نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەيدىز كېسىلى ئويلىغاندىكىدەك ئۇنداق قورقۇنچلۇق ئەمەس، كۆپچىلىك ئەيدىز ھەققىدە گەپ بولسا ۋەھىمىگە چۈشۈشنىڭ ھاجىتى يوق. (بۇ دىققەت قىلماڭ، يۇقتۇرۇۋېلىڭ دېگەنلىك ئەمەس)
ئىلمىي تەتقىقات HIV يۇقۇمدارلىرىنىڭ پەقەت دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئىلمىي دورا يېسە، تامامەن نورمال ئادەملەرگە يېقىن ئۆمۈر كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى. گەرچە ئەيدىز كېسىلى مەزگىلىگە كىرگەن تەقدىردىمۇ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۆمرىنى ئۇزارتىشتا ئۈمىد بار.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، HIV ئاساسىلىقى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش، قان سۇيۇقلۇقىدىن يۇقۇش ۋە ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇش قاتارلىق ئۈچ چوڭ يول ئارقىلىق يۇقىدىكەن.
بۇنىڭدا جىنسىي مۇناسىۋەت دۆلىتىمىزدە ئەيدىز كېسىلى يۇقۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق يول بولۇپ ھەمدە بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، ياش ئۆسمۈرلەر ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىق توپلارغا مەركەزلەشكەن، بۇنىڭدا ئەر ھەمجىنىسلار توپىدىمۇ ئېشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. بىرلا ۋاقىتتا، ئەگەر مۇنتىزم بولمىغان يەرلەردە چاچ ياساتسا، ھۆسن تۈزەتسە، چەكمە چەكتۈرسە، قۇلاش تەشتۈرسە، باشقىلار بىلەن ساقال تىغى، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلەتسىمۇ HIV يۇقۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
نۆۋەتتىكى يۇقۇملىنىش يۈزلىنىشى ھەققىدە توختالغاندا، قېرىلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆرلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى ھەمدە ئاساسلىقى ناچار جىنسىي قىلمىش سەۋەبلىك يۇقماقتا.
2017-يىلغىچە دۆلىتىمىزدە ياشانغان ئەر يۇقۇمداردىن 19 مىڭى بار ئىكەن.
ياشانغانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېڭى نىسبەتەن ئاجىز، ئادەتتە باشقا كېسەللەر بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانغاندا ئاندىن مۇسبەت ئىكەنلىكى بايقىلىدۇ. قېرىلارمۇ ئەيدىز كېسىلى خەتىرى ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، توغرا جىنسىيەت قارىشى تىكلىشى كېرەك، ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ قېرىلارغا بولغان ئەكس تەسىرى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغاچقا ھەمدە ئاسانلا قېرىلار ئۇزۇن مۇددەت يەۋاتقان باشقا دورىلار بىلەن ئۆزئارا تەسىرلىشىدۇ. ھازىر قېرىلارنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشمۇ پەيدىنپەي داۋالاش ساھەسى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى.
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەسىراتىدا ئەيدىز كېسىلى داۋالىغىلى بولمايدىغان كېسەل، ساقايمايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئاكتىپ داۋالانسا، ئەيدىز بىمارلىرى تامامەن نورمال ئادەملەردەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ. نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ چىقىلمىدى، پەقەت ھەرىكىتىمىزنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئالدىنى ئالىمىز. مەسىلەن يۇقىرى خەتەردىكى قىلمىشلارنى رەت قىلىش، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش، بىخەتەر بولمىغان ۋە زۆرۈر بولمىغان ئوكۇل ئۇرۇشلاردىن ساقلىنىش كېرەك.
2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىغىچە پۈتۈن دۇنيادا 21 مىليون 770 مىڭ ئادەم تەتۈر كۆچۈرۈلىدىغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا ئېرىشتى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋىرۇسقا قارشى دورا يېگەندىن كېيىن ئوتتۇرىچە ئۆمرى نورمال كىشىلەرنىڭ سەۋىيەسىگىچە ئۇزرايدىكەن، بارغانسېرى كۆپلىگەن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارى ياخشى ھالەتنى، ئەمگەك ئىقتىدارىنى ساقلىغان ھەمدە ھاياتى ئۇزارغان.
HIV يۇقۇمىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن كېسەل ئالامىتىسىز دەۋرى بولىدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى ئۆزى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى، داۋالاش ئورگانلىرى، ئەيدىز كېسىلىگە ئالاقىدار مەھەللىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتسە بولىدۇ، ھەتتا ئۆزى تەكشۈرسىمۇ بولىدۇ. يۇقىرى خەتەردىكى قىلمىش يۈز بېرىپ 24 سائەت ئىچىدە، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 72 سائەتتىن ئېشىپ كەتمىسە يۇقۇشنى ئۈنۈملۈك ئۈزۈۋېتىش پەيتى ھېسابلىنىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ئەيدىز ئىكەنلىكىگە دىياگنوز قويۇلسا ئارقىغا سۆرىمەي دورا يېيىشنى دەرھال باشلاش كېرەك نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالغان بولسىڭىز ئاكتىپ داۋالىنىش ھەممىدىن مۇھىم. كەلگۈسىدىكى كۈنلەر يەنە ناھايىتى ئۇزۇن، يەنە ناھايىتى كۆپ ئې
دائىم ئۇچرايدىغان ئانتىبيوتىكلار ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ناچار ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى ئازايتىدۇ نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگلىيە، كانادا، ئۇگاندا ۋە زىمبابۋېدىن كەلگەن خەلقئارا تەتقىقات ئەترىتىنىڭ بايقىشىچە، دائىم ئۇچرايدىغان ئانتىبيوتىك مۇرەككەپ كوترىموكسازول
ئىلمىي دورا يېسە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئۆمرى نورمال ئادەملەرنىڭكىگە يېقىنلىشىدۇ نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەيدىز كېسىلى ئويلىغاندىكىدەك ئۇنداق قورقۇنچلۇق ئەمەس، كۆپچىلىك ئەيدىز ھەققىدە گەپ بولسا ۋەھىمىگە چۈشۈشنىڭ ھاجىتى يوق. (بۇ دىققەت قىلماڭ، يۇقتۇ
ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى جىنسىي تۇرمۇشتىن قانداق بىخەتەر بەھرىمەن بولىدۇ؟ نۇر تورى تەرجىمىسى: جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى بىلەن UNAIDS ۋە WHOنىڭ بىرلىكتە باھالىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە دۆلىتىمىزدە ھايات HIV/AIDS بىمارى بىر مىليو
ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار جىنسىي ھەۋەسنى تۆۋەنلىتىپ تاشلامدۇ؟ نۇر تورى تەرجىمىسى: كۆپلىگەن كىشىلەر دورا يېگەندىن كېيىن جىنسىي ھەۋەس يوق بولۇپ كەتتى دېيىشىدۇ. زادى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار جىنسىي ھەۋەسنى تۆۋەنلىتىۋېتەمدۇ؟
