، بولسام ياقا يۇرتنىڭ پاراۋانى؟
بېشىم كۆككە تاقاشقان زەر تاۋار تونلۇققۇ زەردارى؟
بولالماسمەن پەقەت ئەركىن بولۇپ مەھزۇن ناتىۋانى،
بېلىق دەريادا ئەركىندۇر، لېچىنغا كەڭ ساما ياخشى

يېتەر بەزى مالامەت دەرت ئېلىمدە بۇ ماڭا تەھقىق،
نە كۈلپەت چۈشسە باشىمغا قىلارمەن ھەممىنى تەستىق.
كېلەر نۇر ئىچرە بىر كۈنلەر سائادەت دىلبىرى ھەقلىق،
كۆڭۈلگە شۇ ئارام بەرگەي كېرەكمەس ماڭا قاچماقلىق،
بوسۇقتىن دالجىماس ئىتتەك، ماڭا ئەھدۇ-ۋاپا ياخشى.

                                                1999-يىلى 25سېنتەبىر
                                        مەنبە:«شىنجاڭ يازغۇچىلىرى مۇنبىرى» بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-17 22:50  

باسقان ھەر قەدەمنى پارات دېگۈلۈك،ئۇ بىلىم-ئادەمگە قانات دېگۈلۈك.
ھاسىلات-يەكۈنسىز ئۆتكەن ئۆمۈرنى،ماتەمى يۇشۇرۇن مامات دېگۈلۈك.

73

تېما

6

دوست

3189

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تەكلىپلىك يازغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 22:55:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇت ئىز
ياخشى

(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ شۇناملىق غەزىلىگە تەخمىس)



ئانا-يۇرت ئۆزۋەتەنىمدە ماڭا گۈلدىن بۇيا ياخشى،
بولساملا ئۆزدىيارىمدا ئالتۇندىن شۇ توپا ياخشى.
ئېقى قەغەز قارىسى سىياھ ھەقىقىي بىر نىدا ياخشى،
تىرىكتاپ قاغا-قۇزغۇنغا جاھانسىزلىق ھاۋا ياخشى،
سەھەر گۈلشەنىدە بۇلبۇلغا ياقا يىرتىپ ناۋا ياخشى.


ۋەتەنسىزلىك ئازابىنى ساڭا كۆرسەتسىمۇ يىللار،
لېكىن ئاشۇ مۇقەددەس يۇرت مەيلىڭنى ئۆزىگە چىللار،
شۇڭا ھەرۋاخ ۋەتەنگە جان تەسەددۇق ئىتىدۇ ئاقىللار،
كىرەكمەس يالتىراق شۆھرەت بىلەن مەستانە غاپىللار،
ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشىنا ياخشى.


ھاياتىڭدا ئۇچرىساڭ گەر بەسى زۇلمەتكە -دولقۇنغا،
ۋەتەن سېنى قوغدايدۇ يولاتماي بورانغا-چاپقۇنغا،
غورۇرۇڭنى تىگىشمىگىن گۆھەر پۇلغا-ئالتۇنغا،
تىگىشمەس جەندىنى ئاشىق ياقاسى زەر تاۋار تونغا،
كى دىلبەر ۋەسلىدە سەرسان قەلەندەرگە كۇلا ياخشى.


ئۇنۇتمايمەن دىيارىمنىڭ بەرگەن ئەجىر شۇ مېھنەتتىن،
شۇڭا جان ئاتايمەن ھەرۋاخ،ئەسەريوق مەندە مىننەتتىن،
بۆلەك ھىچ چوڭ گۇناھ بولماس ئاسىيدىن باشقا ئىللەتتىن،
قەسەم بىللا تەمايىم يوق بەھەيۋەت قەسىرى-زىننەتتىن،
پىشانەم تەرىدىن پۈتكەن بىمىننەت بورىيا ياخشى.


بۈيۈك ئەل-يۇرت ئاۋام يولىدا تارتساڭمۇ جاپا-كۈلپەت،
كىلەر ئامەت ساڭا بىريول ھاياتىڭدا بولۇپ ئۈلپەت،
زەررىچە بولسىمۇ مەيلى ۋەتەنگە قىلغۇلۇق ھىممەت،
نەھاجەت جەننەتۇل مەئۋا،ۋەتەننىڭ قوينى بىر جەننەت،
بېلىق دەريادا ئەركىندۇر لىچىنغا كەڭ ساما ياخشى.

گۆھەر-ئالتۇن،قەسىر-زىننەت،ساڭا ئۆتكۈنچە سۆلەتتۇر،
ئەكىسچە ۋەتەنگە دىل بەرسەڭ بۇ ساڭا مەڭگۈگە ھۆرمەتتۇر،
ئۆلۈمنىڭ قوينىغا كىرمەك ئاڭا ئاخىرقى مۆھلەتتۇر،
مېنىڭ تاجسىز ساياق باشىم ئۆزۈمگە تاجۇ-دۆلەتتۇر،
ئەركسىز پادىشاھلىقتىن جاھانكەشتى گادا ياخشى.

ۋەتەنىمنى ئەزىزلەيمەن شېئىرىمدا نىداھىمدا،
دىيارىم ھەممىدىن ئۈستۈن ئىدۇر ھەم ئىتىبارىمدا،
رازىمەن خەلق يولىدا ئۆلسەم، قان قالمىسا سىياقىمدا،
مەلامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئۆزدىيارىمدا،
بوسۇقتىن دالجىماس ئىتتەك ماڭا ئەھدۇ-ۋاپا ياخشى.

مەنبەسى : مىسرانىم مۇنبىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-17 23:03  

باسقان ھەر قەدەمنى پارات دېگۈلۈك،ئۇ بىلىم-ئادەمگە قانات دېگۈلۈك.
ھاسىلات-يەكۈنسىز ئۆتكەن ئۆمۈرنى،ماتەمى يۇشۇرۇن مامات دېگۈلۈك.

73

تېما

6

دوست

3189

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تەكلىپلىك يازغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 23:05:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلئەھەت داۋۇت  تۈركزات
ياخشى

(مەرھۇم ئۇستاز شائىر ئا.ت.ئۆتكۈرنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس)


خۇداگوي ئەھلى مۆئمىنگە تىلاۋەت ھەم دۇئا ياخشى،
زەھەردىن پۈتسىمۇ دورا بىمارغا شۇ داۋا- ياخشى ،
سامانى قۇچسىمۇ تورغاي ياتارغا كەڭ دالا ياخشى،
تىرىكتاپ قاغا -قۇزغۇنغا جاھانسازلىق ھاۋا ياخشى ،
سەھەر گۈلشەندە بۇلبۇلغا ياقا يىرتىپ ناۋا ياخشى.

ئاساۋ ئاتتەك سىرىپ تىزگىن،چېپىپ ھەرئان كېلەر يىللار،
نادانلار بايقىماس زىنھار ،تۇتار پۇرسەتنى ئاقىللار،
رىيازەت گۈللىرى خۇش ھىد –پۇراق چاچقاننى ئەل چىللار،
كېرەكمەس يالتىراق شۆھرەت بىلەن مەستانە غاپىللار،
ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشىنا ياخشى.

ئوقەت -دۇنيا تاماسىدا (كۆيۈپ ئايۋان-سالاسۇنغا)،
قىزىنى بەرمىگەي دانا دىلى ئەگرى ،قولى خۇنغا ،
بىلەر تەڭ تاغنى كەكلىك گۈل-گۈلىستاندىن تۈمەن ئونغا،
تېگىشمەس جەندىنى ئاشىق ياقاسى زەر تاۋار تونغا،
كې دىلبەر ۋەسلىدە سەرسان قەلەندەرگە كۇلا ياخشى.

باياۋاندا بىنا بولغاي ئېرەم باغ ئەجرۇ – مېھنەتتىن ،
سائادەت دىلبىرى باقماس يىراقلاشقانغا ھېممەتتىن،
بىزاردۇر ئۇل خۇدامۇھەم رىياخور بەندە – ئۈممەتتىن،
قەسەمبىللا تامايىم يوق بەھەيۋەت قەسرۇ زىننەتتىن،
پىشانەم تەرىدىن پۈتكەن بى مىننەت بورىيا ياخشى.

ھۆپۈپ دەرمىش:«پېيىم رەڭدار ،ماڭا ئالەمچە زىننەتتۇر،
تېنىمدىن تارقىغان ھىد - بۇي ئىپاردىن ھەسسە قىممەتتۇر»،
سېنىڭ بەرگى قىياق قاشىڭ ئۆزەڭگە ھۆسنۇ-سۆلەتتۇر،
مېنىڭ تاجسىز ساياق باشىم ئۆزۈمگە تاجۇ – دۆلەتتۇر،
ئەركسىز پادىشاھلىقتىن جاھان كەچتى گادا ياخشى.

سۈرۈپ كەت ئۆزگە بىر ئەلدە شاھانە بەخت ،ھۇزۇر –لەززەت،
ھاۋاسى ھەم سۈيى يەكلەپ قوشۇلمايدۇ تېنىڭگە ئەت،
بۇ ھەق پارىژ،نيۇ يوركنىڭ گۈزەل ھۆسنى گىرىم – سەنئەت،
نەھاجەت جەننەتۇل مەئۋا،ۋەتەننىڭ قوينى بىر جەننەت،
بېلىق دەريادا ئەركىندۇر،لاچىنغا كەڭ ساما ياخشى.

ۋەتەن پاتماس قۇياش،مەڭگۈ تۇرار بالقىپ نىگاھىمدا
ئاڭا جاننى پىدا ئەيلەش پۈتۈكلۈك دىل تۇمارىمدا ،
كېلىپ چەپلىك،چىقىپ چاپقۇن، يېغىپ قار-مۇز باھارىمدا،
مالامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا،
بوسۇقتىن داجىماس ئىتتەك ماڭا ئەھدۇ-ۋاپا ياخشى.

مەنبە: «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى 2004-يىلى 1-سان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-17 23:12  

باسقان ھەر قەدەمنى پارات دېگۈلۈك،ئۇ بىلىم-ئادەمگە قانات دېگۈلۈك.
ھاسىلات-يەكۈنسىز ئۆتكەن ئۆمۈرنى،ماتەمى يۇشۇرۇن مامات دېگۈلۈك.

3

تېما

1

دوست

66

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 23:25:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسىلا ياخشى چىققان غەزەللەر ئىكەن.  ساقلىۋالدىم.
تۈركزاتنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر.

29

تېما

2

دوست

699

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 23:31:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر دېگەن بۇ بۈيۈك ئىسىم ھەر بىر ئۇيغۇر دىلىنى ھاياجانغا سالالايدىغان بىر ئىسىمدۇر . ئۇنىڭ ئەسەرلىرىمۇ ئادەمگە باشقىچە زوق بېرىدۇ . مەرھۇم ئالىمنىڭ كۆپ قىرلىق تالانىتى ئۇنىڭ ئىجادىيتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . غەزەللىرى شائىرلارنىڭ تەخمىس يېزىش ئوبىكتى بولۇپ قالغان . مانا تۈرۈكزات ئاكا دەسلەپكى قەدەمدە شائىرنىڭ بىر غەزىلىگە باغلانغان يەتتە تەخمىسنى ھۇزۇرىمىزغا سۇنۇپتۇ . بۇ ئەلۋەتتە بىر خۇشاللىنرلىق ئىش . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈرۈكزات ئاكىغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن . ھەمدە ، ئىسىل ئەسەرلىرىنى ھۇزۇرىمىزغا سۇنۇپ تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ، يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:52 , Processed in 0.308857 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش