بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年10月31日

    ئۇلار قاچانمۇ ئويغىنار؟! - [شەخسى يازمىلىرىم]

    بۈگۈن كۈندىكىگە ئوخششاش دەرىسىمنى ئۆتۈپ بۇلۇپ ئوقۇغۇچىلارنى قۇيۇپ بىرەي تۇراتتىم، تۇساتتىن سىنىپنىڭ ئىشىكى ناھايتى جىددى چىكىلدى. بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپ قارىسام مەكتىپىمىزنىڭ ئىلمى مۇدىرى. ئۇ:" ئوقۇغۇچىلارنى قۇيۇپ بەرمەي تۇرۇڭ، مەركىزى مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۆتكەن قېتىمقى ناھىيە بۇيىچە ئېلىنغان 6-يىللىقلار ئىمتاھانىدا نەتىجىسى ياخشى بولغان ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن كىرىدىكەن" دىدى.  شۇنداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى يەنە بىردەم تەكرار قىلىشقا تەشكىللەپ قۇيۇپ، ئۆزۈم دەرسلىك كىتابنى ۋاراقلاپ كۆرۈشكە باشلىدىم. تەخمىنەن يېرىم سائەتتەك ۋاقىت ئۆتتى، سائېتىمگە قارىدىم، سائەت شىنجاڭ ۋاقتى 5:30 بۇپتۇ. كۈن خېلى كەچ بۇلۇپ قالغان تۇرسا، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق كەلمىگىنى نىمىسى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىنىپىمدا مەكتەپ بىلەن ئۆيىنىڭ ئارىلىقى 7-8كلومېتىر كىلىدىغان بالىلارمۇ بار تۇرسا.  مەن تىتىلداشقا باشلىدىم، ئۆيى يىراق ئوقۇغۇچىلارنى بالدۇرراق قۇيۇپ بەرگەچ تۇراي دەپمۇ ئويلىدىم، بىراق بۈگۈنكىدەك مۇكاپاتلاش پائالىيىتىگە ھەممە ئوقۇغۇچى قاتناشسا ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئۆگۈنۈشلىرىگە تېخىمۇ ئىلھام بۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەنىلا ئۇلارنىمۇ باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە قۇيۇپ بىرىش قارارىغا كەلدىم.

    مەن سىرتقا چىقىپ قاراپ باقتىم، رەھبەرلەرنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. ئوقۇغۇچىلار داۋاملىق تەكرار قىلماقتا. ئالاھەزەل يېرىم سائەتتەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، سائېتىمگە قارىدىم، شىنجاڭ ۋاقتى 6:30. ئۇلار تېخىچە كىرمىدى، قۇياش ئاللىقاچان پېتىپ بولغانىدى. مەن ئوقۇغۇچىلارنى قۇيۇپ بىرىش قارارىغا كەلدىم، ئەمدىلا گەپنى باشلىشىمغا سىنىپنىڭ ئىشىكى چىكىلدى، قارىسام ئۇلار كەلگەن ئىدى. مەركىزى مەكتەپنىڭ مۇدىرى ۋە ئىلمى مۇدىر سىنىپقا كىرىپ كەلدى. ئۇلار مۇكاپات بۇيۇملىرىنىمۇ ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئالدى بىلەن مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى ئۆگىنىش، ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا چۈشۈنۈشلۈك، تەسىرلىك، مەزمۇنلۇق قىلىپ تەربىيەلەرنى بەردى، ھەمدە ئىمتاھاندا ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ تىرىشىشقا، باشقا ئوقۇغۇچىلارنى ئۇلاردىن ئۆگۈنۈشكە ئىلھاملاندۇردى.  ئارقىدىن ئىلمى مۇدىرىمىز مۇكاپاتلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكى، نەتىجىسى، ناھىيە بۇيىچە دەرىجىسى قاتارلىقلارنى ئوقۇپ ئۆتتى، مەكتەپ مۇدىرىمىز ئۆز قۇلى بىلەن مۇكاپات بۇيۇملىرىنى تارقاتتى.  مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئاخىرلاشتى. ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنى تىزراق قۇيۇپ بىرىشنى ئېيتىپ بىز بىلەن خوشلاشتى.

     ئۇلارنىڭ مېڭىشى بىلەن تەڭ مەنمۇ دەرھال ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيلىرىگە قايتىشقا بۇيرۇدۇم. ئوقۇغۇچىلار ئاللىقاچان تەييارلىشىپ قويغان سومكىلىرىنى كۆتىرىپ سىنىپتىن چىقىشقا باشلىدى. مەنمۇ ئۇلار بىلەن تەڭلا سىرتقا چىقتىم ۋە دەرھال موتسىكىلىتىمنى ئېلىشقا يۈگۈردۈم. ئۆيى يىراق 5نەپەر ئوقۇغۇچىمنى ئۆيلىرىگە يەتكۈزمىسەم بولمايتتى. (بەلكىم بۇنداق قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوقتۇ، بىراق يەنىلا خاتىرجەم بۇلالمىدىم.) شۇنداق قىلىپ ۋېلىسپىتلىك كەلگەن بىر ئوقۇغۇچى يەنە بىر ساۋاقدېشى بىلەن بىرگە ماڭىدى، قالغان ئۈچ ئوقۇغۇچىنى كەينىمگە مىنگەشتۈرۈپ مېڭىپ كەتتۇق.

    بىز  ۋېلىسپىت تىزلىگىدە مېڭىپ 4كلومرتىر ماڭغاندىن كېيىن ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى چۈشۈپ قالدى. يەنە بىر ئوقۇغۇچىنى ئېلىپ ۋېلىسپىتلىك ماڭغان ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئەگىشىپ ماڭدۇق. يەنە 3كلومېتىرچە مېڭىپ بىر يەرگە كەلگەندە، ئالدى تەرىپىمىزدىن كىلىۋاتقان ئىككى موتسىكلىتلىق كىشى بىزنى كۆرۈپ توختىدى. ئۇلار ئەسلى ۋېلىسپىتلىك ماڭغان ئىككى ئوقۇغۇچۇمنىڭ دادىلىرى بۇلۇپ، بالىلىرىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ماڭغان ئىدى. مەنمۇ ئۇلارنى كۆرۈپ قول ئېلىشىپ ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالنى چۈشەندۈردۈم. گېپىم تۈگىمەي تۇرۇپلا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جۈمىراخۇن ئىسىملىك بىرسى قايناپلا كەتتى، "مەن بىر ساۋاتسىز ئادەم، مەن مەكتەپتە ئوقۇمىغان، مەكتەپتە ئوقۇمايمۇ جېىنىمنى جان ئىتىپ كىلىۋاتىمەن، مىنىڭ بالام ئوقۇمىسا نىمە بۇپتۇ؟ بۇنچە كەچ قۇيۇپ بىرىدىغان مەكتەپتە ئوقۇغىچە ئوقۇمايلا قويسۇن، مىنىڭ پەقەت مۇشۇ بىرلا بالام بار، ئەگەر بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا سىلى تۆلىيەلەملا؟؟!!........." مەن ئۇنىڭ سۆزى تۆگىگىچە سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىدىم. ئاندىن ئۇنىڭغا:' قارىسىلا ئاكا، مىنىڭ ئۇنداق قىلغۇم پەقەت يوق ئىدى، بۈگۈن ئىش مۇشۇنداق بۇلۇپ قالدى، مەنمۇ سىلىنىڭ بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاپ ئۇلار بىلەن بىللە كەلدىمغۇ، بۇنداق دەپ كەتمىسىلە..." مىنىڭ گېپىم تۈگىمەستىنلا باياتىندىن بىرى جىم تۇرغان يەنە بىرەيلەن سۆزلەشكە باشلىدى:" بىزنىڭ بالىلىرىمىز ھەرقانچە ئوقۇسىمۇ سىلىدەك مۇئەللىم بۇلالمايدۇ، ئوقۇمىسىمۇ جاننى جان ئەتكىلى بۇلىۋېرىدۇ......"  مەن ئۇلارغا يەنە چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم:" ئادەتتىكى كۈنلەردە خېلى بۇرۇنلا قايتاتتۇق، رەھبەرلىرىمىز ئووقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ئالاھىدە كەلگەن ئىدى، بۇنداق ئىش داۋاملىق بولمايدۇ،  مۇشۇ بىر قېتىم مۇشۇنداق بۇلۇپ قالدى. مەنمۇ سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى چۈشۈنىمەن........ "  سىلىنىڭ ئۆيلىرى باشقا ناھىيىدە، بۇيەردە مەكتەپ ئىچىدە ياتاقتا تۇرۇدىغان بولغاچقا بالىلارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىش ئىشى تازا ئىسىلىرىگە كەلمىگۈدەك!"  ساقاللىق، ئاچچىقى يامان كەلگەن جۈمىراخۇننىڭ بۇگېپى مىنىڭ ئاچچىقىمنى تېخىمۇ كەلتۈردى.  " نىمانداق گەپ چۈشەنمەيدىغان ئادەم سىلى، گەرچە ساۋاتسىز بولسىلىمۇ ئويلاپ باقسىلا، مەن سىلى ئويلىغان"بىخەتەرلىك"نى ئويلاپ بالىلىرىنى ئۆيلىرىگىچە ئېلىپ كەلدىم، بالىلىرى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇسا يامان بۇلامدۇ. توغرا مەن باشقا ناھىيىدىن كەلگەن، مىنىڭ ئىللىق ئائىلەم، ئاتا-ئانام، ئۇرۇق-تۇققانلىرىم ھەممىسى يىراقتا قالغان، مەن باشقىلارغا ئوخشاش ھامان بىركۈنى ئۆز يۇرتۇمغا يۆتكىلىپ كىتىمەنغۇ دىگەننى ئويلاپ سۇنىڭ ئېقىشىغا، شامالنىڭ يۈلىنىشىگە قاراپ ئىش كۆرسەممۇ بۇلاتتى، بىراق ھەممىسى ئۇيغۇرۇمنىڭ بالىلىرىغۇ، مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولغاندىكىن ئالدىمدىكى ئوقۇغۇچىلارغا، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا يۈز كىلەلىگۈدەك بىر ئىش قىلاي دەپ، شۇنچە جان پىدالىق بىلەن ئىشلىشىم يامانمۇ؟  بالىلىرىنىڭ ياخشى ئوقۇشى ئۇنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ كىتىۋاتقان دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشالماي، يارامسىز جەمىيەت داشقىلىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن. سىلى ھازىرقى تۇرمۇشلىرىدىن شۇنداق رازى ئوخشىماملا؟ جەمىيەت ھازىرقىدەك سۈرئەتتە تەرەققى قىلىپ كىتىۋەرسە،بالىلىرى سىلىنىڭ ياشلىرىغا بارغاندا بېشىغا نىمە كۈنلەر كىلەر؟............................" مەن سۆزلىگەنسىرى ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي قالدىم. ئاخىرىدا ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ گەپلىرىنى قىلىۋەردى، دىمەك مىنىڭ دىگەنلىرىم ئۇلارغا تەسىر قىلىمىدى.  مەن ئەمدى بۇلار بىلەن تاكاللىشىۋەرگەننىڭ پايدىسى يوقلىقىنى ھىس قىلىپ ئۇلارغا:"  بالىلىرىنى ئوقۇتمايمىز دىگەنلىرى، ئۇ بىر ئاقماس گەپ، قالدىسىنى ئەتە مەكتەپتە دىيىشەيلى، بالىلىرى بىلەن بىرگە مەكتەپكە چىقىشقايلا." دىدىم دە، موتسىكىلتقا مىنىپ يۇلۇمغا راۋان بولدۇم.  ئاشخانىغا كىرىپ قۇرسۇقۇمنى توقلاپ ئاندىن ياتاققا قايتىشنى ئويلىدىميۇ بۇ ھالىتىمدە گالدىن بىر نەرسە ئۆتىدىغاندەك ئەمەس. شۇنداق قىلىپ ئۇدۇل ياتاققا قايتتىم.

    ياتىقىمغا كىلىپ ئۇزۇندىن- ئۇزۇنغا خىيال سۈرۈپ ئولتۇردۇم.. بۇلار قاچانغىچە ئويغانماي سۈت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاپ يېتىۋىرەر؟ ھازىر دىگەن قانداق زامان؟ نادانلىق قالپىقى قاچانغىچە ئۇلارغا سايىۋەن بۇلالار؟؟؟؟ 

    2010-يىل27-ئۆكتەبىر

     





    评论

  • مەن بۇرۇن مۇنداق بىر جۈمىلە سۆز ئاڭلىغان ئىدىم يەنى : بەزى ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەنلەر ،ۋىجدانىنى تىخى ئىت يىمگەنلەر ۋە تاشلاپ بەرسە ۋىجدانىنى ئىتمۇ يىمەيدىغانلار............بولسا بۇشىشىپ كەتمەڭ.
    回复تۇرانىم说:
    توغرا دەيسىز، چۇقۇم بۇشاشمايمەن، چۈنكى ھەممىسى مىللىتىمىزنىڭ پەرزەنتلىرى ئەمەسمۇ، ئەلۋەتتە بىز مۇئەللىملەر ئۇلارغا مەسئۇل بۇلىشىمىز كېرەك.
    2010-11-05 19:38:15
  • ھەي مىلىلىتىمىز قاچانغىچە مۇشۇنداق سۈت ئۇيقۇسىدا ئۇخىلاپ يۇرەر......سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىز توغىرا....بولسا تىخىمۇ غەيرەت قىلىڭ بەل قۇيۋەتمەڭ....ئادەم دىگەن ۋىجدانى بىلەن ياشىشى كىرەك!
    回复تۇرانىم说:
    رەھمەت قېرىندىشىم، قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قارشى ئالىمەن. چۇقۇم سىز دىگەندەك قىلىمەن، چۈنكى ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنىڭ بارا-بارا ئازاد بۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
    2010-11-05 19:35:50
darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68