ئىزچىلار بلوگى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ: مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ، جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملىقىنى قوغداش ھەممە كىشنىڭ مەسئۇلىيىتى. دۆلەتنىڭ قانۇن نىزاملىرىغا، بىخەتەرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا، جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملىقىغا زىيان يەتكۇزىدىغان ھەرقانداق مەزمۇندىكى يازمىنى ئۆچۇرۇپ تاشلايدۇ، ھەمدە يۇقارقىدەك قانۇنسىز قىلمىشلارنى بىردەك قارشى تۇرىدۇ ۋە توسىدۇ،

  • 2011-08-23

    Windows 8 كېلەر يىلى ئېلان قىلىنىدۇ - [كومپيۇتېر تېخنىكىسى]

    Windows 8 كېلەر يىلى ئېلان قىلىنىدۇ

    cnbeta تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرى، چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO) سىتۋ.بالمېر (Steve Ballmer) ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئاچقۇچىلار يىغىنىدا Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ 2012-يىلى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
     
    بالمېر يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:«ئەنئەنىۋى PC نى قوللىغاندىن باشقا، Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى يەنە تاختا كومپيۇتېرنى قوللايدۇ. كېلەر يىلى ئېلان قىلىنىدىغان يېڭى نەشردىكى Windows مەشغۇلات سىستېمىسى تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلارغا ئىگە. بىز بۇ يىل Windows 8 غا ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلايمىز. ئېنىقكى، ئۇ تاختا كومپيۇتېر، PC قاتارلىق نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى قوللايدۇ».
    بالمېر ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلار ئادەمگە ئانچە يېڭىلىق تۇيۇلمايدۇ. چۈنكى مىكروسوفت يىل بېشىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە يېڭى نەشردىكى Windows قا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ تۇردى. مىكروسوفت بۇ يىل 1-ئايدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەنىدى:«يېڭى نەشردىكى Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ARM قۇرۇلمىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللايدۇ».
    نۇرغۇنلىغان ئەقلىيفۇن ۋە تاختا كومپيۇتېرلارغا ARM قۇرۇلمىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. بۇ مىكروسوفت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ تۇنجى قېتىم يېڭى نەشردىكى Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نامى ۋە ئېلان قىلىنىدىغان ۋاقتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرى ھېسابلىنىدۇ.

     

     

     





ئىزچىلار بلوگى سىزنى تولۇق ۋە تولۇقسىزنىڭ تەبىئىي پەن دەرس تەييارلىقى ، دەرسلىك دېتالى ۋە باشقا دەرسلىك ماتىريالى بىلەن ھەقسىز تۈردە ئۈزلۈكسىز تەمنلەيدۇ.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق