گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 269|ئىنكاس: 4

تۈركزات:زاپاس ئاشقازان سەپلەش ئېلانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

73

تېما

6

دوست

3189

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تەكلىپلىك يازغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 13:49:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 269- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-23 13:58  

2.jpg

   جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى يەپ- ئىچىشكە ھېرىسمەن يۇقۇرى سەۋىيەلىك ئىستىمالچىلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە بىنائەن،دوختۇرخانىمىز زاپاس ئاشقازان سەپلەش مەخسۇس بۆلۈمى تەسىس قىلدى. بۇ – دوختۇرخانىمىزدىكى جەمئىيەتشۇناس ۋېراچلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن بۆسۈش خاراكتىرلىق يېڭىلىقى بولۇپ،كېلېنىكىلىق تەجرىبە ئارقىلىق سىز،بىز ئويلاپ يېتەلمىگۈدەك دەرىجىدە مۇۋاپېقىيەت قازانغان ۋە ئىمتىياز تەختى،خوشامەت ماشىنىسىدا ئولتۇرىدىغانلارنىڭ قوللىرىدىن قان چىققۇچە ئالقىش ياغدۇرىشىغا سازاۋەر بولغان.
    بۇ بۆلۈمنىڭ خادىملىرى يۇقۇرى تېخنىكىغا ئىگە  كەپشەرلەش،پاياتلاش مۇتەخەسىسلىرى. زاپاس ئاشقازان ۋە ئۇنى سەپلەش، قوراشتۇرۇش ئۈسكۈنە- ئەسلىھەلىرىنىڭ ماتىرىياللىرى بولسا ئالەم بوشلۇقىدىكى مەلۇم بىر پىلانىتتىن كىرگۈزۈلگەن ئالاھىدە چىدامچانلىققا ۋە ھەيران قالارلىق ئېلاستىكىلىققا ئىگە ماتىرىياللار(رىقابەتچىلىرىمىزنىڭ كەشپىيات مەخپىيىتىمىزنى بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن پىلانىت  نامى  سىر  تۇتۇلدى).
    بۇ ئالاھىدە ماتىرىيالدىن ياسالغان چوڭ-كىچىك رەزمىردىكى زاپاس ئاشقازان ھەر خىل كۈتېۋىلىش،ئۇزىتىش،كۆڭۈل ئېچىش،ھاراق- چاي زىياپىتى قىسقىسى،ئومۇمنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ پۇلىغا يەپ- ئىچىش سورۇنلىرىغا قاتنىشىپ تۇرىدىغان ھەر قانداق ئىستىمالچىغا باب كېلىۋىرىدۇ. سىزنىڭ  ئاشقازىنىڭىزنىڭ سىغىمچانلىقى ئالاھىدە ئەھۋالدا ئەسلىدىكى سىغىمچانلىقىنىڭ 18 ھەسسىسىگە باراۋەر كېڭىيەلىسىمۇ،ئىستىمال ئېھتىياجىڭىزنى تولۇق قامداپ كېتەلمىگەننىڭ ئۈستىگە تاماق سىڭدۈرەلمەسلىك تۈپەيلىدىن سىزگە تۈرلۈك ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەگەر سىز دوختۇرخانىمىزغا كېلىپ بۇ خىل ئالاھىدە ئاشقازاننى سەپلىۋالسىڭىز،مۇت تاماق،پۇلسىز ھاراق- شارابلارغا يولۇققاندا قورسىقىڭىز تويسىمۇ  كۆزىڭىز تويماي، ئاشقازىنىڭىزنى 18 ھەسسىدىنمۇ ئارتۇق كېڭىيىپ ئالدىڭىزدىكى نازۇ- نېمەتلەرنى سىغدۇرۇپ بېرىشكە قىستاپ تەڭلىكتە قالدۇرۇشتەك ئاۋارىچىلىقتىن بىر يولىلا قۇتۇلۇپ كېتىسىز. يەنى ئەسلىدىكى ئاشقازىنىڭىزنىڭ ئېھتىياجى تولۇق قامدالغاندىن كېيىن ئاغزىڭىزنى ئۈستەلگە توغرىلاپ ئېچىپ تۇرسىڭىز كۈچلۈك تارتىش كۈچى بىلەن ئېشىپ قالغان سەي- تاماق،گۆش- كاۋاپ،يەل- يىمىش،ھاراق- شارابلار  (زۆرۈر دەپ قارىسىڭىز ئۈستەل- ئورۇندۇق،تەخسى- ئىستاكان،چوكا- قوشۇقلارغىچە)زاپاس ئاشقازىنىڭىزغا بىمالال قاچىلىنىدۇ. بۇ خىل ئاشقازان يەنە تېمپىراتۇرا ۋە نەملىكنى ئاپتوماتىك تەڭشەپ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىز چۈشكىچە سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەي ساقلاپ بېرەلەيدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
      بۇ ئاشقازاننىڭ ئۈستىگە ئىككى كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ،سىز ئەسلىدىكى ئاشقازىنىڭىزدىكى يىمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپتكى كۇنۇپكىنى باسسىڭىز سەپلەنگەن ئاشقازىنىڭىزدىكى يىمەكلىكلەر ئاپتوماتىك ھالدا مەخپىي يول ئارقىلىق ئەسلى ئاشقازىنىڭىزغا يۆتكىلىپ ھەزىم بولۇشقا باشلايدۇ. سول تەرەپتىكى كۇنۇپكىنى باسسىڭىز قاچىلانغان يىمەكلىكلەرنى سىرتقا چىقىرىپ بېرىدۇ-دە،بۇنىڭدىن ئائىلىڭىزدىكىلەرمۇ بەھرىمەن بولالايدۇ.
     بۇ زاپاس ئاشقازاننى سەپلىۋالسىڭىز ھاراقنى  جىق ئىچىۋېلىپ قەي قىلالماي ئاۋارە بولۇشتىن،تاماقنى كۆپ يەۋېلىپ،سېسىق كېكىرىپ قېلىشتىن قورقماي ھەر قانداق «يېمەكلىك»نى بىمالال يەپ- ئىچەلەيدىغان ھەقىقىي «ئىستىمال چولپىنى»غا ئايلىنىش بىلەن بىرگە،ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ قورساق مەسىلىسى ئۈچۈن ئۆز يانچۇقىڭىزنى كولاشقا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىپ، تېز ۋاقىت ئىچىدە بېيىپ كېتىسىز.
    پۇرسەت غەنىيمەت! مەخپىيەتلىكنى قەتئىي ساقلايمىز. كېسەل تارىخى قالدۇرمايمىز. مەھسۇلاتنىڭ سانى چەكلىك، تېزدىن دوختۇرخانىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ. زۇۋىلىڭىز چوڭايغان كۈننىڭ ئەتىسىلا بىزنى ئىزدەڭ. سىزنى تولۇق رازى قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز كامىل!

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


باسقان ھەر قەدەمنى پارات دېگۈلۈك،ئۇ بىلىم-ئادەمگە قانات دېگۈلۈك.
ھاسىلات-يەكۈنسىز ئۆتكەن ئۆمۈرنى،ماتەمى يۇشۇرۇن مامات دېگۈلۈك.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

17

تېما

7

دوست

986

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 15:16:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئون مو يەرگە ئوغۇت بولغۇدەك سېسىق گەپلەر بىلەن توشۇپتۇ ماۋۇ يازما. قامچىڭىزدىن قورقمىسا بولمىغۇدەك جۇمۇ!

ئىجادىيىتىڭىزگە مول ھوسۇل تىلەيمەن! سالامەت بولۇڭ!

78

تېما

22

دوست

4262

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 14:52:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا، نېمە گەپ بوپكەتتى ئەمدى؟ نەپسى بالالارنىڭ ئادەتتىكى ئاشقازىنىنى توشقوزالماي بىر جۇڭگۇنىڭ ئۆزىدىلا 800مىليۇندىن ئارتۇق دېھقان تېخىچە قان تەر ئاققۇزۇپ ئىشلەۋاتسا، ئەمدى بۇنداق ئاشقازان بازارغا سېلىنسا نېمە توشۇيدۇ ئۇ غارغا؟ مېنىڭچە بۇخىل كەشپىياتنى ئىختىرا قىلغۇچى يۇقۇرى نەپكە ئېرىشسىمۇ بۇنى بازارغا سېلىشقا ئالدىرىمىغاي. ئۇنىڭ يېڭى كەشپىياتتىكى پايدىسىنى جەمىيەتتىكى ئاقكۆڭۈل،ساخاۋەتچى كىشىلەرنى ھەركەتلەندۈرۈپ تولۇقلاپ بېرەيلى. زاپاس ئاشقازان بولسا ئۆز بۆشىكىدىلا تۈنجۇقۇپ ئ.ۆلسۈن.بولمىسا ئۇنىڭ كېيىنكى ئاقىۋېتى مۆلچەرلىگۈسىز زىيان ئىچىدە بولىدۇ. ئاپتۇرنىڭ ئۆزگىيچە كۈزىتىش نوقتىسىغا ئاپىرىن !

436

تېما

3

دوست

5689

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 21:05:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبەسسۇم يوللىغان ۋاقتى  2013-7-23 15:16
ئون مو يەرگە ئوغۇت بولغۇدەك سېسىق گەپلەر بىلەن توشۇپتۇ ...

تەبەسسۇمخاننى ساراسىمگە سالغان بۇ فىليەتۇن ھەقىقەتەن مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان ئىدى.ئاپتورغا بەخت-سائادەت يار بولغاي!

42

تېما

4

دوست

1543

جۇغلانما

سادىق ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 20:47:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىناس دوستۇم تۈركزاتنىڭ يىڭى ئىجادىيىتىگە ئاپىرىن!!!!!!!!!!!!!!!!! ئاپتۇرنىڭ بۇ ئۆزگىچە كۈزۈتۈش ئالاھىدىلىگى يۇقۇرى بۇ ئەسىرىنى كورگەن بالاخۇرلارنىڭ تازا ئاچچەغى كىلىدىغان بوپتىغۇ ئەمدى.  
ياراتقان ئاللاھدىن ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق،ئىجادى ئىلھامىغا بەرىكەت، ئائىلىسىگە بەخىت، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك، خىزمىتىگە ئۇتۇق تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن!
ئاپتۇرنىڭ يىڭى-يىڭى ئىجادىيەتلىرى رەڭدار مەزمۇنلار ۋە نادىر ئەسەرلەر بىلەن رۇياپقا چىقىشىغا تىلەكداشمەن!
ساختا شۆھرەت نام بىلەن يۈز تاپقاننى ۋاي، دېمە،
ھارام ي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:53 , Processed in 0.320824 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش