ئىزچىلار بلوگى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ: مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ، جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملىقىنى قوغداش ھەممە كىشنىڭ مەسئۇلىيىتى. دۆلەتنىڭ قانۇن نىزاملىرىغا، بىخەتەرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا، جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملىقىغا زىيان يەتكۇزىدىغان ھەرقانداق مەزمۇندىكى يازمىنى ئۆچۇرۇپ تاشلايدۇ، ھەمدە يۇقارقىدەك قانۇنسىز قىلمىشلارنى بىردەك قارشى تۇرىدۇ ۋە توسىدۇ،

  • 2011-09-22

    winXP نىڭ كىرىش پارولىنى ئۇنۇتسىڭىز - [كومپيۇتېر تېخنىكىسى]

    winXP نىڭ كىرىش پارۇلىنى ئۇنۇتسىڭىز

     

    Windows XP نىڭ Administrator مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، كۆپىنچە ئەھۋالدا سېستىمىنى قايتا قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ.
    لىكىن مەن بۇ يەردە سىزگە بىرنەچچە خىل ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى سۆزلەپ ئۆتەي، ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
    Windows XP نىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى:
    1- خىل ئۇسۇل: ئەگەر سىز Windows XP نىڭ ئۆزىڭىز قۇرۇۋالغان ئابونت مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، بۇنى ھەل قىلىش ئاسان. كۆپىنچە كىشىلەر مەشغۇلات سېستىمىسىنى تۇنجى قاچىلىغاندىن كىيىن ئۆزى يېڭىدىن ئابونت قۇرۇپ، Administrator بىلەن كارى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەشغۇلات سېستىمىسىدا بىر يوچۇق ساقلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر شۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىڭىز قۇرغان مەخپى نۇمۇرنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز بۇنى ھەل قىلىش ناھايىتى ئاسان. يەنى سىز Windows نىڭ Dos ھالىتىدە Net بۇيرۇقىنى ئىشلىتسىڭىزمۇ بولىدۇ. لىكىن بۇ سەل ئاۋارىچىلىك، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ بۇيرۇقنىڭ ئىشلىتىش شەكلىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئەڭ ياخشىسى سىز كومپىيوتىرىڭىزنى نورمال قوزغۇتۇپ، ئابونىت نامى چىقىپ مەخپى نۇمۇر سېلىش ھالىتىگە كەلگەن چاغدا، Ctrl+Alt+Del ئۈچ كونۇپكىنى باسسىڭىز، ئۆزىڭىز ئەركىن ئابونىت نامى سېلىش ھالىتىگە كىرىدۇ، سىز ئابونىت نامىغا Administrator نى سېلىپ، Enter نى بېسىپ سېستىمىغا كىرەلەيسىز، ئەشۇ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان ئابونت نامىڭىزنى ئۆچۈرۈپلاۋەتسىڭىز ئىش تامام.
    ئەمدى ئەڭ چاتاق بولغىنى مۇشۇ Administrator دىگەن ئەبلەخنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قېلىش. ھې ھې ھې. كومپىيوتىردا پەقەت Administrator دىگەن ئابونتلا بولۇپ ئۇنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، سېستىمىنى قايتا قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق ئاۋارە بولماڭ.
    مەخپى نۇمۇرنى تېپىشتا بىر نەچچە يۇمشاق دىتالنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: PasswareKit5.0 نىڭ ئىچىدىكى Windows Key 5.0، لىكىن بۇنى ئىشلىتىپ بولغۇچە كاللىڭىز ئېلىشىپ كىتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا سىزنى تەققەززا قىلىپ دىمەكچى بولغىنىم ئەڭ ئاسان ئۇسۇل.
    يەنى سىز كومپىيوتىرىڭىزنى Dos قوزغىتىش دىسكىسى ئارقىلىق قوزغۇتۇڭ (ئەلۋەتتە دېسكىڭىز Fat بويىچە فورماتلانغان بولسا قانداق Dos قوزغۇتۇش دىسكىسى ئارقىلىق قوزغاتسىڭىز بولىۋىرىدۇ، ئەگەر NTFS بويىچە فورماتلانغان بولسا چوقۇم NTFS نى قوللايدىغان Dos قوزغۇتۇش دىسكىسى بولسۇن ، ھازىرقى سېستىما قاچىلاش دېسكىلىرىدا ئاساسەن دوس قوزغىتىش ھالىتىگە كىرەلەيدۇ .)، ئاندىن سىز مەشغۇلات سېستىمىسى غول مۇندەرجىسى ئاستىدىكى \system32\config نىڭ ئاستىدىكى sam دىگەن ھۆججەتنى (بۇ ھۆججەتنىڭ ھېچقانداق كېڭەيتىلگەن ھۆججەت نامى يوق) قورقماي ئۆچۈرىۋىتىڭ، ياكى بولمىسا مەخپى شىفىر سېلىنمىغان بىرەر كومپىيوتېردىن يۇقارقى ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىڭ ئاندىن كومپىيىوتىرنى قايتا قوزغاتسىڭىز، Administrator نىڭ مەخپى نۇمۇرىنىڭ يوقالغانلىقىنى ھىس قىلىسز
    ئەمدى ھاردۇغىڭىز چىققاندۇ. system32\config نىڭ ئاستىدىكى sam ھۆججىتى دەل Windows XP نىڭ ئابونت سانلىق ئامبار ھۆججىتى، بۇنىڭدا سېستىما ئىشلەتكۈچى ئابونتلىرىنىڭ بارلىق مەخپى ئۇچۇرى ساقلانغان، سىز ئۇنى ئۆچۈرىۋەتكەندىن كىيىن، Windows XP قايتا قوزغۇلۇش جەريانىدا، ھېچقانداق مەخپى نۇمۇرى بولمىغان sam ھۆججىتىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سېستىما ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەخپى نۇمۇرى يوقايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرنەچچە خىل ئۇسۇل بار، ئەڭ ئاددى، قولايلىق ئۇسۇل يۇقارقىلار ........... ...

     مەنبە: كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى





ئىزچىلار بلوگى سىزنى تولۇق ۋە تولۇقسىزنىڭ تەبىئىي پەن دەرس تەييارلىقى ، دەرسلىك دېتالى ۋە باشقا دەرسلىك ماتىريالى بىلەن ھەقسىز تۈردە ئۈزلۈكسىز تەمنلەيدۇ.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق