-
2011-09-22
مائۇسنىڭ تارىخى ۋە مائۇس ھەققىدە مۇلاھىزە (2) - [كومپيۇتېر تېخنىكىسى]
مائۇسنىڭ تارىخى ۋە مۇلاھىزە (2)
تەييارلىغۇچى: شىنجاڭ كومپيۇتىر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى
بېكەتنىڭ رۇخسىتىسىز ھەرقانداق تور بېكەت ياكى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ.مائۇسنىڭ ئالتۇن دەۋرى يېتىپ كەلدى. بۇ ھالەت 1985-يىلىغىچە داۋام قىلغان.
كومپيۇتېر زاپچاسلىرى ئىشلەش كەسپىگە قەدەم قويغان logitech شىركىتى 1985-يىلدىن كىيىن ئۆزىنى ۋە زاۋۇتىنى كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھ قىلىپ نۆۋەتتىكى كومپيۇتېر تەرەققىياتىغا ماس كەلگۈدەك زاپچاسلارنى ئىشلەشكە تېخىمۇ كىرىشتى. دەل شۇ چاغدا دوكتور Engilehbart نىڭ كەشپىياتى بولغان چاشقىنەكنىڭ بازىرى بارغانسېرى چىقىشقا باشلىغان ئىدى. چۈنكى مىكروسوفت ۋە ئالما شىركىتى ۋە شۇنداقلاIBM شىركەتلىرى كۈچلۈك رىقابەت ئىچىدە بولغاچقا كۆزنەكلىك مەشغۇلات سۇپىسى تەتقىقاتى توختىماي ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. نۆۋەتتىكى ئىشلاردىن بىر ئاز خەۋەردار logitech شىركىتى ھېچ ئىككىلەنمەيلا كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قاراپ، چاشقىنەك ياساش پىلانىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرىنچى قېتىم سىرتقى ئېلېكتر مەنبە ئىشلەتمەيدىغان مائۇسنى بازارغا سالدى.
شۇ يىللىرى «ﺋﺎﻟﻤﺎ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯧﺮ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ» ﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺳﯩﺘﯧۋى جوبىس ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖﻳﯧﻐﯩﻨﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎGUI ﻧﻰ (GUI,Graphic User Interface) ﺗوﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﻣﯩﻜﺮﻭﺳﻮﻓﺖ ﺷﯧﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻟﯩﺪﯨﺮﻯ ﺑﯧﻞ.ﮔﻪﻳﺘﯩﺲ ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳوﺷﯘﺭﯗﻥ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ھېس ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﻣﯩﻜﺮﻭﺳﻮﻓﯩﺘﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ GUI ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ سىستېمىسىWindows ﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ . 1985-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯧﻞ.ﮔﻪﻳﺘﯩﺲ ﻛﯚﺯﻧﻪﻛﻠﯩﻚ، ﻛﯚﭖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ Windows 1.0 ﻧﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ . ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺩﯨﺘﺎﻝ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ تۈﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ سىستېما ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎئىي ﺋﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ئېرﯨﺸﻪﻟﻤﯩﺪﻯ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯜنلۈكىنىمۇ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ سېلىنىش PC ﻛﻮﻣﭙﻴۇﺗﯧﺮﻧﯩﯔ كۆرۈنمە يۈزلۈك ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ سىستېمىسى ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﺎ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺋﻮﺑﻴﯩﻜﺘﯩﯟﯨﻨﻰ ﺭﻩﺳﯩﻢ (Icon) ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﭼﻘﺎ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻳﺎﻗﺎﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﮕﯩﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛېﻠﻪﺗﺘﻰ .
ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻣﯩﻜﺮﻭﺳﻮﻓﺖ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ windows ﻗﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﯞﻩ ﻳﯧﯖﯩﻼﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ 1990-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯨﺘﺎﻝ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﻨﻰ زىلزىلىگە ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ windows 3.0 ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ Windows 3.2 ,windows 3.1 ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻤﯘ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﻚ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯨﺘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ئىقتىدارىنى ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﯧﻴﯩﺘﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﻧﻪﺷﯩﺮﺩﯨﻜﻰ Windows ﺗﯧﺨﻰ ھەقىقىي ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ سىستېمىسى بوﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﻪﻧﻰ كومپيۇتېرنى ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ قوزغىتالمايتتى. 1995-ﻳﯩﻠﻰ 8-ﺋﺎﻳﺪﺍ windows95 ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ Windows ھەقىقىي ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺋﯘﻧﻰ Windows 3.X ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﻳﯜﺯﻯ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ، ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻻيىھەﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﮪﯩﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯨﺘﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﻛﯚﺯﻧﻪﻛﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻻيىھەﻟﻪﻧﮕﻪﻥ بوﻟﯘﭖ كىشىلەر ﺋﺎﺳﺎﻥ ئۆگىنىپ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﻗﯩﻼﻻيتتى. ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ Windows95 ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﻛﯚﭖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﻚ بوﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﺗﻪﯓ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ CPU ﻧﯩﯔ پايدىلىنىلىش ئۈﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﮪﻪﻡPlug and Pla ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ .
1998ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻣﯩﻜﺮﻭﺳﻮﻓﺖ windows95 ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ windows98 ﻧﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘنىڭدىن كېيىن windows ﻧﯩﯔ 2000،XP ،2003 ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ.
چاشقىنەكنىڭ بۇ ھېكايىسى تېخى ئەمدىلا باشلانغان. ئۇنىڭ تەرەققىيات جەريانى ئالاھىدىرەك. گەرچە چاشقىنەك ئۆزى كىچىك بىر ئۈسكۈنە بولسىمۇ، ئەمما ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدە بۇ نەرسە بولمىسا كومپيۇتېر قورالسىز جەڭچىدەك بولۇپ قالمامدۇ؟ يۇقىرىقى بايانلار چاشقىنەكنىڭ 87-يىلغىچە بولغان دەۋرى بولۇپ شۇ چاغدا ھېسابلاش ماشىنىسى ۋە ماركىلىق مەخسۇس كومپيۇتېرلارنى ئىشلەيدىغان زاۋۇت ۋە شىركەتلەر ساناقلىقلا ئىدى.... مىكروسوفتنىڭ بۇ دەۋردىكى نەتىجىلىرىمۇ ھەم ئاز ئەمەس ئىدى. ئەمما، مىكروسوفت بۇ ئىشقا تازا قىزىقىپ كەتمىگەن ئىدى.
ئەمما، 1988-يىلىغا كەلگەندە ئالما شىركىتى بۇرۇنقى تەجرىبىلىرىگە ئاساسلىنىپ كۆزنەكلىك يۇمشاق دېتال تەتقىقاتىغا تېخىمۇ كىرىشىپ تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازىنايلا دەپ قالغان ئىدى. بىز شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز زۆرۈركى، مۇۋەپپەقىيەتلىك مەھسۇلات ئاشۇ مەھسۇلاتتىن بۇرۇنقى بىر ياكى بىر نەچچە مەغلۇپ بولغان مەھسۇلاتنىڭ بەدىلىگە كەلگەن. Lisa شىركىتى apple شىركىتىنىڭ (Macintosh、MAC OS ) تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن تەجرىبە بىلەن تەمىن قىلغان.
ھەش پەش دېگۈچە 90-يىللار دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇ جەرياندا ئالما شىركىتى ھېچ توسالغۇسىز ھالدا تېز تەرەققىي قىلدى. بۇ تەرەققىيات يەنىلا مائۇسنىڭ قۇلايلىق ياراتقانلىقىدىن ئايرىلالمايتتى.مائۇسنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە خىزمەت پرىنسىپى
خىزمەت پرىنسىپىغا ئاساسەن مائۇسنى مېخانىكىلىق مائۇس ۋە لازېر نۇرلۇق مائۇس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ .
ئۇلىنىش ئۇسۇلىغا قاراپ سىملىق ۋە سىمسىز دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
سىملىق مائۇس تۇتاشتۇرىلىدىغان ئېغىزغا قاراپ ps/2 ئېغىزلىق ۋە Com ئېغىزلىق (串口) ۋە USB ئېغىزلىق دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.تۆۋەندە بىز مائۇسنىڭ خىزمەت پرىنسىپىغا ئاساسەن تۈرلىرىنى ئاددىي چۈشەندۈرىمىز.
مېخانىكىلىق مائۇس 机械式
بۇ مائۇسنىڭ ئىچكى تۈزىلىشى مېخانىكىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈش قۇرۇلمىسى ، لازېر نۇرغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلمىسى، كۇنۇپكا، نومۇر قويۇلغان ئېلېكتر ئۆزىكى، تۇتاشتۇرغۇچى سىم، سىرتقى قاپتىن تەركىب تاپقان.
