-
بصر قةدةھ - [مىسىرالىرىم]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39937291.html
بصر قةدةھ
تۇغۇلغان كۇن سورىنىغا كىرىپ قاپتىمەن ،
ئىچمىگەنتىم ھازىرغۇچە تۇتۇپ بىر قەدەھ .
يالغان كۇلكە ، نامسىز پاراڭ ، سورۇن رېتىمسىز ،
تۇتۇلماقتا نۆۋەت بىلەن «پەقەت» بىر قەدەھ ..
ساقى يىگىت ماڭا قاراپ سۆزلىدى توسات ،
تۇتە دوستۇم ، نۆۋەت سېنىڭ ،كەلدى «بىر قەدەھ» .
بۇ «ھۆنەرنى » ئۈگەنمىگەن دىسەم رەت قىلىپ ،
سالاچىلار زورلاۋەردى<ئىچە بىر قەدەھ>..
ئاغىنەمنىڭ «ھۆرمىتى دەپ بېرىپتىم بىلمەي،»
ئويلىمىغان زورلايدۇ دەپ ماڭا بىر قەدەھ .
بەزى سۆزلەر غورورومغا تىگىۋەرگەچكە ،
«قېقىۋەتتىم» كۆزنى يۇمۇپ مەنمۇ بىرقەدەھ .
<ئۇغۇل بالا بولدۇڭ ئەمدى> دېدى ھەممىسى ،
روھلىنىپلا قالدىم ئەمدى ، ئىچىپ بىر قەدەھ ..
باستۇرمىلاپ كېلىۋىردى ئارقا-ئارقىدىن،
ھۆرمىتىمگە نۆۋىتىمگە يەنە بىر قەدەھ ..
«بىرقەدھ»لەر كۆرسەتتىمۇ ئەگمدى كۇچىنى،
يۈرەك قىزىپ بېشىپ قايدى ، سەۋەپ بىرقەدەھ ،
پال-پۇل چىراغ ، شوخ موزىكا ، ئوينىدۇق دېسكو ،
مېنى بۇنداق سەكىرەتكەن ئاشۇ بىر قەدەھ ..
بىرسى كېلىپ ئىتتىرىۋەتتى ، دەلدەڭىشىپ قالدىم،
يۈرەك يۇغان تىللىۋەتتىم ، (ئىشكەن بىر قەدەھ) ..
مەيدەمگىلا تەگدى پەشۋا ، يىقىلدىم قاتتىق ،
(ئۇمۇ نەچچە ئىچىۋەتكەن مەندەك بىر قەدەھ)..
ئاچچىغىممۇ قىرىق بەش گەز ئۆرلىدى شۇئان ،
دېدى شەيتان قورۇقما ھەرگىز ئىچكەن« بىر قەدەھ»..
پىچاق چىقتى ئوڭ قولۇمغا تېزلا غىلاپتىن ،
تۇيۇق يولغا باشلىۋەتتى مېنى بىر قەدەھ ..
ئەمدىلىكتە نەگە كەتتى ئەجەپ بىلمىدىم،
زورلاپ كەتكەن سالاچىلار ماڭا بىر قەدەھ ؟
بىلەتتىم مەن بىر قەدەھنىڭ ھاراملىقىنى ،
مەڭگۈ لەنەت ئوقىرمەنا ساڭا بىر قەدەھ ..
مەن سۆزلىسەم نىمە دەيدۇ دىمىگىن دوستۇم،
بىر قەدەھ بار سورۇنغىمۇ كىرمىگىن دوستۇم ،
زورلاۋەرگەن سالاچىنى ئىلمىگىن دوستۇم ،
سەنمۇ مەندەك تار كوچىدا يۈرمىگىن دوستۇم ....
دولقۇن .. 2006.3.29
{#pagenav}