قازاقىستان دىيارىدا كوزىيىفلار ئائىلىسىنى بىلمەيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق . بۇ ئائىلىدە قازاقىستان بېنت ئاكسىينىرلىق گوروھىنىڭ پىرىزدىنتى ، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پىرىزدىنتى داڭلىق ماگىنات ، ساخاۋەتلىك كارخانىچى دىلمۇرات كوزىيۇفتەك ۋە ئىنىسى زاكىر كوزىيۇفتەك قابىل كارخانىچىلار يىتىشىپ چىققان . ئۇلارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگەن شۇنداق بىر ئانا بار ، بۇ سۆيۈملۈك ئانا دەل ئاشۇ 10 پەرزەنتنىڭ ئانىسى ، پىشقەدەم مائارىپچى ۋەتەنپەرۋەر قەھرىمان ئانا شاراپەتخان ھاجىمدۇر .
شاراپەتخان ھاجم ئانا 2008- يىلى 5- ئاينىڭ 17- كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھرىدە كىسەل سەۋەبى بىلەن 84 يىشىدا ۋاپات بولدى . مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا نۇرغۇن ساخاۋەتلىك ئىش - پائالىيەتلەرنى قىلغان ۋە تەشەببۇس قىلغان تۆھپىكار ئانا ئىدى . ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى تىل بىلەن سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ .
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇم شاراپەتخان ھاجىم ئانىغا بىغىشلاپ ئىشلەنگەن » ھايات ئەسلىمىلىرى « ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن .
بۇ فېلىمنىڭ ئاپتورى ۋە تەييارلىغۇچىسى: گۈلچىھرە ئىزىز .
مەزكۇر فېلىمنىڭ تارقىتىش ھوقوقى « دىيارىم » تورىغا تەۋە
ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ ، تور بېكەتلەرنىڭ ئۇلاپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .