-
2010年11月18日
كومپيۇتېردىكى بۇ ھۈنەرلەرنى بىلەمسىز؟ - [كومپيوتېر تېخنىكىسى]
ESCكۇنۇپكىسىنىڭ بەش خىل ئىشلىتىلىشى
ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ سول تەرەپئۈستى قىسمىغا جايلاشقان ESC كۇنۇپكىسى ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ESC كۇنۇپكىسىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى تېز بېجىرگىلى بولىدۇ.
1.تورغاچىققاندا، ئەگەر مەلۇم تور ئادرېسىنى خاتا چېكىپ سالسىڭىز، بىۋاسىتە ESC كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق، بۇ تور بېتىنىڭ ئېچىلىشىنى توختىتالايسىز.
2.تورغاچىققاندا ئىشلەتكۈچى نامى (用户名) دېگەندەك مەزمۇنلارنى تولدۇرۇشتىن ساقلىنالمايسىز،ئەگەر خاتا تولدۇرۇپ سالسىڭىز، ESC كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، بارلىق كۆزنەكلەرگەتولدۇرغان مەزمۇنلار ئۆچۈپ كېتىدۇ. خەت ئۇرغاندا ئەگەر خەتنى خاتا تاللاپ قالغانبولسىڭىز، ESC كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز خاتا تاللانغان خەت كۆزنىكى ئۆچىدۇ.
3.ئادەتتە Ctrl+Alt+Del بىرلەشمە كۇنۇپكىسى ئارقىلىق Windows ۋەزىپە باشقۇرغۇچنىچىقارغىلى بولىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە Ctrl+Shift+Esc ئارقىلىقمۇ windows ۋەزىپەباشقۇرغۇچنى چىقارغىلى بولىدۇ.
4.قوزغىتىلغان پروگراممىلار ئىچىدەپروگراممىلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈندۈرمەي تۇرۇپ تەرتىپ بويىچە ئالماشتۇرماقچىبولغاندا، Alt+Tab كۇنۇپكىسىنى باسمايمۇ Alt+Esc كۇنۇپكىسىنى بېسىپلا قوزغىتىلغانپروگراممىلار ئارىسىدا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا بۇ پروگراممىنىڭ تېما ئىستونىنى چېكىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمايدۇ.
5. «ئەمەلدىن قالدۇرۇش»دېگەن تاللاش تۈرى بار كۆزنەكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر سىز ئەمەلدىنقالدۇرۇشنى تاللىماقچى بولسىڭىز، بىۋاسىتە ESC كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق،ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەشغۇلاتىنى بېجىرەلەيسىزبۇنىمۇ سىناپ باقارسىز:
Ctrl+Alt+Home.1 نى بىرلىكتە باسساق ، كومپيوتېر تېزدىن قايتا قوزغۇلىدۇ ، Ctrl+Alt+End نى بىللە باسساق كومپيوتېر تېز سۈرئەتتە ئۆچۈدۇ.
2. Word ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا كۆپلىگەن ھۆججەتلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ئېچىپ بىر بىرىگە ماتېريال كۆچۈرۈش ياكى تەھرىرلەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارىمىز ، ئەگەر بۇ Wordھۆججەتلىرىنى ساقلاش ۋە چىكىنىشتە ،ھەممە ھۆججەتلەرنى بىر-بىرلەپ ساقلاش ۋە چىكىنىشكە خىلى كۆپنى ئىسراپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ . ئەگەر Shift كونۇپكىسىدىن پايدىلانساق كۆپلىگەن ھۆججەتلەردىكى ئوخشاش مەشغۇلاتنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ :
Shift نى بىسىپ تۇرۇپ «ھۆججەت » (文件) تىزىملىك ستونىنى ئاچساق ، ئۇ يەردە ئەسلىدە بار بولغان « ساقلاش » (保存) بۇيرۇقى __ « ھەممىنى ساقلاش » (全部保存) بۇيرۇقىغا ئۆزگىرىدۇ ؛ ئەسلىدىكى « تاقاش » (关闭) بۇيرۇقى __ «
ھەممىنى تاقاش » (全部关闭) بۇيرۇقىغا ئۆزگىرىپ كىتىدۇ . Shift كونۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ ھۆججەت ستونى ئىچىدىكى« ھەممىنى تاقاش » بۇيرۇقىنى باسساق ، ھازىر ئوچۇق تۇرغان بارلىق ھۆججەتنى تاقاپ Word دىن چىكىنىپ چقىپ كىتىدۇ .
3. كونترول يۈزى (控制面板) گە تېز چىقىش ئۇسۇلى : بۇيرۇق يۈرگۈزۈش ئۇرنىغا (开始/运行) Control نى كىرگۈزۈپ مۇقىملىۋەتسەك كونترول يۈزىگە بىۋاستە چىقالايمىز . « باشلاش » تىزىملىگىنى بىسىپ قاتلاممۇ قاتلام ئىزلەپ يۈرۈش ھاجەتسىز .
4. بۇيرۇق يۈرگۈزۈش ئۇرنىغا (开始/运行) DVDplay نى كىرگۈزگەندە كومپيۇتېردا DVD قويۇش پروگرامما ھۆججىتى بولمىسىمۇWindows XP نىڭ ئۆزى بىر قويۇش پروگرامما ھۆججىتىنى ھەقسىز تەمىنلەپ بىرىپ ، 3- بىر تەرەپتىن قويۇش يۇمتالىنى سىتىۋىلىش خىراجىتىنى تىجەپ بىرىدۇ .
5. بۇيرۇق يۈرگۈزۈش ئۇرنىغا (开始/运行) Osk بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ مۇقىملىۋەتسەك ئىكراندا بىر يۇمشاق كومپيۇتېر كونۇپكا تاختىسى كۆرۈنىدۇ.
6. بۇيرۇق يۈرگۈزۈش ئۇرنىغا (开始/运行) calc بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ مۇقىملىۋەتسەك ھېسابلىغۇچ ئىكران يۈزىگە چىقىدۇ .
7. كومپوتېرىڭىزغا سەپلەنگەن قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دىتاللارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلگۈڭىز بارمۇ ؟ ئۇنداقتا « باشلاش » (开始) ئىچىگە كىرىپ «ياردەم ۋە قوللاش»(帮助和支持)نى ئېچىڭ ، ئاندىن چىققان كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى « قورالدىن پايدىلىنىپ كومپيوتېر ئۇچۇرۇنى كۆرۈش ۋە ئانالىز قىلىش »(使用工具查看您的计算机信息并分析问题) دىگەن تۈرنى تاللاپ ، ئاندىن چىققان كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى «كومپيوتېر ئۇچۇرىنى كۆرۈش»(我的计算机信息) دىگەن دىگەن تۈرنى تاللىسىڭىز بولدى . بۇ ئارقىلىق كومپيوتېرڭىزدىكى بارلىق قاتتىق دىتال ۋە يۇمشاق دىتاللارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلەلەيسىز . ( ئادەتتە يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ كومپيوتېرنىڭ سەپلىمىلىرىنى يۇقۇرى قىلىپ كۆرسەتكىلى بولىدۇ . يۇقۇرىقى ئۇسۇلدا كۆرۈنگىنى ھەقىقى ئەھۋالى ،ئۇنىڭدىن باشقا biosقىسمىغا كىرىپمۇ كۆرگىلى بولىدۇ) .
8. كومپيوتېر ئالدىدىن ئازراق ۋاقىت ئايرىلىدىغان بولۇپ قىلىپ ئەمما كومپيوتېرنى ئۆچۈرگىڭىز يوق ھەم باشقىلارنىڭمۇ كومپيوتېرىڭىزغا چىقىلىشىنى خالىمىسىڭىز ، Windows بەلگىسى بىلەن بىللە L نى باسسىڭىز كومپيوتېرىڭىز تېز ھالەتتە قۇلۇپلاقلىق ھالەتكە ئۆتىدۇ ، مەخپى نومۇرنى بىلمىگەن ھىچكىم ئاچالمايدۇ .
9. ئېچىلغان كۆزنەكنى مائۇس يوق ھالەتتە كىچىكلىتىپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ قويماقچى بولسىڭىز Windows بەلگىسى بىلەن بىللە M نى باسسىڭىز تۆۋەنگە چۈشىدۇ. Windows بەلگىسى بىلەن بىللە Shift نى ئاندىن M نى باسسىڭىز باسسىڭىز كۆزنەك يەنە ئېچىلىدۇ .
10. بىرەر ھۆججەتنى Shift نى بىسىپ تۇرۇپ يۇيۇۋەتسىڭىز ، ئەخلەت ساندۇققا چۈشمەي تۇرۇپلا بىۋاستە يۇيۇلۇپ كىتىدۇ .
11. تور بەتنى ساقلاشتىن بۇرۇنESC كونۇپكىسىنى بېسىۋېتىپ ياكى توردىن ئاجرىغان ھالەتتە ساقلىسىڭىز تېز سۈرئەتتە ساقلىيالايسىز .
12. مۇزىكا ئاڭلىغۇڭىز بار، لىكىن كومپيوتېرىڭىزدا ھىچقانداق قۇيۇش يۇمتالى بولمىغان شارائىتتا ئاۋاز ياڭراتقۇنىڭ سىمىنى ئوپتىك دېسكا قويغۇچنىڭ ئاڭلاش耳机تۆشۈگىگە كىرگۈزۈپ ، ئوپتىك دېسكا قويغۇچنىڭ playكونۇپكىسىنى بىسىپ قويسىڭىزلا كۇپايە ، بۇنداق ناخشا ئاڭلىسىڭىز سىستېما بوشلۇغىنى ئىگەللىمەيدۇ ، ئەگەر كومپيوتېرىڭىز بۇزۇلۇپ قىلىپ ھىچقانداق نەرسە چىقىرالمىسىڭىزمۇ ئوپتىك دېسكا قويغۇچنى توك مەنبەگە چىتىپ يۇقارقىدەك ئۇسۇلدا ئاڭلاۋەرسىڭىز بولىۋېرىدۇ .
评论