ئىزچىلار بلوگى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ: مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ، جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملىقىنى قوغداش ھەممە كىشنىڭ مەسئۇلىيىتى. دۆلەتنىڭ قانۇن نىزاملىرىغا، بىخەتەرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا، جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملىقىغا زىيان يەتكۇزىدىغان ھەرقانداق مەزمۇندىكى يازمىنى ئۆچۇرۇپ تاشلايدۇ، ھەمدە يۇقارقىدەك قانۇنسىز قىلمىشلارنى بىردەك قارشى تۇرىدۇ ۋە توسىدۇ،

  • 2011-08-23

    دۇنيادىكى 7 چوڭ مۆجىزىنىڭ جايلاشقان جۇغراپىيىلىك ئورنى - [ئەدەبيات گۈلزارى]

    دۇنيادىكى 7 چوڭ مۆجىزىنىڭ جايلاشقان جۇغراپىيىلىك ئورنى

    1. مىسىردىكى ئەلئىھرام.

    مىسىردىكى ئەلئىھرام قەدىمكى زاماندىكى يەتتە مۆجىزىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمىي قۇرۇلۇش ، شۇنداقلا مۇكەممەل ساقلانغان مەدىنيەت يادىكارلىقى ، ھازىرغىچە ھېچكىم ئەلئىھرامنىڭ سىرىنى يىشەلىگىنى يوق .
    قۇرۇلغان ۋاقتى : مىلادىدىن ئىلگىركى 2700-يىلدىن 2500- يىللىرى
    ئورنى : مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەنىڭ ئەتراپىدا.

    2. مىسىردىكى پۇرۇت شەھىرى ئىسكەندىرىيەدىكى ماياك.

    بۇ ماياك ئۇلۇغ ئىمپىراتۇر ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن(ئالىكىساندىر ماكىدونىسكى)نىڭ بۇيرۇقى بىلەن ياسالغان . بۇ ماياك ئەسلىدە  ئىسكەندىرىيەدىكى بىر ئارالغا ياسالغان بۇلۇپ ، ماياكنىڭ ئىگىزلىكى  122 مېتىر .
    ياسالغان ۋاقتى : مىلادىدىن ئىلگىركى 300 -يىلى
    ئورنى : مىسىردىكى ئىسكەندىرىيە شەھىرى.

    3. باغداتقا جايلاشقان بابىلۇن مۇئەللەق باغچىسى.

    مۇئەللەقتىكى بۇ باغچا يېڭى بابىلۇن دۆلىتىنىڭ پادىشاھىنىڭ دەۋرىدە مىلادىدىن ئىلگىركى 600- يىللىرىنىڭ ئالدى كەينىدە ياسالغان . بۇ قۇرۇلۇش  ھەر بىر قەۋەتكىچە گۈللەر ھەم دەل دەرەخلەر بىلەن بىزەلگەچكە كىشىلەر تەرىپىدىن مۇئەللەقتىكى باغچا دەپ ئاتالغان .
    ياسالغان ۋاقتى : مىلادىدىن ئىلگىركى 600 - يىلنىڭ ئالدى _ كەينىدە
    ئورنى : ھازىرقى ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتنىڭ ئەتراپىدا .

    4. تۈركىيەنىڭ كىچىك ئاسىيا قىسىمىدىكى مۇقەددەس ئارفىمىس ئىبادەتخانىسى.

    بۇ ئىبادەتخانىنى تۈركىيەنىڭ كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان قەدىمكى لودىيە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى كىرويىس سالدۇرغان . مىلادىدىن ئىلگىركى بىر قېتىملىق ئاپەتتە كۈيۈپ كەتكەن .
    ياسالغان ۋاقتى : مىلادىدىن ئىلگىركى 550 - يىللىرى
    ئورنى : ھازىرقى تۈركىيەنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا.

    5. يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى باش ئىلاھ زىۋىسنىڭ ھەيكىلى.

    ئولۇمپۇس تېغىدىكى زىۋىسنىڭ ھەيكىلىنى قەدىمكى يۇناننىڭ (گىرىتسىيە)داڭلىق ھەيكالتاراش فىدىياس ياسىغان .
    بۇ ھەيكەل پۈتۈنلەي ئالتۇندىن ياسالغان .
    ياسالغان ۋاقتى : مىلادىدىن ئىلگىركى 457- يىلى
    ئورنى : گىرىتسىيەدىكى ئولىمپىيە شەھىرى.

    6. مۇسىراس قەبرىسى .

    دىيىلىشچە بۇ قەبرىنىڭ ئىگىزلىكى 45 مېتىر ،  قەبرىنىڭ ئۈستى قىسىمى ئىھرامغا ئوخشايدىغان بۇلۇپ  ،  بۇ قەبرە مىلادىدىن ئىلگىركى 3 - ئەسىردە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان .
    ياسالغان ۋاقتى :  مىلادىدىن ئىلگىركى 353 - يىللىرى
    ئورنى : ھازىرقى تۈركىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا .

    7. رود ئارىلىىدكى قۇياش ئىلاھى _ ئاپوللونىڭ گىگانىت ھەيكىلى.

    بۇ گىگانىت ھەيكەل رود پورتىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان .ئۇ يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى قۇياش ئىلاھى ئاپوللونىڭ ھەيكىلى بۇلۇپ ساپ مىستىن ياسالغان ، ئىگىزلىكى 33 مېتىر ، ئىلگىر _ كىيىن 56 يىلدا پۈتكەن . مىلادىدىن ئىلگىركى 226 - يىلى بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان .
    ياسالغان ۋاقتى : مىلادىدىن ئىلگىركى 282 - يىلى ياساپ پۈتكۈزۈلگەن
    ئورنى :  ئىگىي دېڭىزى گىرىتسىيەنىڭ رود پورتى.

     

    مەنبە : ئوقۇتقۇچىلار كۇلۇبى

     





ئىزچىلار بلوگى سىزنى تولۇق ۋە تولۇقسىزنىڭ تەبىئىي پەن دەرس تەييارلىقى ، دەرسلىك دېتالى ۋە باشقا دەرسلىك ماتىريالى بىلەن ھەقسىز تۈردە ئۈزلۈكسىز تەمنلەيدۇ.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق