ئابلەت ئەخمەت
شېئىرلار
ئائىلە
جەننەتمۇ ئەمەسسەن ۋە ياكى دوزاخ،
تۈتۈنلەر ئوينايدۇ پەقەت بىشىمدا.
نىمە دەپ ئاتاشنى بىلمىدىم سىنى،
قىرتاق بىر لەززەت بار يىگەن ئىشىمدا.
چۆگىلەپ يۈرىمەن كۈنۇ-تۈن سىنى،
سەن ماڭا تۇتۇلۇپ بولدۇڭ بىچارە.
قىسىلدىڭ، بوغۇلدۇڭ، تاتاردىڭ نەچچە،
ئاجايىپ دۇنياكەن ماڭا نەچارە.
كەچۈرگىن، كەچۈرگىن، كەچۈرگىن مىنى،
گادايلىق تەختىدە قالدىڭ ئولتۇرۇپ.
بوسۇغا تۈۋىدە دو تىكىپ ساڭا،
بىر قەدەم بىسىپلا قويدۇم ئۇتتۇرۇپ .
قار ياققان كۈنلەردە ئەسلەمسەن مىنى
لەپىلدەپ قار چۈشتى شەھرىڭدە بەلكىم،
نويابىر قۇچاغلاپ سۆيگەندە سىنى.
ئۇ كۈنلەر باغرىڭدا تۈنىگەن يالقۇن،
قار ياغقان كۈنلەردە ئەسلەمسەن مىنى.
كۈتۈشلەر چۆلىسرەپ قالدى ئىھتىمال،
بىكەتلەر سوزۇلدى قەلبىڭگە قەدەر.
يوللارنىڭ باش ئۇچى كۆمۈلدى بەلكىم،
ئاق شارپا ئورىغان نۇرانە سەھەر.
ساختىلىق ئەمەستۇر كۆيگىنىڭ ماڭا،
سۆيگىنىڭ ھەم بۈگۈن باشقا بىرسىنى.
بىر چاغلار كۆيدۈرگەن قارنى ئىككىمىز،
قار ياققان كۈنلەردە ئەسلەمسەن مىنى .
تاڭلاردىن تاڭلارغا قوشۇلماقتا ياش
چايقالدى خۇمرىلار، چايقالدى ئالەم،
يالقۇن رەڭ ئۇپۇقتا خەمەكلىدى نۇر.
كۆزلەردە پىلىلداپ قالدى بىر سوئال،
قەلىبلەر تەكتىدە ئاق قالغان بىر قۇر.
كۆزنەكلەر ئىچىدىن ئىللىق بىر دۇنيا،
باغرىنى ئاچقاندەك تۇيۇلار ئاستا.
غەملەرنى ئۇنتۇلۇپ ماڭغان يولۇچى،
يىراقلاپ كىتىدۇ بۇيەردىن تەنھا.
تاڭلارغا ئۇلىنار شىركەيىپ كىچە،
ئۇيقۇنى ھاپاشلاپ يۈرەر ئەسنەكلەر.
پەرۋاسىز تۇيغۇلار كۆلەڭگىسىدە،
ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە مەشئۇم تىلەكلەر.
خورازلار كۈيىگە قىتىلماقتا كۈي،
پارلىنىپ چىقماقتا يىڭى بىر قۇياش.
خۇمرىلار بۇقۇلداپ تۆكىدۇ ھەسرەت،
تاڭلاردىن تاڭلارغا قوشۇلماقتا ياش.
مەڭگۈلۈك سەھەر
ئاجايىپ كەچمىش ئۇ، ئاجايىپ تۇرمۇش،
ئۆزتىلى، ئۆز كۈيى، ئۆز ناخشىسى بار.
بوپ قالار ئۇ تاتلىق مەڭگۈلۈك ئۆتمۈش،
ئۇ يولدا ھەمراھنىڭ ئەڭ ياخشىسى بار.
يانچۇققا بىر قەلەم بىر قوشۇق ھەمراھ،
شاھانە ياشىدۇق روھىمىز قۇۋناق.
يىپىشتۇق بىلىمگە شۇ تاڭلار گۇۋاھ،
قىپقالدى دوسكىدا بىز يازغان قوشاق.
ئالماشقان سۈرەتلەر لىق توشقان ئەلبۇم،
ئەستىلىك قوليازما ...ئۇزارغان يوللار.
ياشلانغان كۆزلەردە قىپقالار چوقۇم،
مۇڭ يۈدكەن ئاپتۇبۇس، سىلكىنگەن قوللار.
تۇيغۇلار شۇ سۆيۈش تەپتىدە مەستخوش،
توزىماس لەۋلەردىن لەززىتى تامام.
يۈرەكلەر قانداقمۇ دىيەلەيتتى خوش،
ياش ئەمەس قان ئاقسا كۆزلەردىن تارام.
تىرىقتەك تارالدۇق ئۇرۇق بولۇپ بىز ،
ئاۋۇللار ،يىزىلار ،يىراق شەھەرگە .
روھلارغا ئويۇلدى بىر تارىخى ئىز ،
تەلپۈنۈپ ياشايمىز مەڭگۈ سەھەرگە .