ئىستىمالچىلارنىڭ ئىستىمال سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشى ۋە تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىزلىشىشغا ئەگىشىپ ھەرخىل ئىچىملىكلەرنىڭ بازىرى چىققىلى تۇردى . ئارمان ۋە ئامىنە شىركىتى ھەرخل مىۋە سۈيى ۋە شەربەتلەرنى ياساپ خەلىقنىڭ قوللىشىغا ۋە ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشتى . بۇ جەرياندا نۇرغۇن شىركەتلەر يۇقارقى شىركەتلەرنى دوراپ ئۆز ئالدىغا ھەرخىل ئىچىملىكلەرنى ئىشلەپ چىقىرىشقا كىرىشتى . بۇ جەرياندا قىزىل تۈگە شىركىتى ئۆزگىچە تەم ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللىي ئەنئەنىنى ئاساس قىلغان ھالدا بىر ئىچىملىكنى بازارغا سېلىشنى ئويلاپ مۇنۇ يولنى تۇتتى ..
ھازىر شىركەتتە 80 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى بولۇپ،30خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلانى بازارغا سېلىندى،شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 80دىن ئارتۇق ۋاكالىتەن سېتىش نوقتىسى ،تەسىس قىلىنىپلا قالماستىن ،گۇاڭجۇ ،بېيجىڭ قاتارلىق ئىچكى ئۆلكىلەردىكى چوڭ شەھەرلەردىمۇ سېتىش نۇقتىلىرى تەسىس قىلىپ سوداتورىنى كەڭ يىېيىپ ،ئىچىملىىك بازىرىدىكى ھەقىقى ‹‹ تۆگە››بولۇش يولىدا ئىزدەندى.
2008- يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ، ‹‹قىزىل تۆگە››شىركىتى يېڭى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش ۋە مۇتەخەسسىلەردىن پىكىر ئېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
- بۈگۈن شىركىتىمىزنىڭ ‹‹قىزىل تۆگە›› ماركىلىق شىپالىق تۆگە سۈتى جەۋھىرى ،‹‹يۇرتۇم›› ماركىلىق بوۋاقلار قۇۋۋەت بۇلمىقى ‹‹ئامراق››ماركىلىق بالىلار ADئىچىملىكى قاتارلىق ئون تۈرلۈك يېڭى مەھسۇلاتنى شىركىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشى سۈپىتىدە بازارغا سېلىپ ئىستىمالچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى .
2-سۇئالغا جاۋاپ
بۇ شىركەت 2004-يىلى 3كشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ رايونىمىزنىڭ ئىچىملىك بازىرىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئاساسىدا ،تېخىمۇ چوڭ تەرەققىيات يولى تېپىش ئارزۇسى تولۇپ تاشقانىدى.يول ئىچىش مۇساپىسى ئەگرى-توقاي بولىدۇ،شىركەتمۇ تەرەققىيات جەريانىدا قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇردى.بازار كارخانىنىڭ جىنى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن‹‹قىزىل تۆگە›› شىركىتى بازاردىكى بوشلۇقنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاپ،ئىقتىساس ئىگىللىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەتراپىغا توپلىدى.توت يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ‹‹قىزىل تۆگە››،‹‹يۇرتۇم ››‹‹ئامراق››ماركىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىستىېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى .ھازىر شىركەتتە 80 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى بولۇپ،30خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلانى بازارغا سېلىندى،شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 80دىن ئارتۇق ۋاكالىتەن سېتىش نوقتىسى ،تەسىس قىلىنىپلا قالماستىن ،گۇاڭجۇ ،بېيجىڭ قاتارلىق ئىچكى ئۆلكىلەردىكى چوڭ شەھەرلەردىمۇ سېتىش نۇقتىلىرى تەسىس قىلىپ سوداتورىنى كەڭ يىېيىپ ،ئىچىملىىك بازىرىدىكى ھەقىقى ‹‹ تۆگە››بولۇش يولىدا ئىزدەندى.
ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ، ‹‹قىزىل تۆگە››شىركىتى يېڭى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش ۋە مۇتەخەسسىلەردىن پىكىر ئېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
- بۈگۈن شىركىتىمىزنىڭ ‹‹قىزىل تۆگە›› ماركىلىق شىپالىق تۆگە سۈتى جەۋھىرى ،‹‹يۇرتۇم›› ماركىلىق بوۋاقلار قۇۋۋەت بۇلمىقى ‹‹ئامراق››ماركىلىق بالىلار ADئىچىملىكى قاتارلىق ئون تۈرلۈك يېڭى مەھسۇلاتنى شىركىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشى سۈپىتىدە بازارغا سالدۇق. بىز يىمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى ئالىم،مۇتەخەسسىلەرنىڭ شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز،--دېدى شىركەت يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېچىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى قەيسەر تاھىر.
‹‹قىزىل تۆگە›› شىركىتىنىڭ بۇ قېتىم بازارغا سالغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىچىدە بالىلار مەھسۇلاتلىرى بىر قەدەر بىر قەدەر كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ، شىنجاڭ تىببى ئونۋىرستىتى ئوزۇقلۇق ئىلمى كافىدىراسىدىن دوكتۇر ئالىم پەتتار بالىلارنى ئىلمى ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسدا مۇنداق دېدى:بۈگۈن ‹‹قىزىل تۆگە››شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا نىسبەتەن مەندە تونۇش ھاسىل بولدى.خەلق تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،بالىلارنى ئىلمى ئوزۇقلاندۇرۇش مەسىلىسى بىزنىڭ دىققەت ئېتىبارىمىزنى قوزغىشى كىرەك.شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ماكانى دىگەن نامى بارئىدى،ھازىرمۇ شۇنداقمۇ؟ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىز يەنىلا يىمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتىمىزنىڭ تەڭپۇڭسىزلىنىشىدىن ئىزدىشىمىز كىرەك. شۇڭا،پۇتكۈل جەمئىيەت بۇ مەسىلىگە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشى كىرەك. بالىلار ئوزۇقلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان خۇسۇسى كارخانىلار يىڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئالدىن كۆرەر بولۇپ،ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ بازارغا كىرىشىنى قەتئى توسۇپ تەشۋىق تەربىيىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىمىز كىرەك.
‹‹قىزىل تۆگە›› ماركىلىق شىپالىق تۆگە سۈتى جەۋھىرى،‹‹قىزىل تۆگە››شىركىتىنىڭ بۇ قېتىم بازارغا سالغان مەھسۇلاتلار ئىچىدىكى ئەڭ كوزىر مەھسۇلاتى بولۇپ،بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشقا كۆپ مەبلەغ ۋە پەن-تېخنىكا كۈچى ئاجراتقان ئىدى.
-شىركىتىمىزنىڭ بۇ قىتىمقى يىڭى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىشى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئاساس قىلغان .بىر مەھسۇلاتنىڭ بازارغا سىلىنىشىدا چوقۇم رايونىمىىز ئىچى-سىرتىدىكى بازار ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇشىمىز كىرەك .
‹‹تۆگە سۈتى جەۋھىرى›› نى بازارغا سىلىشىمىزدا بىز تىخىمۇ كەڭ دائىرىدە بازار ئىچىش سىتراتېگىيىسىنى بۆسۈش نۇقتىسى قىلدۇق.ئىچىمىلىك بازىرىنىڭ پەسىل خاراكتېرى كۈچلۈك ،شۇڭا بىز يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتا پەسىللىڭ بازارنىڭ ئاجىزلىقىنىمۇ كۆزدە تۇتتۇق.تۆگە سۈتىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە سۈت مەنبەسىگە ۋە ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى يۇقىتىپ قويماسلىققا ئەھمىيەت بەردۇق.
بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانىمىزدا ‹‹قىزىل تۆگە›› ماركىسىغا لايىق ھالدا تۆگە سۈتىدىن ئۇنىۋىرسال پايدىلىنىش كۈچىنى ئاشۇرىمىز ،--دېدى شىركەت باش دىرىكتورى ئابدۇۋەلى ئابدۇسەمەت.
بازار كارخانىلار ۋە كارخانىچىلارنىڭ سودا كاللىسىنى ،تىجارەت ئېڭىنى سىنايدىغان سەھنە بولۇش بىلەن بىرگە، سودا بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىكى بىلىم كانى،
رايونىمىزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكى بىزگە نۇرغۇن سودا پۇرسەتلىرىنى ئېلىپ كەلگۈسى.خاسىلققا ،مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە بوش ساھەلەرگە بولغان مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىش ئاقىلانىلىك ،ئەلۋەتتە.
تۆگە سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى ئۈستىدە توختالغاندا،شىنجاڭ ئونۋىرستىتى ھاياتلىق ئىلمى خىمىيە سانائىتى ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى مامۇت قۇربان مۇنداق دېدى:ئەجدادلىرىمىز چارۋىچىلىق دەۋرىدىن دېھقانچىلىق دەۋرىگە
ئۆتكىچە سۈتنى ئاساسلىق ئىستېمال قىلغان.دېھقانچىلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن سۈتنى قوشۇمچە يىمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلغان .سۈتتىن ھەر خىل يىمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش تارىختىن بويان ئەجدادلىرىمىز شۇغۇللىنىپ كەلگەن سانائەتنىڭ ئاساسى ئىدى. بۇ سانائەت ئاساسىمىزغا ھازىر ياش كارخانىچىللىرىمىز ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق ياخشى باشلىنىشنى ھاسىل قىلدى.
تۆگە سۈتىنىڭ تۇبىركۇلىيوز كېسىلىنى داۋالاش ،زەھەر قايتۇرۇش رولى كۈچلۈك. بۇ تۆگىنىڭ نېمىنى ئىستىمال قىلىدىغانلىقى ۋە ياشاش مۇھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
تۆگە سۈتىنىڭ شىپالىق رولىنى تونۇش ۋە ئۇنى پەن - تېخنىكا كۈچى ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئىستېمالىغا يېقىنلاشتۇرۇش ياخشى ئىش . بۇ بىزنىڭ قوللىشىمىزغا مۇھتاج.
سۈپەت-مەھسۇلاتنىڭ جېنى ،ماركا مەھسۇلاتنىڭ ئوبرازى، ئەلا سۈپەت بىلەن بىرلەشكەن داڭلىق ماركا مۇۋاپىق ،دەل جايىدا نامايەن قىلىنسا ،ئۇنىڭ سېھرىي كۈچى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ،تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، بۇنداق داڭلىق ماركا بازاردا يېڭىلمەيدۇ. بازار رەھىمسىز، ئۇ ھەر ۋاقىت ئاجىزلارنى شاللاپ، كۈچلۈكلەرنى مۇكاپات سەھنىسىگە ئېلىپ چىقالايدۇ. ‹‹قىزىل تۆگە›› شىركىتى مىللى خاسلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ رايونىمىز ۋە مەملىكەت ئىچى – سىرتىدا ئوخشىمىغان ياش ،كەسىپ، جايلاردا كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان ئىچىملىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا زور كۈچ سەرىپ قىلغۇسى . ‹‹قىزىل تۆگە›› كارۋىنى يېڭى-سەپەرلەردە سىنالغۇسى ،يول تاپقۇسى .
3-سۇئالغا جاۋاپ .
ھازىرغىچە 30خىلدىن ئارتۇق مەسھۇلاتنى بازارغا سالغان بولۇپ
شىپالىق تۆگە سۈتى جەۋھىرى
قىزىل تۆگە قۇۋۋەت ئىچىملىكى
يۇرتۇم ماڭگو ئىچىملىكى
يۇرتۇم ئالما ئېچىملىكى
يۇرتۇم قىزىل چېيى
ئاپلىسىن ئىچىملىكى
يۇرتۇم گىلاس ئىچىملىكى
يۇرتۇم قارىقات ئىچىملىكى
ئۇيغۇر كولا
.يۇرتۇم قەھۋە ئىچملىكى
يۇرتۇم بوۋاقلار پىرەنىكى
.ئامراق پاراس –پۇرۇس
ئامراق بالىلار ADكالىتسيلىق سۈت ئىچمىلكى
يۇرتۇم بۇۋاقلار سۇتلۇك قۇۋۋەت بۇلمىقى
يۇرتۇم بوۋاقلار قۇۋۋەت بۇلمىقى
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
يۇرتۇم سۇدا
مۇزدەلىپە ئىچىملىكى،
قاتارلىقلار ..........
4-سۇئالغا جاۋاپ .
يىمەكلىك تۈرىدىن 6 نى بىلمەن . ئۇلار ..
ئامراق پاراس –پۇرۇس
ئامراق بالىلار ADكالىتسيلىق سۈت ئىچمىلكى
يۇرتۇم بۇۋاقلار سۇتلۇك قۇۋۋەت بۇلمىقى
يۇرتۇم بوۋاقلار قۇۋۋەت بۇلمىقى
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
ئىچىملىك تۈرىدىن 14نى بىلىمەن ئۇلار ...
شىپالىق تۆگە سۈتى جەۋھىرى
قىزىل تۆگە قۇۋۋەت ئىچىملىكى
يۇرتۇم ماڭگو ئىچىملىكى
يۇرتۇم ئالما ئېچىملىكى
يۇرتۇم قىزىل چېيى
ئاپلىسىن ئىچىملىكى
يۇرتۇم گىلاس ئىچىملىكى
يۇرتۇم قارىقات ئىچىملىكى
ئۇيغۇر كولا
.يۇرتۇم قەھۋە ئىچملىكى
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
يۇرتۇم سۇدا
مۇزدەلىپە ئىچىملىكى،
5-سۇئالغا جاۋاپ .
1-يۇرتۇم بوۋاقلار پىرەنىكى
تەركىبى:بۇغداي ئۇنى، ئاق شىكەر،ئوسۇملۈك مىيى،مېنرال ماددا، سۈت جەۋھىرى، تۇخۇم،ئاش تۇزى، ۋىتامىن ۋە كالتىسې قاتارلىقلار.
بو مەھسۇلات يىڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ 24 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارغا ماس كىلىدىغان يىمەكلىك بولۇپ، بۇ مەھسۇلات تەركىبىدىكى مۇل ۋىتامىن، مىنرال ماددىلار، سۇت جەۋھىرى، كالىتسيى قاتارلقلار بوۋاقلارنىڭ ئوسۇپ يىتلىشدىكى مۇھىم ئوزۇقلۇق تەركىبى بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ ياخىشى يىمەكلكى ھىساپلىنىدۇ.
2-ئامراق بالىلار ADكالىتسيلىق سۈت ئىچمىلكى
تەركىبى: ساپ سۇ، ئاق شىكەر،سۇت جەۋھىرى، لىمون،تائورىن،ۋىتامىن A، ۋىتامىن D، مۇئەتتەر.
بۇ مەھىسۇلات تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار مول بولۇپ بالىلارنىڭ
ياخشى ئىچمىلكى ھىساپلىنىدۇ.
ئامراق كالتىسيلىق سۇت ئىچمىلكى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتلىش جەرياندىكى كالىتىسي ۋە ۋىتامىن كەملىكىنى تۇلۇقلايدىغان قۇۋۋەت ئىچمىلىكى.
3-يۇرتۇم بوۋاقلار قۇۋۋەت بۇلمىقى
تەركىبى:ئاقىسل، كاربۇن سۇ بىرىكىملىرى،تۇمۇر، يىرىك تالا، سۇ تەركىبى، ۋىتامىن A، ۋىتامىن D، ۋىتامىن B، نىكۇتىنىك كىسلاتاسى، كالىتسيى، فۇسفۇر، سىماپ .
بۇ مەھسۇلات سۈپەتلىك گۈرۈچنى ئاساسلىق خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەنگەن .
تەركىېي : ئاقسىل ، كۆپ خىل ۋىتامىن ، ۋە ھەرخىل مىنرال ماددىلار مول بولۇپ ، بۇ مەھسۇلات 24-4 ئايلىققچە بولغان بوۋاقلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك قوشۇمچە يىمەكلىكى ھىساپلىنىدۇ . قۇۋۋەت بولمىقى بىرىنجى دەۋىر ، ئىككىنجى دەۋىر دەپ ئىككى خىل بولوپ ، بىرىنجى دەۋىر قۇۋۋەت بولمىقى 12-4 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارغا، ئىككىنجى دەۋىر قۇۋۋەت بولمىقى 24-6 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ
4-يۇرتۇم سۇدا سۇيى
تەركىبى: كاربۇناتلىق سۇ،ناتىرىي بىكاربونات،كالىتسي خىلۇرات، ناتىريى سولفات،
ماگنىي سۇلفات، لىمۇن كېسىلاتاسى،خىروملۇق نىياتسىن
بۇ مەھسۇلات سۇدا سۇيى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ،ئاشقازان كۇپكەن، زەردىسى قايىنغان، بولۇپمۇ قاندىكى ماي ۋە قەنىت مىقدارى ئېشپ كەتكەن سمىز كىشلەرنىڭ ئىستمال قىلشىغا تېخمۇ ماس كىلىدۇ.
5-يۇرتۇم قارىقات ئىچىملىكى
تەركىبې : ساپ سۇ ، قارىقات شەربىتى ، ئاق شىكەر ، لىمون(سېتىرىك)، ۋېتامىن,Cمۇئەتتەر قاتارلىقلار .
بۇ مەھسۇلات بولسا مېۋە شەربىتى ئىچىملىكى بولۇپ تەركىبىدىكى ۋىتامىن ،كاروتېن قاتارلىق ماددىلار ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش ۋە بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلاش قىممىتىگە ئىگە .
6-يۇرتۇم گىلاس ئىچىملىكى
تەركىبي : ساپ سۇ، گېلاس شەربىتى ، ئاق شېكەر ، لىمون(سېتىرىك)، ۋېتامىن C،مۇئەتتەر قاتارلىقلار
بۇ مەھسۇلات بولسا مېۋە شەربىتى ئىچىملىكى بولۇپ تەركىبىدىكى ۋىتامىن ، كاروتېن قاتارلىق ماددىلار ئوكسدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش ۋە بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلاش قىممىتىگە ئىگە .
7-يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
تەركبى :ساپ كالا سۈتى ، ئاق شىكەر ، ئۆسۈملۈك مېيى ، ۋېتامىن A، ۋېتامىن Cۋە مىنرال ماددا قاتارلىقلار .
بۇ مەھسۇلاتمۇ ئوخشاشلا ، بىرىنجى دەۋىر ۋە ئىككىنجى دەۋىر دەپ ئىككى خىل بولۇپ ، بىرىنجى دەۋىر بولسا ، بوۋاقلار يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئالتە ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ ، ئىككىنجى دەۋىر بولسا ئالتە ئايلىقتىن 12 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ بوۋاقلار بەدىنىگە كېرەكلىك بولغان ۋېتامىن ۋە باشقا مىنرال ماددىلارنى كۆپەيتىش ، بوۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە.
8-ئاپلىسىن ئىچىملىكى
تەركىبى : ساپ سۇ ، ئاق شىكەر، لىمون كىسلاتاسى ، ناتىرىي سېتىرات ، لېمون سىرىقى ، موئەتتەر (ئاپلىسىن) .
بۇ مەھسۇلات بولسا مېۋە شەربىتى ئىچىملىكى بولۇپ تەركىبىدىكى ۋىتامىن ، كاروتىن قاتارلىق ماددىلار ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش ۋە بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلاش قىممىتىگە ئىگە .
9-يۇرتۇم ماڭگو ئىچىملىكى
تەركىبى : ساپ سۇ ، ماڭگو شەربىتى ، ئاق شىكەر ، لېمون كېسىلاتاسى ، ناتىرىي سېتىرات ، لىمون سېرىقى ، مۇئەتتەر .
بۇ مەھسۇلات بولسا مېۋە شەربىتى ئىچىملىكى بولۇپ تەركىبىدىكى ۋىتامىن ، كاروتېن قاتارلىق ماددىلار ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش ۋە بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلاش قىممىتىگە ئىگە .
10-يۇرتۇم ئالما ئېچىملىكى
تەركىبى: ساپ سۇ ، ئاق شىكەر ، لېمون كىسلاتاسى ، ناتىرىي سېتىرات ، مۇئەتتەر (ئالما).
بۇ مەھسۇلات بولسا مېۋە شەربىتى ئىچىملىكى بولۇپ تەركىبىدىكى ۋېتامىن ، كاروتىن قاتارلىق ماددىلار ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش ۋە بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلاش قىممىتىگە ئىگە .
6-سۇئالغا جاۋاپ .
مەن شىركەت مەسھۇلاتلىرىدىن ئۇيغۇر كولاسىنى ئىچىپ باققان . راست گەپ قىلسام بۇ كولانىڭ تەمىنى تازا ياقتۇرمىدىم . بىرخىل لولاڭراق تېتىپ قالدى . كولا دىگەننى ئىچكەندىكىن تىلنى قورۇپ ئۇيقۇسى كىلىپ كەتكەندە مىڭىگە چىقىپ ئاچچىقلىق تەسىرى ئۇيقۇنى قاچىرىدۇ دەپ ئىچمىسەك نىمىشقا ئىچىمىز .. مۇشۇ كولانى ئىچىپ ئاخشىمى باۋيې قىلسام ئۇخلاپ قالىمەنكەن .. لىكىن زەم زەم كولانى ئىچسەم ئۇنداق ئەمەس .. يەنە بىرسى گازنى چىقىرىۋەتكەندىكى تەمى بەك سۇس ، ھەم تەمسىز بىلىندى ... مۇشۇ جەھەتتە ئازراق كۈچىسەڭلار ...
7-سۇئالغا جاۋاپ .
ما سۇئال نەق سورىلىپتۇ . مۇشۇنداق خەلىقنىڭ رايىغا باققاندا ئاندىن سوداڭلار روناق تاپىدۇ . ئىچىملىكلەرنىڭ تۈرى ناھايتى جېق .
ھازىر كىشىلىەر يېڭىلىققا ئىنتىلىۋاتىدۇ ،.. ئىستىمال سەۋىيە ئۈسۈپ بىريەرگە كەتتى . كىشىلەر بىرنەرسە سېتىۋالماقچى بولسا ئۇنىڭ سۈپپىتىگە بەكراق دىققەت قىلىدىغان زامان بولۇپ كەتتى . مەن تولىسى باۋبىڭ ئىچىشكە ئامراق . لىكىن مۇشۇ باۋبىڭ تەييارلايدىغان ھەرخىل مىۋە تەملىك نەرسىلەرنىڭ مىللىيچە يەنى ئۇيغۇرلار ئىشلەپ چىقارغانلىرىنى ئۇچىراتمىدىم .. بولسا مۇشۇ يۆلىنىش بويىچە بىر ئىزدىنىپ ئۇيغۇرلاردىكى دوغاپنىڭ ئورنىغا مۇشۇ باۋبىڭدەك زامانىۋى دوغاپنىڭ مەيدانغا كىلىشگە ئانچە مۇنچە كۈچەپ باقساڭلار دىگەن ئۈمۈتتىمەن .. يەنە ئويلىغانلىرىمنى داۋاملىق قىستۇرۇپ ماڭىمەن ... پائالىيەتنىڭ ۋاقتى خېلى باركەنغۇ تېخى ...
8-سۇئالغا جاۋاپ ..
بولىدۇ قالغىنىنى پوتوشوپ دىتالىدىن پايدىلىنىپ قىلىپ باقاي ياراپ قالسا سىلىگە سوۋغا قىلارمەن .. لىكىن ئاشۇ شىپالىق تۈگە سۈت جەۋھىرىدىكى تۈگىگە كەيگۈزۈپ قويغان دوپپاڭلا تازا قاملاشماپتۇ .. بولسا شۇنىڭغا دىققەت قىلىپ قويۇڭلار ..
تۆگە دىگەننىڭ چىشىمۇ ئەكىكىمۇ بولىدۇ . ئاۋۇ سىلە دوپپا كەيگۈزۈپ قويغان تۈگە ئەكەكمۇ ، چىشىمۇ سىلە نىمە بىلىسىلەر .. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دوپپىدىن قەدىمدىن تارتىپ ئاتا بوۋىلىرىمىز بىزدەك ئوغلانلارغا ۋە قىزلارغا كەيدۈرۈپ چوڭ قىلغان . ھايۋاناتلارغا كەيگۈزۈش مېنىڭچە ئۇلارغا قىلىنغان ھاقارەت . دوپپىغا بولغان ھاقارەت ...
9-سۇئالغا جاۋاپ .
ماۋۇنىمۇ ھازىر ئىنكاسىمنى يوللاپ بوپ تەھرىرلەي ھە ..
10-سۇئالغا جاۋاپ .
بۇنىڭغىمۇ شۇنداق تاتلىق جاۋابىم بار .. ئالدىرماي يازاي ھە ..
11-سۇئالغا جاۋاپ .
بۇ سۇئالغا يۇرتۇم سودا ئىچىملىكى دەپ جاۋاپ بىرەي ..
[ بۇ يازما al-ara تەرپىدىن2009-04-16 03:27 AMدە قايت ]