• ئاخىر زامان بولدى - [مىسىرالىرىم]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/dolkuni-logs/30951003.html

    ئىجادىيەتلىرىمدىن


    مىھرى سۇغوق،رەھمىتى يوق ئەجەپ ئىللق زامان بولدى،
    ساخاۋەتكە دائىر ئىشلا مانا بۈگۈن تامام بولدى .

    ئىگەم قاراپ بەندىلەرگە <ھالىڭ نىچۈك بولار> دەيدۇ ،
    <مىڭ ياشا> دەپ سەجدە قىلار ، پۇل تەخىتتە قاغان بولدى .

    ھەر دەقىقە قىلغان ئىشلار ، قۇتىلالماس شۆھرەتلىكتىن ،
    ئىنسان دىگەن بىر توپ ئەنجە ، زىمىن بىزگە خامان بولدى.

    ياخشى قايسى ، يامان قايسى ؟كۆزنى ئېچىپ تونىغۇچە ،
    مەدىنىيەت توقىنىشى شامالدارىپ بوران بولدى .

    مەدىنىيەت بورىنىدا  ئۇچۇپ كەتتى كۆپۇنچىسى ،
    زىمىن ئاتلىق بۇخاماندا ، دانىدىن كۆپ سامان بولدى .

    ئېچىلىش كۆپ ،ئېچىنىش كۆپ ، ئۇياتسىزلىق كەتتى قاپلاپ،
    قىممىتى يوق گۈزەللىكنىڭ ، ئىپپەت-نۇمۇس خازان بولدى .

    ۋىژدان-غورور قىممەت بولغاچ ئۇنى ئالار ئىنسانمۇ ئاز ،
    تونۇشلار كۆپ ،دوسلارمۇ ھەم ، چىن دوس تاپماق يامان بولدى.

    ھەر بىر ئىنسان يۈرمەك ئەنە ئۆز ئىشىدىن پەخىرلىنىپ ،
    بۈگۈن قىسمەت ئاقىللارغا ، دىلنى ئەزگەن <ئەلەم> بولدى .

    بۇ زىمىننىڭ بازارىدا  ۋاقىتمۇ قىس، ئىش ئالدىراش ،
    قورساققۇ توق ، كىيىم پۇتۇن ، لىكىن غەم كۆپ جاھان بولدى .


    ئال سەرگەردان قەلىمىڭنى ، ياتما ئەمدى كۆپ ئويلۇنۇپ!
    تاپالمايسەن مەشىرىقتىن ، كۈنۈڭ مەغرىپ تامان بولدى .

    ئازلا قالدى كۈن چۆكۈشكە ، قىلىۋالغىن ياخشى ئىشنى ،
    قاش كىرپىكنىڭ ئارىسىدا ، ھامان ئاخىر زامان  بولدى !!!
    分享到: