بۇ تېما ئىلگىرى مۇنبەرگە فىلىم ھالىتىدە يوللانغان ، مەن ھازىرغا قەدەر بۇ قەدەر تەسىرلىك ئوقۇلغان نەسىرنى ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىدىم ( ئىككى يېرىل يىللىق تور دۇنياسىنى كېزىپ يۈرگەندىن بۇيان ) ، شۇنىڭ تەسرىدىن بولسىمۇ بۇ ئەسەرنى يازما ھالەتتە مۇنبەرگە يېزىپ باققام كەلدى .
فىلىم ئوقۇلىشى 25 مىنۇتلۇق ئىكەن ، بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ ، بىر تەرەپتىن يېزىپ قانچىلىك ۋاقىتتا ئۇرۇپ بولارمەن ؟ قېنى ئۆزۈمنى سىناپ باقاي !
تېما فىلىم ئۇلىنىش ئادرېىسى :
./read.php?tid=21367 ئەلۋىدا ، ساخاۋەتلىك ئانا !
د . كۇزىيۇف
سەن قايدىسەن يۈرىــگىم ـــ ئانا ؟! بۇ كۈنلەرنى سېنىڭ ماتەم كۈنلىرىڭ دەپ ئېيتىشقا تىلىم بارمايدۇ . چۈنكى ، قۇياش سېنىڭ توي مەرىكەڭدەك سەلتەنەتلىك ئۇزىغان بۇ كۈنۈڭ ئۈچۈن ، ھەسرىتىنى نۇرى بىلەن تەسەللىگە قۇشۇپ زېمىنغا چاچماقتا !
ئېــخ ، ئانا ! بۇ كۈنلەرنى سېنىڭ نەزىر ـ چىرىغىڭ دەپ ئېيتىشقا تىلىم بارمايدۇ . چۈنكى ، ئاي تالاي ئىنسانلارغا نېسىب بولمايدىغان بۇ تويۇڭدەك كۈنۈڭ ئۈچۈن ، ھەسرەت بىلەن تاغ كەينىگە يۇشۇرۇنماقتا !
ئېـــخ ، ئانا ! باھار گۈللىرىدەك خۇشبۇي ھىدىڭنى چېچىپ ئۇزىغان بۇ كۈنۈڭدە تىنىمسىز ئوقۇلغان قۇرئانغا قوشۇلۇپ ياڭرىغان قۇشلارنىڭ خەندانىدىن ، ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى سەن ئۈچۈن قىلىۋاتقان مەدھيىلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندەك بولــدۇق ، ئــانـــا !
ئېــخ ، مېھىرلىك زېمىن ، سەن قوينۇڭغا ئالغان بۇ ئانا ، تالاي ئانىلارغا ئوخشاش ئۇلۇغ ئانا ! ئۇنىڭ مۇھەببىتى قۇياش نۇرىدىنمۇ سېخى ، ئۇنىڭ باغرى باھاردىنمۇ ئىللىق ، ئۇنىڭ قەلبى تەبىئەتتىنمۇ گۈزەل ، ئۇنىڭ مېھرى دېڭىز ـ ئوكياندىنمۇ چوڭقۇر !
كائىناتنىڭ قۇياشى بار ئىدى ، تەبىئەتنىڭ باھارى بار ئىدى ، ئالتۇن ئۈزۈكنىڭ ياقۇت كۆزىدەك ، چىمەنلەرنىڭ ئىچىدىكى نازۇك چىمەندەك ، بىزنىڭمۇ ئاجايىپ بىر ئانىمىز بار ئىدى !
ئۇ بار يەردە بەرىكەت بار ئىدى ، ئۇ بار يەردە ئىتتىپاقلىق بار ئىدى ، ئۇ بار يەردە بىز ــــ ھەممىمىز بار ئىدۇق !
ئـانـا . . . ئـــانـــا ! بىزنى تاشلاپ قەيەرلەرگە كەتتىڭ ؟! يۈرىگىم ئانا ! بىزنىڭ يەنە نۇرغۇن ئارمانلىرىمىز بار ئىدى .
ئانا ، ساڭا دەيدىغان تالاي يۈرەك سۆزلىرىمىز بار ئىدى . ئانا ، بىز سېنى مەڭگۈ ئۆيىمىزنىڭ تۆرىدە ئولتۇرىدۇ دەپتىمىز !
ئاقىل ـ دانا سۆزلىرىڭنى داۋاملىق ئاڭلايمىز دەپتىمىز !
ئانا ، ئەجەپمۇ كەم ئەقىلكەنمىز ، ئانا سېنىڭ تارتقان جاپا ـ مۇشەققەتلىرىڭ ئالدىدا ، سېنى چېكىمىزگە گۈل قىلىپ قىسىۋالساق ئاز ئىدى . كېچە ـ كۈندۈز پۇت - قولۇڭنى تۇتۇپ كۈتسەكمۇ ئازلىق قىلار ئىدى ، ئـــانـــا !
ئانا ، سەن نېمىدىگەن قەيسەر ئايال سەن ! مۇھەببەت ئۈچۈن ، ئائىلە ئۈچۈن ، پەرزەنتلىرىڭ ئۈچۈن ئوتقىمۇ ـ سۇغىمۇ قورقماستىن كىرىدىغان قەيسەرلىكىڭنى قانداقمۇ ئۇنتۇيمىز ، ئانا !؟
مۇقەددەس نىكاھ ئۈچۈن ، ئەزىز ۋەتىنىڭنى ، ئاتا - ئاناڭ قەۋمۇ - قېرىنداشلىرىڭنى تاشلاپ مۇساپىر چۆلىدە ئاز قىينالدىڭمۇ ؟ سېنىڭ شۇ دەۋرلەردە چەككەن ئازاپ ـ ئوقۇبەتلىرىڭنى ئويلىسام ، ئوتقا چۈشكەن قىلدەك ئازاپلىق تولغىنىمەن ، ئـــانـــا !
مەرھۇم مومىمىز : - بىزنى تاشلاپ كېتشىكە قانداق چىدىدىڭ ؟ پادىشاھ بولساڭمۇ كشىنىڭ يۇرتى دېگەن ھامان ياقا يۇرت ، بىر چاغلاردا «يۇرتۇم قەيەردىكىن ؟ ئاتا ـ ئانام قەيەردىكىن ؟» دەپمۇ قالارسەن ، چىرايلىق كىينىپ چىقىپ ، يۈگۈرۈپ كىرىدىغان تۇغقانلىرىڭنىڭ ئۆيى يوق !
دەپ قانچە يېلىنسىمۇ : بالىلىرىمنى يىتىم قىلمايمەن ، قىينالساممۇ ـ جاپا چەكسەممۇ بالىلىرىم ئۈچۈن چىدايمەن ! بالىلىرىم ئۈچۈن ھەممىگە چىدايمەن !
نېمىدىگەن پىداكار ئايال سەن ، ئانا ! ئەنە شۇنداق تالاي ئادەملەر بېرەلمەيدىغان قۇربانلىقلارنى بېرىپ ، مۇھەببەتكە چىڭ ئەقىدەڭگە يۈرىگىڭنى تېڭىپ تۆت پەرزەنتىڭ بىلەن مەرھۇم دادامغا ئەگىشىپ ، بۇ يۇرتقا كۆچۈپ چىقتىڭ .
بالىلىق چاغلىرىم ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا ! سېنىڭ كېچە ـ كۈندۈز تىنماي ئىشلەشلىرىڭ ، قانچە چارچىساڭمۇ قانچە ئىشلىسەڭمۇ چىرايىڭدىن كۈلكەڭنى نېرى قىلمايتىڭ ! مەرھۇم دادامنى خۇشچىراي بىلەن قارشى ئالاتتىڭ !
گاھى ـ گاھىدا جىمىپ قالاتتىڭ ، يىراق ـ يىراقلارغا قاراپ چوڭقۇر ئويغا پاتاتتىڭ !
ھازىر ئويلىسام ، يۇرتۇڭنى ، قىيغىتىپ ئوينىغان ئېتىز ـ قىرلارنى ، ئاتا ـ ئاناڭنى ، دوست ـ يارەنلىرىڭنى سېغىنىپ پىغان چېكىۋاتقان دەملىرىڭكەن ، ئانا !
ئانا ، سەن بىز ئۈچۈن تالاي بەدەللەرنى تۆلىدىڭ ، ئارقا ـ ئارقىدىن تۇغۇلغان بالىلىرىڭنىڭ تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز چاپالىرىنى بىر ئۆزۈڭ يالغۇز تارتتىڭ ، كۈندۈزلىرى تۈگىمەس ئائىلە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولاتتىڭ ، كېچىلىرى ئويغىنىپ قارىسام ، يوتاڭدا بالا تەۋرەتكەچ پەرتۇق تىكىپ ئولتۇراتتىڭ ، شۇ چاغلاردا بۇ ئاپام ئۇخلىمامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم . يەنە ئەتىگەندە ھەممىدىن سەھەر تۇرۇپ بىر كۈنلۈك خىزمىتىڭنى ئاجايىپ روھلۇق باشلايتىڭ !
بىزنى بەرىكەتلىك داستىخىنىڭ ئەتراپىغا يىغاتتىڭ !
ئانا ، قۇدرەتلىك ئاللاھ ، ساڭا بۇ مۇساپىرلىقنى جاپا ـ مۇشەققەتنى بەرگەن بىلەن ، ساڭا يەنە ئون پەرزەنتنى مۇكاپات سۈپىتىدە ئاتا قىلغانىدى .
ئون پەرزەنت گويا يۈرەك يىپىغا ئۆتكۈزۈلگەن ئون تال مارجاندەك بوينۇڭغا ئېسىقلىق ئىدى ، ئون تال بارمىقىڭدەك يۈرىكىڭگە تۇتاش ئىدى .ئۇلار كۆز چاناقلىرىڭدىكى مېھىر بۇلىقىدا قانغۇچە ئۈزۈپ ، باغرىڭدا مېھىر - مۇھەببەتكە تۇيۇنۇپ چوڭ بولدى . شۇڭىمۇ بۈگۈنكى كۈندە ھەممىگە مۇھەببەتلىك ، خەيرى ـ ساخاۋەتلىك يىگىتلەردىن بۇلۇپ چىقتى . چۈنكى ، ئۇلار سېنىڭ مېھرىڭ ـ يۈرىكىڭدىن ئۇدۇم ئالغان ، ئانا !
بالىلىق چاغلىرىدىكى خاتىرىلەر شۇنچىلىك ئېنىق ئېسىمدە : قايسىدۇر ئىنىلىرىم جاپا سالغاندا رەھمەتلىك دادام دادىلارغا خاس كەسكىن تەلەپچانلىقى بىلەن ئۇنى قاتتىق ئەدەبلىمەكچى بولاتتى ، لېكىن تەدبىرلىك ئانام چىرايلىق تەربىيە بېرىپ ئوڭشىۋالىدىغانلىقى ئېيتىپ ئۇنى باغرىغا چىڭ باساتتى . كىيىن ھەممىمىز ئاتا ـ ئانا بولدۇق ، ئويلىسام ، ئانام ھەقىقەتەنمۇ تەسۋىرلىگۈسىز ئەقىللىق ئايالكەن . ناۋادا شۇ چاغلاردا ، ئەمدىلا خارەكتېرى ھەم غورۇرى يېتىلىۋاتقان ئاشۇ ئىنىلىرىم تاياق ـ تەنقىد ئاستىدا چۈشكۈنلىشىپ ، يامان يوللاردا قالغان بولسا قانداقمۇ قىلار ئىدۇق ؟!يەنىلا ئەقىللىق ئانىمىز ، مېھىر ـ مۇھەببەتنىڭ ھەممىدىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى ، ھەرقانداق نەرسىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىغانلىقىنى شۇ چاغلاردا چۈشەنگەن ئىكەن . ئۇنداق مىساللار تالاي ـ تالاي !!!
ئانا ، مېنىڭچە بۇنداق ئانىلارنى تەتقىق قىلىش ئۇلارنىڭ پەرزەنت تەربىيلەش ئۇسۇللىرىدىن ئۈلگە ئېلىش كېرەك ، دەپ ئويلايمەن . توغرا ، جاپالىق كۈنلەرنىمۇ يەتكۈچە تارتتۇق ، قوش سۆرىگەن كالىدەك بۇ جاپالارنى تارتقىنى يەنىلا ئانام ! دادام ھەقىقەتەنمۇ تەلەيلىك ئادەمكەن ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىمان ـ ئېتىقاد ، سەۋرى ـ تاقەتلىك ، ئەقىل ـ پاراسەتلىك ، تەدبىركار بىر ئەقىللىق ئايالنى ھالال جۈپ قىلىپ بەرگەن ئىكەن .
ئەلۋەتتە ، بۇمۇ ھەممىلا ئەركەك زاتىغا نېسىپ بولىۋېرىدىغان بەخىت ئەمەس ، بىز پەرزەنتلەر تېخىمۇ تەلەيلىككەنمىز ، شاراپەتخان ھاجىمدەك ئوغۇز سۈتىدە مېھىر ـ مۇھەببىتى تولۇپ تاشقان ، ئىككى قولىدا مېھنەت ئەجرى بار تىرىشچان ـ چىداملىق ، پولاتتەك غەيرەت ـ جاسارەتلىك بىر ئانىدىن بىزنى ئاپىرىدە قىلغان ئاللاھقا ھەرۋاقىت ھەمدۇ ـ سانالار ئېيتىمىز !
ئاجايىپ مېھماندوست ، ھەمداستىخانلىق ، كۆڭلى دەريادەك كەڭ ئانىمىز بىزنى ئۈمىد ھەم ئىشەنچ بىلەن قاتارغا قوشتى . زىمىستان قىشنىڭ كەينىدىن باش باھارنىڭ كېلىدىغانلىقى ، جاپانىڭ كەينىگە بەختنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقى ، سەۋر ـ تاقەتنىڭ كۈچ ـ قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ چوڭ قىلدى .
مۇقەددەس قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بىر خاسىيەتلىق قۇر بار : « ئىنسان قىلغان ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگۈچىدۇر » ھەقىقەتەنمۇ ئانىمىز قىلغان ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆردى . ياخشى ئەمەللەرنى ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرىغان پەرزەنتلەر ئانىغا ھىممەت كۆرسەتتى .
ئانا ، سېنى قانچىلىك سېغىنىۋاتقانلىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن ! ئانىنىڭ قۇدرىتىنى ، مېھىر ـ مۇھەببىتىنىڭ كۈچ ـ قۇدرىتىنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا سىڭدۈرۈۋەتكەن .
ماڭا ئانامغا خىزمەت قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە رەھمەت ئېيتىمەن !
ئانا ، سېنىڭ يىلدىن ـ يىلغا ياشىنىپ قېلىۋاتقانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرساقمۇ ، ھەممىمىزگە مېھمان ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ تۇرساقمۇ ، سېنىڭ بىزگە قىيمايۋاتقان كۆزلىرىڭنىڭ كۈندىن ـ كۈنگە نۇرسىزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرساقمۇ يېنىڭدا كۆپ بولالمىدۇق !
« ئىشلەيمەن » دەپ يۈرۈپتۇق ، بۇ ئىشنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى سېنىڭ تۈگەپ كېتىدىغانلىقىڭنى بىلمەپتۇق .
ئانا ، ئەجەپ ئەقىلسىز ئىكەنمىز ! نېمىشقىمۇ ئۆيىمىزگە ئاپىرىپ تۆرىمىزدە كۆپرەك ئولتۇرغۇزۇۋالالمىغاندىمىز ؟!
باغرىڭغا باغرىمىزنىڭ يېقىپ ھىدىڭغا قېنىۋالالمىغاندىمىز ، تەربىيە ـ نەسىھەتلىرىڭنى كۆپرەك ئاڭلىۋالالمىغاندىمىز ؟
ئــــاھ ، ئانا ! توۋلىساق ئاۋازىمىزنى ئاڭلىيالمايسەن ، ئۆكسۈپ ـ ئۆكسۈپ يىغلىساق كۆز ياشلىرىمىزنى سۈرتۈپ قويالمايسەن . دىلىمىز ئازار يېسە سىلاپ تەسەللىمۇ بېرەلمەستىن . . . ئـــاھ ، كەلمەسكە كەتكەن ئانا !
باچكىسىغا دان بەرگەن كەپتەردەك گېلىڭدىكىنى سۇغۇرۇپ ئاغزىڭدا بىزگە نان بېرىپ چوڭ قىلغان ئىدىڭ ئەجىبا . . . ئېسىل داستىخاندا ئولتۇرۇپ نازۇ ـ نېمەتلەر يەۋاتقاندا ساڭا سېغىنىپ باقمىغان ، ساڭا نېسىۋە ئېلىپ باقمىغان كۈنلىرىم ئۈچۈن قانچە پۇشايمان قىلساممۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ !
ئانا ، بىزنى باقىمەن دەپ ياشلىق گۈزەللىكلىرىڭدە رەڭگارەڭ كىيىنمىگەن ، زىبۇ ـ زىننەت ئېسىپ باقمىغىنىڭ ئۈچۈن كۈندە ساڭا زەر ـ لىباس كىيدۈرۈشكە ، لەئلى ـ ياقۇتلارنى قوللىرىڭ ئەمەس ، ئاپئاق چاچلىرىڭغا ئېسىشقا ئىمكانىيىتىم بار تۇرۇپمۇ قىلمىغىنىم ئۈچۈن قانچە ئاھ ئۇرساممۇ كېچىكىپتىمەن ، ئانا ! ساڭا ھەركۈنى زەمزەم قۇيۇپ بېرىشكە قادىر ئىدىمغۇ ، ئەجىبا يېنىڭدا ئولتۇرۇپ بىر پىيالە چاي قۇيۇپ بېرىپ قانچە مۇڭدىشىپ ئولتۇرساممۇ . . .
پۇل يىغىمەن دەپ يۈرۈپتىمەن ، لېكىن ، سېنىڭدىن ئارتۇق بايلىقنىڭ مەڭگۈ بولمايدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن ، ئويناپ ـ كۈلىمەن دەپ يۈرۈپتىمەنۇ سېنىڭ ھىدىڭنى پۇراپ يۇمۇرلۇق سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان دەقىقىلەرنىڭ مەن ئۈچۈن ئەڭ بەخىتلىك ئۇيۇن ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن ! بالىلىرىم بىلەن دەپ يۈرۈپتىمەنۇ « مەنمۇ ئاپامنىڭ بالىسىغۇ مەنمۇ بالىلىرىمغا چىدىمىغاندەك ئۇمۇ چىدىمايدۇ ، ئاپام مېھمانغۇ ،بالىلىرىم بارغۇ . . . » دەپ ئاپامنىڭ يېنىغا كۈندە بارماپتىمەن ! پۇت ـ قولىنى تۇتۇپ باغرىنى باغرىمغا مەھكەم ياقماپتىمەن !؟ ئاھ ، ئانا ! مەن كېچىكىپتىمەن . . . ! نادانكەنمەن ـ ئەقىلسىزكەنمەن !
قانچە يىغلىساممۇ ئاڭلىغىنىم ئەكس سادا ، « ئانا » دەپ قانچە چاقىرساممۇ ئاڭلانغىنى ھەسرەتلىك سادا !
يەرلىك بېشىغا چىقىپ ئۆزۈمنى ئېسىپ ، قەبرىنى قۇچاقلاپ يىغلىساممۇ ئاپامدىن كېلىدىغان تەسەللىي يوق !
ئانا ، ھايات چېغىڭدا كۆپ نەسىھەتلىرىڭگە قۇلاق سالمىغانكەنمەن ، دوست ـ دۈشمەننى ئايرىپ بەرسەڭمۇ كۆڭۈل بەرمەپتىمەن ، دانالىقىڭنى بىلىپ تۇرساممۇ نادانلىق قىپتىمەن !
بۇ دۇنيا ــ بىر قونالغۇ ! بىز ھەممىمىز قونالغۇدىكى مېھمانمىز ، ھەمممىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز ، قىلغان ئىشلىرىمىزدىن ھېساب بەرگۈچىلەرمىز !
ئانا ، ئاللاھ سېنى ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كەتتى ، پەرزەنتلىرىڭ ھەسرەت ئوتىدا پۇچىلاندى ، موھتاج دىللار بىر ساخاۋەتچىسىدىن ئايرىلدى ، بۇ مەرتىۋىلىك ئىناق ئائىلە قابىل يولباشچىسىدىن دانا مەسلىھەتچىسىدىن ئايرىلدى . ھېچقاچان ئۆينىڭ تۆرىدىن ئىزىنى يوقاتمىغان زاكىرمۇ ئەڭ زور تەسەللىيلىرىدىن مەھرۇم بولدى .
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يىگانە قاينۇقمۇ بىر يۇرت سۆيەر بەرىكەتلىك قىزىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى !
قېرىنداش ئوتىدا پۇچىلىنىۋاتقان بۇ تاغىمۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلدى .
ئېھ ، ئاددىي ھەم گۈزەل ۋەتەن بېغى ــ قاينۇق ! بۇ يەردە ئانامنىڭ ياشلىق ئىزلىرى كۆمۈلگەن ، ئۇ ماڭغان چىغىر يوللار ئاسفالىت يولغا ئايلانغان ، ئۇ ئىچكەن بۇلاق سۈيى دەريا سۈيىگە قۇشۇلغان ، ئۇ ئوينىغان ـ كۈلگەن يىگىت ـ قىزلار يەر قوينىغا سىڭىپ كەتكەن !
ئانا ، سېنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ۋەسىيىتىڭ بولغان : « ئىناق ـ ئىتتىپاق ئۆتۈڭلار ! » دېگەن سۆزۈڭنى يۈرىكىمىزدە ساقلايمىز . بىرلىكلىك ـ ئىتتىپاقلىق بىلەن روھىڭنى خۇش قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييارمىز .
ئاھ ، ئەقىللىق ئانا ، ۋىدالىشىش دەملىرىدە ئېيتقان : « مۇراد چىدىمايدۇ ، ھەممىڭلار چىدىمايسىلە ، لېكىن مۇراد تېخىمۇ چىدىمايدۇ ! » دېگەن سۆزلىرىڭ يۈرىكىمنى ئەزمەكتە . ئانا ، ساڭا ھەرگىزمۇ چىدىمىدىم ، سەكراتتىمۇ مېنى كۈتۈپ توختىغان تىنىقلىرىڭ تىنىقىمدا ، ئەلۋىدا ئانا !
ھەممىمىزنى ئەتراپىڭغا يىغىپ خاسىيەتلىك دۇئالىرىڭ ، ئىناقلىق ۋەسىيەتلىرىڭنى ، يۈرىكىمىزگە كۆچۈرۈپ بۇلۇپ كەتتىڭ !
ئېھ ، مېھرىبان ئاللاھ ، سەن ھەممىگە قادىرسەن ـ قۇدرەتلىكسەن ! مېھرىبان ئەپۇچانسەن ، سۆيۈملۈك ئانامغا رەھمەت قىلغايسەن ! مەغپىرەت ئىشىكىنى ئاچقىن ، جەننەت بىلەن خەۋەر بەرگىن ، پەرىشتىلەرنى ھەمراھ قىلغىن ، ئىمانىنى كامىل قىلغىن ، رەھمىتىڭ بىلەن ئۇنىڭغا جەننەتتىن ئورۇن بەرگىن ، پەرزەنتلىرىنى ، مۆئمىن ـ مۇسۇلمانلارنى ئامان قىلغىن ، ئامىن !
قىزىلگۈلدىڭ چېكىمىزدىن توزۇپ كەتتىڭ !
بىر بۇلبۇلدىڭ بېغىمىزدىن ئۇچۇپ كەتتىڭ !
يۇرتىمىزنىڭ چىرىغىدىڭ تۇيۇقسىزلا ئۆچۈپ قالدىڭ !
پەرزەنتلىرىڭ يۈرىكىگە ھىجران دېغى سىلىپ كەتتىڭ !
پەرزەنتلەرگە كىم تەسەللىي بېرەر ئەمدى ،
كىم سېنىڭدەك دانا سۆزلەر قىلار ئەمدى ،
كىم سېنىڭدەك باچكىلىرىن باغرىغا بېسىپ ـ
دوست ـ دۈشمەننىڭ تىللىرىدىن توسار ئەمدى ؟!
2008_يىل 9- ئۆكتەبىر باشلىنىپ 13- نويابىر ئاخىرلاشتى !