مانا بۇ بىز ئەينى يىللىرى تۇنجى ئۇچراتقان شارەكلىك ھەركەتلىنىدىغان (مىخانىك) مائۇستۇر. شۇ ۋاقىتلاردا لازىر نۇرلۇق مائۇس يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما رايونىمىزغا تېخى يېتىپ كەلمىگەن ئىدى. تەخمىنەن 2000 -يىلىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىدا لازىر نۇرلۇق مائۇسلار قىزىل بايراق كومپيۇتېر بازىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
لازىر نۇرلۇق مائۇسنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشى
سىز ئىشلىتىۋاتقان بۇ مائۇسنىڭ تارىخىغا نۇرغۇن ئىشلار يېزىلغان. ئەگەر مائۇس بولمىغان بولسا كىشىلەر يەنىلا باشقىچە بىر خىل ئۈسكۈنىنى كەشىپ قىلار ئىدى. بىراق، مائۇس يەنىلا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەچكە، مائۇسنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ئۈسكۈنە ھازىرچە رەسمىي ئېلان قىلىنمىدى. ipad ۋە مىكروسوفتنىڭ ئۈستەل شەكىللىك سېزىمچان مەشغۇلات سۇپىسى قاتارلىق سېزىمچان باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش سىستېمىلىرى گەرچە مائۇسقا نىسبەتەن تەھدىت بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەر 40 نەچچە يىلدىن بۇيان مائۇسقا كۆنۈپ كەتتى. بۇ خۇينى ئۆزگەرتىش تەس.مائۇسنىڭ تەرەققىيات تارىخى
ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مائۇس بازىرىنىڭ شانلىق تەرەققىياتىنى Logitech بىلەن مىكروسوفت ياراتقان بولۇپ، مائۇسنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا سانسىزلىغان مۆجىزىلەر يارىتىلدى.Logitech نىڭ تەرەققىيات تارىخى
1981-يىلى Logitech قۇرۇلغان.
بۇ شىركەتنىڭ تەرەققىياتى دېمەك - مائۇسنىڭ تەرەققىياتى دېمەك. بۇ شىركەت مائۇس دۇنياسىدا سان-ساناقسىز «بىرىنچى»نى كەشىپ قىلدى. ئۇ بۈگۈنكى مائۇس تەرەققىياتىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان تۆھپىلەرنى قوشقان.1982-يىلى Logitech 1 - ئەۋلاد مائۇسنى ئېلان قىلدى.
بىراق، ئۇ مەزگىلدە Logitech مائۇسى كومپيۇتېر ياسايدىغان شىركەتلەرنىڭ OEM غا تەمىنلىنىدىغان مەھسۇلات ئىدى.
1983-يىلى 1- مېخانىكىلىق مائۇس ئىشلىنىپ ئېلان قىلىندى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسىپ ئۆلچىمى قىلىندى.
1984-يىلى لازېر نۇرلۇق مائۇس كەشىپ قىلىندى.
1985-يىلى سىرتقى ئېلېكتر مەنبەنى ئىشلەتمەيدىغان مائۇس كەشىپ قىلىندى،
شۇ يىلى شىركەت ئۆز ماركىسىدىكى پارچە ساتىدىغان مائۇسلارنى بازارغا سالدى.
1996-يىلى Marble نۇر تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن مائۇسنى ئېلان قىلدى.
2001-يىلى سىمسىز مائۇسنى ئېلان قىلدى.
2002-يىلى Blue Tooth (كۆك چىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان) مائۇس ئېلان قىلىندى.
2003-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى شىركەت دۇنيا خەلقىگە 5 يۈز مىليون مائۇسنى تەقدىم قىلدى. بۇ مائۇسلارنىڭ سىمى تۇتاشتۇرۇلسا ئۇزۇنلۇقى 38500 ئىنگلىز مىلى بولۇپ، يەر شارىنى بىر يېرىم ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ . ئۇنىڭ ھەجىمى بويىچە ھېسابلىغاندا 6 مىليون كۇپ ئىنگلىزچىسى بولىدۇ ۋە ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئىشلىتىدىغان 48 دانە سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى تولدۇرالايدۇ.
2004-يىلى 12-ئايدا شىركەت تۇنجى نۇسخىدىكى لازىر نۇرلۇق ئورۇن بەلگىلەش تېخنىكىسى قوللىنىلغان MX1000 تېخنىكىسىدىكى سىمسىز مائۇسنى تارقاتتى.مىكروسوفتنىڭ مائۇس تەرەققىيات تارىخى
بېل.گەيتىس مائۇس بازىرىنى كېيىنرەك ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كۈچلۈك ئىجادىيەت قوشۇنى بولغاچقا، مائۇسنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا يەنىلا ئەڭ دەسلەپ يېڭىلىق ياراتقان شىركەتتۇر. شۇنداقلا Logitech نىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسىدۇر.1983-يىلى 6-ئايدا مىكروسوفت شىركىتى Microsoft Mouse مائۇسىنى ئېلان قىلدى ۋە بۇ مائۇسنى ئەڭ دەسلەپكى IBM شەخسلەر كومپيۇتېرىدا ئىشلەتتى.
1987-يىلى RS-232 ئېغىزلىق مائۇسنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭلىق بىلەن كومپيۇتېغا I/O كېڭەيتىلمە كارتا سەپلەشنىڭ ھاجىتى قالمىدى.
1993-يىلى يېڭى بىر ئەۋلاد Microsoft Mouse 2.0 مائۇسىنى ئېلان قىلدى.
1996-يىلى Microsoft IntelliMouse مائۇسى بازارغا چىقتى.
1999-يىلى IntelliEye دەپ ئاتىلىدىغان لازېر نۇرلۇق يېڭى تېخنىكىدىكى مائۇس ئېلان قىلىندى.
2001-يىلى ئىككىنچى ئەۋلاد IntelliEye مائۇسى ئېلان قىلىندى.
2003-يىلى يېڭى بىر ئەۋلاد Tilt Wheel نى ئېلان قىلدى.يۇقىرىقى ئىككى شىركەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىسىدە، باشقا ئۇششاق كارخانىلار ئۇلار ئىشلەپچىقارغان مائۇسلارغا ئوخشىتىپ ياسالغان مائۇسلارنى جۇڭگو بازىرىدا تۆكمە قىلىۋەتتى. دېڭىز بويىدىكى شېنجېن، شاڭخەي قاتارلىق ئەڭ دەسلەپ ئېچىۋىتىلگەن يېنىك سانائەت شەھەرلىرى كومپيۇتېرغا ئائىت يېنىك سانائەتتە ئەڭ دەسلەپ تەرەققىي قىلىش يولىنى ئاچقان. ئەنە شۇ جايلاردا يۇقىرىقى ئىككى شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى كلون قىلىنغان ۋە ياكى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. شۇنداقلا كۆپلەپ ئوخشىتىپ ياسىلىپ جۇڭگو بازىرىنى تەمىنلىگەن.
يۇقىرىدا ئىككى شىركەتنىڭ مائۇس تەرەققىياتىدا يېڭى تېخنىكىلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. كۆپچىلىك ئۇ تېخنىكىلارنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقى باردۇ دەپ قالغاندۇ ھەقىچان. ئەنە شۇ تېخنىكىلار ھازىر كومپيۇتېر ئۈستىلىڭىزدىكى مائۇسنىڭ ئۆزى شۇ. گەرچە ئۇ كىچىك، ئاددىي كۆرۈنگەندەك قىلغان بىلەن، ئۇ ئەنە شۇ چوڭ شىركەتلەرنىڭ ۋە ئىنگىل ئەپەندىمنىڭ قان-تەرىنىڭ مەھسۇلى.
نۆۋەتتە بازارلاردا مائۇسلارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، شەكلى ھەرخىل، ئىنتايىن چىرايلىق. مېخانىكلىق، شارىكلىق مائۇسلار كومپيۇتېر مائۇس بازىرىدىن خوشلاشتى. نۆۋەتتە كۆك چىشلىق ۋە سىمسىز مائۇسلار بازارنى قاپلاۋاتىدۇ. سىملىق مائۇسلارنىڭ دەۋرى ئوتتۇرا دەۋردىن ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن قانداق تېخنىكىلار مەيدانغا كېلىدۇ ؟ بۇنى كەلگۈسىدە كۆرەيلى!
بىز مائۇسقا ۋە ئۇنى كەشىپ قىلغۇچىغا رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايمىز.