گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 1501|ئىنكاس: 12

تۈركزات:مۇۋەششەھلىك مۇشائىرەلەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

73

تېما

6

دوست

3189

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تەكلىپلىك يازغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 21:00:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 1501- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


rixta kozii.jpg

تاپتىم

گۈزەللەرنىڭ ئاراسىدىن چېكىپ تاللاپ سىنى تاپتىم،
ۋۇجۇدۇڭدىن ئېقىپ پۈتمەس سېخى-مەرتلىك قېنى تاپتىم.

ئۇپۇقلاردا قانات قاقتىم،زىيادا كۆزلىرىم ئويناق،
سىزەرمەن چۈنكى قوينۇڭدا ئۆزۈمنى شاھ-غەنى ،تاپتىم.

مەگەر دەي:ئەلگە تۆھپەمدىن لەزىز ئەنجۈر،ئانار،... سۇنسام،
سېنىڭ باغرىڭ بىلەن بىر تەن ...، ئانارىمنىڭ تېنى،تاپتىم.

ئانامدەك ھەمشىرىك بولدۇڭ ھامان  قايغۇمغا،كۈلكەمگە
جاكارلايمەن:ئۆزۈڭ ئەي يار تۈركزاتنىڭ  جىنى ،تاپتىم!!!

دىلبەر
كۈتەرمەن ئىنتىزارلىقتا سىنى يادلاپ جانان- دىلبەر،
پۈتۈن جىسمىمنى كۆز ئەيلەپ باقارمەن سەن تامان دىلبەر.

ئۆتەر دەپ تەلمۈرۈپ تۇرسام جىمى ئۆتتى ،پەقەت سەن يوق،
مىسالى ئىزدىسەم داننى يولۇققاندەك سامان دىلبەر.

كېتەلمەيمەن گويا باغلاقتىكى قويدەك،يېزىپ قويدۇڭ-
مۇھەببەت مەكتۈپى قەلبىم بېتىگە قايزامان دىلبەر.

تىزىپ تۇرسام جىمى تاتلىق سۆزۈمنى كەلمىدىڭ،بولدۇم-
نادامەت  قۇشلىرى يوقلاپ ئۆتەر كونا خامان،دىلبەر.

«ئېتىڭ بولسۇنمۇ دوقمۇشجان» قىلىشتى دوستلىرىم چاقچاق،
بۇغو ھېچگەپ ئەمەس،قالدىم ئاتاقلارغا يامان،دىلبەر.

رەھىمنىڭ نورلىرى چۈشسە تاقاق قەلبىڭ ئېتىزىغا ،
مۇھەببەت جىلۋىلىك نازلاپ مېنى باشلار قايان دىلبەر؟

ئەزىم دەريادا ئوينايدۇ بېلىق،قەلبىدە مەستخۇشلۇق،
مەگەر دىدار ئىشىك قاقسا باراقسانلايدۇ جان دىلبەر.

كېلەر ئىشەنچ قۇشۇم پەرۋاز  قىلىپ  مەنزىل تامان ھارماي،
ۋىسال تۇلپارىغا مىنگەي تۈركزاتىڭ ھامان،دىلبەر!

كۈتۈش
تامدى كۆزلەردىن تارام  ھىجرىڭدە يار مىڭ بىر كېچە،
كەتتى دىللاردىن ئارام ،تۈنلەر بىدار مىڭ بىر كېچە.

ئەستى باغىمنى شامال،يوقتۇر ئۇچۇر ياردىن،نە ھال؟
مۇڭغا باغرىمنى مىلەپ ئۈنلەيدۇ تار مىڭ بىر كېچە.

لاخشە چوغلار  كىشنەيىن،ئاي لەھزە پەسلەپ چۈشمەيىن،
سۆيگۈنى قان يىغلىتىپ خۇمدان يانار،مىڭ بىر كېچە.

ئەستىلىكلەر ئاھ ئۇرار،ھالى بىتاپ  مەكتۇپ تۇرار،
شورىلىق باغ كۆكسىدە تاقەت سۇنار،مىڭ بىر كېچە.

پارە – پارە بىر جېنىم،قېقاس سالار ئاتەش قېنىم،
جەملىمەي جانىمنى يار قىلماقچى زار مىڭ بىر كېچە.

كۆيدى يۇلتۇزلار جۆدەپ،تۈن باغرىغا چۆكتى سەدەپ،
ئۇل سەدەپ ئاق زەنجىرى،تۇتتى خۇمار، مىڭ بىر كېچە.

ئال، دېدىم جاننى خۇدا ،ياق، بەر دېدىم سەبرە ئۇدا،
بىر ئۆلۈمنى نەچچە رەت ئۆلتۈردى دار مىڭ بىر كېچە.

راسلىدىم جاي سەن ئۈچۈن، بەختىمنى يار ئەيلە پۈتۈن،
كەلمىسەڭ ئىزدەپ ،تۈركزاتىڭ بارار،مىڭ بىر كېچە!

يولۇمدا گۈل،قولۇمدا گۈل

خېزىردەك كۈللى ئالەمنىڭ ھايات داناسىنى كۆردۈم،
كۆزىدىن پارلىغان تاڭنىڭ بۈيۈك مەناسىنى كۆردۈم.

ئۇيۇلتاش بولمىغاي تالقان ئېزىققان ئەزىيەتلەردە،
لاۋا-گۈلخاندا تاۋلانغان ئۈمۈت بەرناسىنى كۆردۈم.

شېرىن بىر قۇش بولۇپ كۆكتە قانات قاقماقنى قۇت بىلسە،
يېڭەر پەرھات ئۇنىڭ مۈشكۈل ئازاپ-سەۋداسىنى كۆردۈم.

خەتەرنى ئەيلىگەچ پايخان بولۇپ پەرھاتقا تەڭ-قۇرداش،
چېچەكلەر مەڭزىدىن كۈلگەن قۇياش سەناسىنى كۆردۈم.

ئۇ باشلار گۈل-گۈلىستانغا مەگەر بۇلبۇلغا ئەگەشسەڭ،
ئىزىدىن ئىز بېسىپ گۈلگۈن ئىجات رەناسىنى كۆردۈم.

يولۇمدا گۈل،قولۇمدا گۈل،كېلەرمەن ئوڭ-سولۇمدا گۈل،
شۇ گۈللەردىن تىزىپ دەستە تاقاش قەناسىنى كۆردۈم!
مۇقام
ھەسرىتىڭنىڭ دارىدا ئوينايدۇ تەمبۇر تارىسى،
مۇڭلىرىڭنىڭ زارىدا تويلايدۇ تەمبۇر تارىسى.

ئەسنى ئوۋلايدۇ  سىلاپ ئەسكەن شاماللار بارمىقى،
تۇڭلىكىڭنى لەھزە تىنچ قويمايدۇ تەمبۇر تارىسى.

كۈلمىكى مۈشكۈلمىدۇ باغىڭدا ھال رەڭ لالىنىڭ،
چوغلىرىڭنىڭ تەپتىگە تويمايدۇ تەمبۇر تارىسى.

ئىزتىراپلىق دەملىرىڭ تىلغار سۈكۈتلەر باغرىنى،
ئۇسسىغان تىغ كۆكسىدە سويلايدۇ  تەمبۇر تارىسى.

مەرگۇمۇش كۈنلەمدىكىن ئۇل تەركى بەختىڭ ۋەسلىنى،
كەكرا تۇرمۇش كۆزىنى ئويمايدۇ،تەمبۇر تارىسى.

ئېيت،تۈركزات لەۋزىدە كۆكلەپتۇ باغجانلاپ سوراق،
بەرمىكىڭ قانداق جاۋاپ،ئويلايدۇ: تەمبۇر تارىسى...!
ھەييارغا بولدۇم مۇپتىلا
خۇلقى ئۇز بىر يارغا  بولدۇڭ مۇپتىلا،
جىسمى ئوت،ھەييارغا بولدۇڭ مۇپتىلا.

ئوھسىنىپ يۈرسەڭمۇ پەرۋايى پەلەك،
زەپ شىرىن دىدارغا بولدۇڭ مۇپتىلا.

جان تانابىڭنى بەدەلگە سورىسا،
باغلىدىڭ قول،دارغا بولدۇڭ مۇپتىلا.

ئاق دالادا چاپچىدى ھىس تۇلپىرىڭ،
لەۋدە كۆيگەن قارغا بولدۇڭ مۇپتىلا.

قەستى شەيتان كۆزلىرىڭگە يامرىدى،
تىركىشىپ،بىدارغا بولدۇڭ مۇپتىلا.

ئاقچا دەۋرەپ دىل بېغىڭنى مارىسا،
رەت قىلىپ،ئۇدارغا بولدۇڭ مۇپتىلا.

"بىر بوغۇم،مىسرا،بېيىت..."تىن سەمرىدىڭ،
ئايلىنىپ زەردارغا ،بولدۇڭ مۇپتىلا.

ئىزلىرىڭدا ئۇندى چوغلۇق رەڭ تۈزەپ،
كۈيلىرى ئوت تارغا بولدۇڭ مۇپتىلا.

زار تۈركزات دەستە گۈللەر ۋەسلىگە،
بارمۇ راي قارارغا؟!،بولدۇڭ مۇپتىلا.

تۈڭلۈكۈڭگە قوندى يۇلتۇزلار

بىر گۈزەلگە مۇپتىلا بولدۇڭ، دېدىڭ: يارىڭ بولاي،
ئارزۇ باغىڭدا بەرق ئۇرغان چىمەن زارىڭ بولاي.

ئەيلىبان سىرتماق ئوتىنى ئالدى چىرماققا سېنى،
ئېيتتى:گۈلخان تەپتىدە تاۋلان،تەلەپكارىڭ بولاي.

گال پىچاقتەك قېينىدى جانىڭنى ئاسماققا ئىلىپ،
قىلدى پەرمان:ئەيلە قۇللۇق خوجا-قۇلدارىڭ بولاي.

تولغۇنۇپ تۈن قوينىدا يۇلتۇزغا يەتتى ئاھلىرىڭ،
تۈڭلۈكۈڭگە قوندى يۇلتۇز:مەنلا ھەمكارىڭ بولاي.

ئۈنلىدىڭ دەمدەر كەبى روھىڭنى تاڭلاردا بىلەپ،
جىسمىنى ئوت ئەيلىدى كۈن:مەنمۇ بىدارىڭ بولاي.

روزىغار كەتتى يامانلاپ،قالدى سازىڭلا كۈلۈپ:
چالغىنا،تاپقىن ۋىسال بىر مەررە،دىلدارىڭ بولاي.

كەلدى مەشۇقتىن سادا:كۆرگىن جامالىمنى ئاچاي،
يەت ۋىسالىمغا قېنىپ،قۇرلاردا ئەشئارىڭ بولاي!
ئەختەرىڭمۇ ئاق بىلەك
ئاھ،دېدىڭ ئاغدى يۈرەك گۈلزاردا گۈل ئوتتۇزمىدى؟
بۇزدى چۈشلەرنى تىلەك،مۇڭزاردا گۈل ئوتتۇزمىدى؟

لەختە بولدى گۈل لېۋى غەمناك دىلى بۇلبۇلسىراپ ،
ئەيلىدى سەنچۈن پورەك،دىداردا گۈل ئوتتۇزمىدى؟

تەزمىدى ئەل ئاغزىدىن ئوتقاش كەبى ئەپسانىلەر،
ئەختەرىڭمۇ ئاق بىلەك،بىداردا گۈل ئوتتۇزمىدى؟

خۇش تەبەسسۇملۇق باقار ئاشىققا تۈنلەرنىڭ كۆزى،
مەھلىيارىڭدۇر مەلەك، ئىزھاردا گۈل ئوتتۇزمىدى؟

ئەستى باغىڭدىن شامال،تىڭشايدۇ قەلبىڭدە نە ھال،
تۈركىزات كۈتتى كۆرەك،ئۇداردا گۈل ئوتتۇزمىدى؟!
بايانات
مېھنەت باراقسان باغلار كۆكسىدە،
ئاقار مېھىرلەر تاغلار كۆكسىدە.

مۇڭغا چىلانغان گۇگۇمنىڭ كۆزى-
ئۇزار مەھشەرگە،داغلار كۆكسىدە.

تۈرتەر مۈگدىگەن قۇشلارنى سۈبھى،
ئۆلۈم چىڭقىلار زاغلار كۆكسىدە.

مەشتە كۆيەر دەرت،شەيتاندا شەھۋەت،
ئەزۋەيلەر نەپسى ياغلار كۆكسىدە.

رەپتارىم يورۇق،دەيدۇ تۈركزات،
رول ئالار ئالتۇن چاغلار كۆكسىدە.
پەرۋاز

ئارغىماق ئاشقان داۋانلار توققۇز،
ئۈمىد پەرلەنگەن زامانلار توققۇز.

رەسىدە بولۇپ ئۇلغايدى چۈشلەر،
كۆزلەر تەھتىدە كامانلار توققۇز.

ئاشىق باغرىدا ئوھسىندى پەرياد،
ئىشەنچ ئونغا دوست،گۇمانلار توققۇز.

قاتتى قاناتى چاڭقاق سەلكىننىڭ ،
بۈركۈتكە ئنئام بورانلار توققۇز.

ئۇپۇق ئوچاقى تۇغدى سۈبھىنى،
كەتتى جانسىراپ تۇمانلار،توققۇز.

مەرمەر ئۇيۇلۇپ چۈشتى پەگاغا،
دانلاردا سۇبات،سامانلار توققۇز.

ئىزتىراپتا گۈل بولدى بىر جانان،
تۈركزات كۈتكەن «جانان»لار  توققۇز!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-17 21:20  


گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


باسقان ھەر قەدەمنى پارات دېگۈلۈك،ئۇ بىلىم-ئادەمگە قانات دېگۈلۈك.
ھاسىلات-يەكۈنسىز ئۆتكەن ئۆمۈرنى،ماتەمى يۇشۇرۇن مامات دېگۈلۈك.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

17

تېما

7

دوست

986

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 21:32:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا يوقكەن، ھەجەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى....

لىكى  مۇۋەششەھلەر بەك ياقتى. ئۇستازنىڭ ئەقلى ۋە تەپەككۈرى تېخىمۇ زىيادە بولغاي! ئىجاد مەنزىلى گۈللەرگە تولغاي!

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 21:34:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبەسسۇم يوللىغان ۋاقتى  2012-7-17 21:32
ماڭا يوقكەن، ھەجەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى....

لىكى  مۇۋەشش ...

قىيدىماڭ ھاما، سىزگىمۇ پات -يىقىندا چىقىپ قالا ماقاما

3

تېما

1

دوست

155

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 21:40:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق راۋان چىقىدۇ تۇركىزات   ئەپەندىنىڭ شىئر لىررى

17

تېما

7

دوست

986

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 21:45:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yadikar يوللىغان ۋاقتى  2012-7-17 21:34
قىيدىماڭ ھاما، سىزگىمۇ پات -يىقىندا چىقىپ قالا ماقاما ...

قېيدىغىلى بولامتى، مەيلى دىۋەتتىم ئىگەكىم

20

تېما

1

دوست

989

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 16:11:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا تۈرۈكزات ئەپەندىم ! يازغان مۇۋەھشەھ لىرىگە.
  قەلەملىرى  ھارمىغاي! يۇ رۇتلىرى « گۇما »نى يىزىلىرى« كۆك تىرەك»نى ۋە باشقا ياز غۇچىلارنى ياخشى تەرىپ لەپتىلا  بىزلەرنى دايىم مۇشۇنداق ياخشى ياز مىلار بىلەن ئوزۇق لاندۇرۇپ تۇر غايلا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-18 16:13  

يۈرەك سىرىڭنى بىلەيدەپ كەلدىم، ئايدەك جامالىڭنى كۆرەي ...

78

تېما

22

دوست

4262

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 16:56:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇۋەششەھلەردە يۇرت نامى ۋە بىرقىسىم ئەدىپلەرنىڭ ئىسمى ماھىرلىق بىلەن يورىتىلىپ، شائىرنىڭ بەدىئى دىتى نامايەن بوپتۇ.« ئەختەرىڭمۇ ئاق بىلەك» ۋە « بايانات» تا ھەربىر بېيىتنىڭ باش ھەرىپىنى ئەمەس بەلكى ھەر بىر مىسرانىڭ باش ھەرىپىنى تىزغاندا مۇۋەششەھ بولىدىكەن. بۇ ئاپتۇرنىڭ يېڭى ئىزدىنىشىمۇ ياكى مۇشۇنداق مۇۋەششەھ شەكلى بارمۇ شائىر ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ شەرھىسىنى ئاڭلىغۇم بار.

17

تېما

7

دوست

986

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 17:42:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HOJAKABIZ يوللىغان ۋاقتى  2012-7-18 16:56
مۇۋەششەھلەردە يۇرت نامى ۋە بىرقىسىم ئەدىپلەرنىڭ ئىسم ...

مۇشۇنداق مۇۋەششەھ شەكلى بار ئىكەن، مەنمۇ نەچچە قېتىم ئۇچراتتىم. بىراق بەك ئۇستىلىق ھەم قەلەم ماھارىتى تەلەپ قىلىدىكەن، مۇمكىن بولسا باشقا قەلەمكەشلىرىمىزمۇ سىناپ باقسا دەيمەن.

29

تېما

2

دوست

699

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 18:13:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۆرگەن كىتابلاردا مۇۋەششەھ ھەر بىر بىيىتىنىڭ بىشىدىكى بىرىنچى ھەرىپنى قوشقاندا بىر ئىسىم ياكى يۇرت نامى چىقىدىغان شەكىل دېيىلگەن . بىراق ھازىر ھەر بىر مىسراسىنىڭ باش ھەرىپىنى قوشىدىغان شەكىللەرمۇ مەيدانغا كېلىۋىتىپتۇ . بۇ كىمنىڭ ئىجادىيتىكىن تاڭ ؟
ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ، يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن

78

تېما

22

دوست

4262

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 18:14:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداقمۇ؟ بۇنداق شەكىلنى يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكىلەرمۇ سورىدى.شۇڭا بۇيەردە سۇئال تەرىقىسىدە ئىنكاس قالدۇرغانىدىم، ياخشى جاۋاپ بولدى،رەخمەت!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:47 , Processed in 0.345935 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش