گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 1874|ئىنكاس: 19

تۈركزات:ئاي خېنىم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

73

تېما

6

دوست

3189

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تەكلىپلىك يازغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 22:25:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 1874- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


ay henim togrisi.jpg

ناخشىنى تولا يازدىم،
ئاھاڭغا سالامەن دەپ.
قوشاق باشلىدىم بۇ كەچ،
تاڭغىچە ئۇلامەن دەپ.

ئات كىشنەيدۇ مۇڭ بىلەن،
ئايرىۋەتكەن تاي بارمۇ؟
يۈرەكتە دەرت كۆيىدۇ،
ئۆچۈرگىلى ئاي بارمۇ؟
      (1)
ئاسماندا بۇلۇت جىقكەن،
يۇلتۇزلار جۇلالارمۇ؟
ئاي خېنىم بۆگۈن كەچتە،
سۆھبەتداش بولالارمۇ؟

بېغىمنى قاشا قىلدىم،
لايدىن تەڭلىكىم يوقتۇر.
سەن بولغاچ تۈنۈمگە ئاي،
ئايدىن تەڭلىكىم يوقتۇر.

شوراڭدىن كىرەي كەچتە،
بېغىڭغا چىقامسەن ئاي؟
قىزىل گۈل گۇۋاھ بولسۇن،،
قولۇمنى سىقامسەن ئاي؟
(2)
يۇلتۇزلار تۈنەپ چىقىتى،
تۈن ئەيلەپ قاراقىڭدا.
خىرامان ئۆتەمسەن ئاي،
دەرت چەكسەم پىراقىڭدا.

ئۇچۇر يازىمەن دەيدۇ،
بارماقنى چانايمۇ ئاي؟
تاقەت قالمىدى ئەندى،
بۇ جاندىن تانايمۇ ئاي؟!

دەرۋازاڭ تاقاقلىقكەن،
يۈشۈرنۇپ مارايمۇ ئاي؟
دېرىزەڭ قاياقتىدى،
ئېسىلىپ قارايمۇ ئاي؟
(3)
چېھرىڭگە كۆيەيمۇ ئاي،
خۇلقىڭغا كۆيەيمۇ ئاي؟
قاچان ئويغىناكىن دەپ،
بېشىڭدا تۈنەيمۇ ئاي؟

كۆكسۈمدە پىچاقىڭ بار،
پىچاقنى ئېلىۋەتمە!
تاڭغىچە مېنى تاشلاپ،
باغرىمنى تىلىۋەتمە!
(4)
قايناقسۇ تۆكىۋىلىپ،
پۇتۇم كۆيدىغۇ ئايىم.
جىسمىمنى ئوتۇن ئەيلەپ،
ئوتۇڭ كۆيدىغۇ ئايىم.

تاملىرىڭ سۇۋاغلىقكەن،
ئۆگزەڭگە چىقاي دەپتىم.
شوراڭنى ئېتىۋاپسەن،
سۇ بولۇپ ئاقاي دەپتىم.

«ئات بېشىغا كۈن چۈشسە،
سۇ ئىچەر يۈگەن بىلەن».
بىر كېچە تۈنەپ چىقسام،
ئاي خېنىم لېۋەن بىلەن!


دەرت تۆكەي قورام تاشقا:
يار ئوتى ئىكەن باشقا.
قاچانمۇ ئېرىشەرمەن،
ئاي خېنىم قەلەم قاشقا.
(5)
تاغلارغا قانات چىقسا،
ئۇچارمۇ دېڭىزلارغا؟
قاچان قوي سالاسەن ئاي،
مەن كۈتكەن ئېڭىزلارغا؟

يېنىمغا كېلەر بولساڭ،
ئالدىڭغا چىقايمۇ ئاي؟
قەرەلى قاچان ئېدى،
ئېنىق بىر ئۇقايمۇ ئاي؟

ئاڭلاپتۇ پىغانىمنى،
تاشلاردا قۇلاق بارمۇ؟
ھىجراندىن لېۋىم چاكتۇر،
باغرىڭدا بۇلاق بارمۇ؟
(6)
قولۇڭدا قىزىل ئالما،
چەنلەپ بىر ئاتاسەنمۇ؟
ۋىسالدىن بېرىپ شەپە
قوشاقلار قاتاسەنمۇ؟

ئۆستەڭنىڭ سۈيى تاشتى،
باغلاشقا توپاڭ بارمۇ؟
باغرىم خۇن-يارا سەنچۈن،
شىپالىق ئۇپاڭ بارمۇ؟
(7)
ئاق تاغلىق يىگىت تۇرسام،
دەيسەنغۇ  قارا تاغلىق.
سەندىن باشقىغا ئايىم،
يۈرىكىم قۇلۇپلاغلىق.

تەلمۇرسەم ساڭا شۇنچە،
ئاچمايسەن قۇچاقىڭنى.
جاننى ئالمىدىڭ ياكى
تارتمايسەن پىچاقىڭنى.
(8)
كاۋاپ قىل يۈرەكىمنى،
ئوت بولسا ئوچاقىڭدا.
ئارمانسىز كېتەتتىم ئاي،
جان بەرسەم قۇچاقىڭدا.

شامال سوقسا يىغلايدۇ،
دەرەخ ئۇچىدا ياپراق.
ۋىسالدىن ھاياتلىق بەر،
يا ئۆلتۈر مېنى پاتراق.
(9)
يامغۇرلار سىمىلدايدۇ،
كۈنلۈكنى تېپىپ قويغىن.
ھىجراندىن دىلىم غەمناك،
مېنى ياد ئېتىپ قويغىن.

ئولتۇرۇپ خىيال سۈرسەم،
سەن بارغۇ ئېڭىمدا ئاي؟
ئۇزۇن بولسىمۇ تۈنلەر،
يورىيسەن تېڭىمدا ئاي!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-1 02:06  


گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


باسقان ھەر قەدەمنى پارات دېگۈلۈك،ئۇ بىلىم-ئادەمگە قانات دېگۈلۈك.
ھاسىلات-يەكۈنسىز ئۆتكەن ئۆمۈرنى،ماتەمى يۇشۇرۇن مامات دېگۈلۈك.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

17

تېما

7

دوست

986

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 23:59:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى چىقىپتىكەنتۇق. شۇ خۇشاللىقىمدا ئاي خېنىم ناملىق ناخشىنى قىستۇرۇپ قوياي دىسەم بۇ مۇنبەردە ناخشا-مۇزىكا قىستۇرغىلى بولمايدىكەن. مۇنبەر تىما، ئىنكاس كۆزنىكىگە مۇزىكا قويغۇچ سەپلىگىلى بولماسمۇ ؟ شۇنداق بولغان بولسا بەك ياخشى بولاركەنتۇق... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەبەسسۇم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-29 00:06  

17

تېما

7

دوست

986

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 13:30:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇنچەم دىرامىسىدىكى ناخىشىلارنى ئەسلىتىپ قويدى.

47

تېما

0

دوست

1000

جۇغلانما

سادىق ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 23:43:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى زامان قوشاقلىرىغا مۇبارەك! بۇ يېڭى خەلق قوشاقلىرىنىڭ باشلىنىشى بوپتۇ. قوشاقلارنىمۇ يېڭىچە ئوبرازلىق سۆزلەر بىلەن يېڭىلاپ قويساق بولغىدەك. ئىزدىنىشىڭىزدىن سۆيۈندۈم.

78

تېما

22

دوست

4262

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 20:18:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلق قوشاقلىرى ئىزىدىن مېڭىش-ئەسلىنى تاپقانلىق،بىزنىڭ قولىمىزغا قەلەم ئېلىشىمىزغا مۇشۇنداق تاتلىق-چۈچۈك خەق قوشاقلىرى تۈرتكە بۇلغان. مەن ئۈچۈن ھېچنىمەزىمنىڭ بىر تاغار لاۋىزا،پەلىپەتىش يازمىلىرىدىن خەلق قوشاقلىرىنىڭ بىر بېيىتى ئەلا!

44

تېما

0

دوست

1285

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 19:01:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتىردىن خاتىرگە كۆچۈرۈپ يۈرگەن چاغلىرىمنى ئەسلەتتى
مەن ئەجەپ يوقاپ كەتتىم-ھە!

20

تېما

1

دوست

989

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 18:42:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى بەك يەڭگىل يىقىشلىق، ئاسان ئەستە قالىدۇ .ئوقۇغان سىرى ئوقۇغۇسى كىلىدۇ  كىشىنىڭ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-18 18:43  

يۈرەك سىرىڭنى بىلەيدەپ كەلدىم، ئايدەك جامالىڭنى كۆرەي ...

10

تېما

9

دوست

348

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 19:45:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشاقلار بەك ئاز تىلغا ئىلىنىۋاتقان مۇشۇ كەملەردە سىزنىڭ بۇ قوشاقلىرىڭىز مىنى بەكمۇ زوقلاندۇردى. سىزگە كۆپ رەھمەت!

16

تېما

3

دوست

899

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 15:18:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاي خېنىم ئايغا قاراپ ئولتۇرار،
ھەسرىتى سۇدەك ئېقىپ يامراپ تۇرار.
ئاي خېنىمنىڭ ياشلىرى قاپاقتا لىق،
بىلمىگەنلەر بىر يۇتۇم سوراپ تۇرار.

16

تېما

3

دوست

899

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 17:41:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاي خېنىمنىڭ يۈزىنى،
سۈت بىلەن يۇيغانمىكىن.
ئايخېنىمغا ساقلىدىم،
ئۇ بۈگۈن تۇيغانمىكىن.

ئاي خېنىمنىڭ يۈزلىرى،
ئايغا ئوخشاش ئاپمۇئاق.
ئاي خېنىمنى ساقلىدىم،
بىر يىل بولدى ساپمۇ ساق.

ئاي خېنىمنىڭ يۈزىگە،
ئايمۇ خىجىل قارارمىش.
بىر كۆرسەم دەپ كۈنمۇ ھەم،
رۈجىكىدىن مارارمىش.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:54 , Processed in 0.321616 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش