• ھېسىيات بوستانلىرىدا - [ھېسلىرىم]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/dolkuni-logs/30950710.html

    ھېسىيات بوستانلىرىدا


    ناخشىغا بىر خىل سېھرى كۈچ يوشۇرۇنغان بولىدۇ...سەن ئۇنى ئاڭلىغاندا ئىختىيارسىز ئەسلىمىلەر قوينىغا چۆكۈپ كىتىسەن ...ھەرخىل ناخشىلاردا تۇغۇلغان ھەرخىل خىياللار سېنىڭ يەنە شۇ بىر كۈنلەرنىڭ شاھىدى ئىكەنلىكىڭنى يادىڭغا سالىدۇ...قەلبىڭ نىمىگىدۇر تەلپىنىدۇ ... نىمىنىدۇ سېغىنىدۇ .........

    خۇشھاللىق ھەم قايغۇنىڭ بىردىن ـ بىر گۇاھچىسى بولغان ، سېنىڭ ئەسلىمىگە ئايلانغان ۋاقىتلىرىڭدىكى ئاڭلىغان مۇڭ ناخشا مۇشۇ قىتىم ئاڭلىغاندا ساڭا باشقىچە بىرخىل شېرىن تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ ...ھەتتا سەندە شۇ ئېزگۈ مىنوتلىرىڭغا قايتىدىن قايتىپ قالغاندەكلا ئىستېتىك سېزىم پەيدا قىلىدۇ ... ناخشا تۈگىگەندە ھەممىسىنىڭ ئوتمۇش ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلماسلىقىڭغا ئامال يوق .....

    ناخشىدىكى مۇڭلۇق موزىكا سېنى نەلەرگىدۇر ئىختىيارىڭسىز باشلاپ كەتمەكتە ... ھەممىنى باشتىن باشلىغۇڭ كەلدى ،شۇ چاغلارنى كىنو كارتىنىسىدەك قايتا كەينىگە ياندۇرۇپ كۆرمەكچى ، ھەم ئۆزگەرىتمەكچى بولدۇڭ ،لىكىن ھەممىسى كەلمەسكە كەتتى .... ئەپسۇسلاندىڭ ... يەانىمۇ ئەپسۇسلاندىڭ ...شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ يىغلىشىڭنى ياكى كۈلۈشۈڭنى بىلمەيلا قالدىڭ ...كىملەرگىدۇر نەپرەتلەنگۈڭ كەلسىمۇ قەلبىڭدە ئۇنى ئەسلەيسەن، سېغىنىسەن، ھاياتىڭنىڭ بىر قىسمى شۇنۇڭغا باغلانغان بولىدۇ ..ئەسلىمىلەر قوينىدىكى شېرىن تۇيغۇ سېنى ھامان ئۇنۇڭغا تەلپۇندۇرۇدۇ...شۇنداقلا بىر ناخشا ، بىر موزىكا ، بىر تاۋىش ھەتتا بىر تىنىقمۇ ئۇنى ئېسىڭگە سالىدۇ ..
    بۇ ئەسلىمىلەر كۈچەيسە كۈچىيىديكى ھەرگىز سۇسلاشمايدۇ ، چۈنكى ،ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلار،ئەڭ كۆڭۈللۈك چاغلار ئۆچمەس خاتىرىلەر شۇ ئەسلىمىلىرىمىزگە مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ(بۇ بىر نەچچى ئىبارە مەھشىيەنىڭ ئىنكاسىدىن ئېلىندى) ....

    ئەنە شۇ چاغلار مۇھەببەت ناخشىسىغا جۆر بولغان بەخىتلىك چاغلار، شۇنداقلا چاقماق تېزلىكىدە غايىپ بولماقتا ..بىز ئاڭلىغان ناخشىنى يەنە بىر ئاڭلىسام ، سەكىراتتا ياتساممۇ شۇ بىر ناخشىنى ،ئىككىمىز بىللە ئېتقان ناخشىنى بىر ئاڭلىۋالسام ئارمانسىز كەتكەن بولاتتىم ...


    سەمىمى تەكلىپ:
    يۆتكىمەكچى بولسىڭىز مەنبە ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىڭ !!!

    دولقۇن ئىجادىيەت خاتىرىسى
    分享到: