نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەنگلىيە، كانادا، ئۇگاندا ۋە زىمبابۋېدىن كەلگەن خەلقئارا تەتقىقات ئەترىتىنىڭ بايقىشىچە، دائىم ئۇچرايدىغان ئانتىبيوتىك مۇرەككەپ كوترىموكسازول (cotrimoxazole) ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ ناچار ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى ئازايتالايدىكەن. 4-ئاينىڭ 3-كۈنى Science Translational Medicineدا ئېلان قىلىنغان بۇ ئىلمىي ماقالىدە، مەزكۇر ئەترەت ياش يۇقۇمدارلاردا ئانتىبيوتىكلارنىڭ ئۈنۈملۈك جەريانىنى ھەمدە ئۇلار بايقىغان ئەھۋالنى سىناق قىلغان.
ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئالىملارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان يۇقۇمدارلارنى داۋالاش جەھەتتە غايەت زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، ھەتتا بۇ كېسەل ئەمدى ئەجەللىك كېسەل دەپ قارالمايدىغان بولدى، ھېچ بولمىغاندا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ياشاۋاتقانلارغا نىسبەتەن شۇنداق. ئەمما ئافرىقىدىكى نۇرغۇن جايلاردا ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا. نۇرغۇن يۇقۇمدار يۇقۇملىنىشنى داۋالاشقا كېرەكلىك دورىنى سېتىۋېلىشقا ئامالسىز ھەمدە يەنە يۇقىرى يۇقتۇرۇش نىسبىتى مەسىلىسى مەۋجۇت.
بۇنداق ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئافرىقىنىڭ داۋالاش خادىملىرى باشقا ئۇسۇلدا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا ياردەم بېرىش ھەققىدە ئىزدەنمەكتە، بولۇپمۇ بالىلارغا شۇنداق. بۇنىڭدىكى بىر داۋالاش ئۇسۇلى ئەرزان باھالىق ئانتىبويوتىك دورا مۇرەككەپ كوترىموكسازول، بۇ دورا ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە. تەتقىقاتچىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ دورا ئەيدىز ۋىرۇسۇ يۇقۇملىنىشقا ئالاقىدار ناچار ساغلاملىق ۋەقەلىرى، مەسىلەن ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئازايتىشى مۇمكىن.
بۇ يېڭى تەتقىقاتتا تەتقىقاتچىلار مەزكۇر ئانتىبيوتىك راستىنلا ئەيدىز بىمارلىرىغا ياردەم بېرەلەيدىغان بېرەلمەيدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. تەتقىقاتچىلار ئۇگاندا ۋە زىمبابۋېدىكى 293 نەپەر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بالىغا مۇرەككەپ كوترىموكسازول دورىسىدىن 96 ھەپتە تەمىنلىگەن. ئاندىن، ئۇلار بارلىق بالىلارنىڭ قان پىلازمىسى ئەۋرىشكىسىنى توپلىغان ھەمدە ئۇلاردىكى يېرىم بالىغا بۇ دورىنى ئىشلىتىشنى توختاتقان. 48 ھەپتىدىن كېيىن، تەتقىقات بارلىق بارلىلارنىڭ قان پلازمىسى ئەۋرىشكىسىنى يەنە توپلىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەۋرىشىسىنى سېلىشتۇرۇش قىلغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، داۋاملىق مۇرەككەپ كوترىموكسازول داۋالىشىنى قوبۇل قىلغان بالىلار بىلەن بۇ دورىنى يېمىگەن بالىلارنى سېلىشتۇرغاندا، پۈتۈن بەدەندىكى ياللۇغ دەرىجىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان. ئۇلار يەنە زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەنىڭ ئاكتىپلىق سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. تېخىمۇ كونكرېت ئېيتقاندا، ئۇلار ئانتىبيوتىك دورا يېيىشنى توختاتقان بالىلارنىڭ ناچار ساغلاملىق ئەھۋاللىرىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى داۋاملىق دورا ئىشلەتكەن بالىلارغا قارىغاندا %18 يۇقىرى بولغان.
ئانتىبيوتىك دورىنىڭ ئادەم تېنىگە بولغان تەسىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلغاندا، تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئانتىبيوتىكلارنىڭ 16 نەپەر قورامىغا يەتكەن بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن، ياللۇغ مولېكۇلىسىنىڭ پەيدا بولىشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدىكەن.
ئۇلارنىڭ خۇلاسىسى بولسا گەرچە بۇ خىل ئانتىبيوتىكتا ئومۇميۈزلۈك دورىغا چىدامچانلىق مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىنىڭ ناچار ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى بەلگىلىك دەرىجىدە يېنىكلىتىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ئەيدىز ئىكەنلىكىگە دىياگنوز قويۇلسا ئارقىغا سۆرىمەي دورا يېيىشنى دەرھال باشلاش كېرەك نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالغان بولسىڭىز ئاكتىپ داۋالىنىش ھەممىدىن مۇھىم. كەلگۈسىدىكى كۈنلەر يەنە ناھايىتى ئۇزۇن، يەنە ناھايىتى كۆپ ئې
دائىم ئۇچرايدىغان ئانتىبيوتىكلار ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ناچار ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى ئازايتىدۇ نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگلىيە، كانادا، ئۇگاندا ۋە زىمبابۋېدىن كەلگەن خەلقئارا تەتقىقات ئەترىتىنىڭ بايقىشىچە، دائىم ئۇچرايدىغان ئانتىبيوتىك مۇرەككەپ كوترىموكسازول
ئىلمىي دورا يېسە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئۆمرى نورمال ئادەملەرنىڭكىگە يېقىنلىشىدۇ نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەيدىز كېسىلى ئويلىغاندىكىدەك ئۇنداق قورقۇنچلۇق ئەمەس، كۆپچىلىك ئەيدىز ھەققىدە گەپ بولسا ۋەھىمىگە چۈشۈشنىڭ ھاجىتى يوق. (بۇ دىققەت قىلماڭ، يۇقتۇ
ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى جىنسىي تۇرمۇشتىن قانداق بىخەتەر بەھرىمەن بولىدۇ؟ نۇر تورى تەرجىمىسى: جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى بىلەن UNAIDS ۋە WHOنىڭ بىرلىكتە باھالىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە دۆلىتىمىزدە ھايات HIV/AIDS بىمارى بىر مىليو
ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار جىنسىي ھەۋەسنى تۆۋەنلىتىپ تاشلامدۇ؟ نۇر تورى تەرجىمىسى: كۆپلىگەن كىشىلەر دورا يېگەندىن كېيىن جىنسىي ھەۋەس يوق بولۇپ كەتتى دېيىشىدۇ. زادى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار جىنسىي ھەۋەسنى تۆۋەنلىتىۋېتەمدۇ؟
