-
2011-08-24
قىزلار بىلمەيدىغان 11 تۈرلۈك ئىش - [بىلىۋىلىڭ]
قىزلار بىلمەيدىغان 11 تۈرلۈك ئىش
1. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇشقا ئىنتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر قارىماققا كۈچلۈكتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ، كۆڭلى نازۇك بولىدۇ . شۇڭا ئۇلار يېنىدىكى قىزنىڭ ئۆزىنى ئەڭ ياخشى دەپ بىلىشى ئۈچۈن ، كۈچلۈك بولۇشقا ئىنتىلىدۇ .
2. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاسانلىقچە ياش تۆكمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەرمۇ ياش تۆكىدۇ . ئۇلار ياش تۆككەندە ، بىر مەزگىللىك مۇھەببىتىگە خاتىمە بېرىدۇ .
داۋامىنى كۆرەي دىسىڭىز مەزكۇر تېمىغا ئۆزىڭىز قانداق قارايدىغانلىقىنى ئىنكاس شەكىلدە قىسقىچە ئىپادىلەڭ ....
3. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئازابلانغاندا تاماكا چېكىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر قويۇق ئىس ئىچىدە ئۆتمۈشتىكى گۈزەل ۋاقىتلارنى ئەسلەپ ، كۆڭلى تىنچىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ .
4. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن كېيىنمۇ ئۆزىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى سىز بىلەن دوست بولۇپ ئۆتۈشنى ئويلىغىنى ئەمەس ، بەلكى ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان ئىلگىرىكى مۇھەببەتنى قايتۇرۋالماقچى .
5.قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ يىغلاپ – قاقشىغانلىقىنى كۆرسە ئاچچىقى كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر قىزلارنىڭ يىغىسىنى بالايىئاپەتنىڭ بىشارىتى دەپ قارايدۇ .
6.قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ، ھەر ئاخشىمى ھاراق ئېچىپ مەست بولۇۋالىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . چۈنكى ئۇلار مەست بولۇۋالمىسا ، شۇ كېچىنىڭ ئەسلەش ۋە ئازاب ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ .
7.قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئالدىدا مەردلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى سىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈزىڭىزنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن .
8.قىزلار ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ، يەنە نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى سىزنى سۆيمىگەنلىكى ئەمەس ، بەلكى سىزنىڭ كېيىنكى تۇرمۇش مۇساپىڭىزدە باشقىلارنىڭ شېرىن – شېكەر گەپلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈن9.قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن لايىقىنىڭ بۇرۇنقى يىگىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . بۇ ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكى ئەمەس ، بەلكى لايىقىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىنى تاشلاپ ، ئىلگىرىكى يىگىتنىڭ قېشىغا كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى .
10.قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باشقىلار ئۈچۈن يازغان كۈندىلىك خاتىرىسنى كۆرگەندىن كېيىنمۇ ، سوغۇققانلىق بىلەن بۇنى چۈشەندۈرۈشنى ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ ئاچچىقلىنىشنى خالىغانلىقى ئەمەس ، بەلكى قىزنىڭ ئاغزىدىن زادى كىمنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن .
11.قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ‹‹ سىزنى سۆيىمەن ›› دېمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر ئۆز مۇھەببىتىنى تىلى ئارقىلىق ئەمەس ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدۇ .
مەنبە:ھاياتلىق ژورنىلى