بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年11月10日

    "ب" دىن باشلانغان بىخەتەرلىك بىلىملىرى بايانى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

      بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى بىلىش بىزگە بۇرۇندىن باشلاپ بار بولغان بۇرۇچتۇر. بىرادەرلىرىمىز بۇرۇندىن بۈگۈنگىچە، بوۋايدىن بوۋاققىچە بىخەتەر بۇلۇش بولسا باياشات بۇلۇشنىڭ باشلانمىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىخەتەر بولمىغاندا باي- بىسات بولغاننىڭ بەھرى بولمايدۇ.

       بۇرۇن بىزنىڭ بۇغۇچىدىكى باكىر باينىڭ بىھىساب بايلىقى بۇلۇپ، باكىر باي بىخەتەرلىك بىلىمرىنى بىلمىگەچكە بايلىقنى بانكىغا بەرمەي، بەلبېغىغا باغلاپ، بېغىنىڭ بۈرجىكىدىكى بىدىلىككە باستۇرۇپ، بايلىقى بار بۇلۇڭنى بالىلىرىغىمۇ بىلدۈرمىگەن. بىراق بۇلتۇر باكىر باينىڭ بايلىقى باستۇرۇلغان بۈرجەكنى بىر بۇلاڭچى بىلىۋېلىپ، باكىر باينىڭ بارلىق بايلىقىنى بۇلىۋالغان. باكىر باي بايلىقىنىڭ بۇلانغانلىقىنى بىلگىنىدە بۇ بالاغا بەرداشلىق بىرەلمەي، بويىنىنى بۇغۇزلىۋالغان.

       بۇنىڭدىن باشقا، بۇلتۇر بالىلار بايرىمىدا بۇرچىدىكى بارات بەڭگىنىڭ بالىسى بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى بىلمىگەچكە بازار بۇيى باشلانغۇچقا بايرامغا بارغۇچە بولكىۋاي بېسىۋالغان.  بازار بۇيىدىكى بائىممىخان بەكرى باققال بۇلۇپ، بالىلىرى بىلەن بازارغا بانان بېسىۋاتقاندا باغلاقتىكى بۇقىسى بۇشىناپ، بازارلىق بانانلىرىنىڭ بېرىنى بۇزىۋەتكەن. بۇنىڭدا بائىممىخان بەكرى بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى بىلمىگەچكە باش باشلىق بۇقىسىنى بوش باغلىغان. بۈگۈنمۇ باراتلىدىكى بۇخېدىچە باقى بازارغا بارغاندا بەش بۈرجەكلىك باغچىنىڭ بېقىنىدا بۇلاڭچى بىباھا بۇلوپكا- بۈلەيزۈكلىرىنى بوغچىسى بىلەن بۇلىۋاپتۇ.

       بىز بۇلاردىن بىلىۋالالايمىزكى: بۇ بىرادەرلىرىمىز بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى بىلگەن، بىخەتەر بۇلۇشقا بەكرەك بىرىلگەن بولسا باكىر باي بىكاردىن- بىكار بەربات بولمىغان، بارات بەڭگىنىڭ بالىسىنى بىئەجەل بالا باسمىغان، بائىممىخان بەكرى بىلەن بۇخېدىچە باقى بۇقا، بۇلاڭچىلارغا بۇزەل بولمىغان بۇلاتتى.  بىخەتەرلىك بەختىيارلىقنىڭ بىشارىتى بۇلۇپ، بىخەتەرلىك بولمىغاندا بەختلىك بولغىلى بولمايدۇ. بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى بىلمەي بىخۇد بولغاندا بەختىمىز لباياۋاندا بۇقۇلدايدۇ.

       بازار بۇيىدىكى باتۇر بودەكنىڭ باجىسى باھاۋۇدۇن بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرىنى بىلىشكە بەل باغلىغانلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، بۇلتۇردىن باشلاپ بىخەتەرلىك بەلگىلىمە بىلىملىرىنى بالىلىرىغىچە بىلدۈرۈپ "بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى بىلگۈچى" لەر بەيگىسىدە بىرىنجى بۇلۇپ باھالىنىپ، بىرمۇنچە بۇيۇملاردىن بەھرىمان بولدى، بېيجىڭغىمۇ باردى.  باشقىلار باھاۋۇدۇننىڭ بىڭسىغا بۇنىڭلىق بىلەن بولدىلىق بىلدۈرمەي، باھاۋۇدۇننى بازار باشقۇرۇشنىڭ باقاۋۇللىقىغا بىكىتتى.

       بىرادەرلەر بۇنىڭدىن بىلەلەيمىز، باھاۋۇدۇن بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى بىلمىگەن بولسا، بارچە بايلىققا بىرىلىۋاتقان بۈگۈندە باھاۋۇدۇن بەش بالىسىنى باشلاپ بازار باشقۇرۇش بەنزىسىگە بوزلاپ بارغان بولسا باشلىقنىڭ بۇسىغىسىغىمۇ بارالماي، بىر مۇنچە باھانە بىلەن بەزلىنەتتى. بېيجىڭغىمۇ بارالمايتتى. باھاۋۇدۇندا "بۈيۈك بىلىم" بىلىم بولغاچ باشقىلار باھاۋۇدۇنغا بېقىندى. باھاۋۇدۇن باشقىلارغا بېقىنماي بالىلىرىنى بىخارامان باقالىدى. بۇرادەرلەر بۇنى بىلگەنسىلەر؟

        بۈگۈن بۇرادەرلەرگە بۇ "ب" دىن باشلانغان باياناتتا بىلدۈرمەكچى بولغىنىمىز: بىخەتەرلىك بىرىنجى، بىخۇتلۇق بىچارىلىكنى بىخلاندۇرغۇچى بۆشۈك، بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرىنى بىلگەنلىك بۈگۈننىڭ بەھرىنى بىلگەنلىككە باراۋەردۇر.                                   ئاپتۇرى: ئىلياس ئېلى





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68