بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年10月26日

    تور دۇنياسىغا سەل قارىماڭcomputer network - [شەخسى يازمىلىرىم]

    يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان كومپيوتېر تور تەرەققىياتى ناھايتىمۇ تىز بۇلىۋاتىدۇ، ھازىرقى سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا جۇڭگۇدىكى تور ئابونتلىرى 111مىليۇنغا يەتكەن بۇلۇپ پۈتۈن دۇنيانىڭ %11نى ئىگىلەيدىكەن. قارايدىغان بولساق ئۇيغۇر تورچىلىق ئىشلىرىمۇ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. مەن 1999-يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا كومپيوتېر تورىدا قاچانمۇ ئۇيغۇرچە كونا يېزىق ئۇمۇملىشار، دەپ بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرچە توربەتلەر يىڭى يېزىق يەنى- ئېنگىلىزچە ھەرپلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى. بەزىلىرى كونا يېزىقنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ تېخى يېقىنقى مەزگىلگىچە تور بەت يۈزىدە"ئۇيغۇرچە خەت نۇرمال كۆرۈنمىسە بۇيەردىن قاچىلاڭ" دىگەن كۆرسەتمە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھازىر قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرچە ئۆز يېزىقىمىزدا لاھىيىلەنگەن تور بەتلەر ساناپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە كۆپەيدى، بۇ بىر بوشلۇق نۇرغۇن جاپاكەشلىرىمىز تەرىپىدىن تولدۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن كومپيوتېر تورى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگۈنۈش، سودا قاتارلىق نۇرغۇن ساھالەرگە ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىردى.

    مەن دائىم خەنزۇچە تور بەتلەرنى كۆرۈپ تۇرىمەن، كۆرگەندىمۇ كۆپىنچە شىنخۇا تورى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ........دىگەندەك تور بەتلەرنىڭ رەھبەرلەر دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان "رەھبەرلەر سۆز قالدۇرۇش مەخسۇس بەتلىرى" نى كۆرىمەن، تورداشلارنىڭ رەھبەرلەرگە قالدۇرغان يۈرەك سۆزلىرىنى ناھايتى زوق بىلەن ئوقۇپ كىتىمەن(چۈشىنەلمىگەن يەرلىرىمنى لوغەت ئاختۇرۇپ )، رەھبەرلەرنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جاۋابلىرىنى كۆرۈپ ناھايتى رازى بۇلىمەن.   مەن يېقىندا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورىنىڭ رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش بېتىدىن مۇنداق بىر ئىشنى كۆردۈم—"قۇمۇل شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر خەنزۇ يولداش كەچتە ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا، يولدىكى پاسكىنا سۇلارنى بىرتەرەپ قىلىش تۇربىسىنىڭ ئېغىزى ئوبدان ئىتىلمىگەچكە شۇ يەرگە چۈشۈپ كىتىپ يارلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن بارىدۇ. ئۇ ئىشىكنى خېلى چەككەندىن كېيىن ئىشخانىدىن "كىرىڭ!!" دىگەن قۇپال ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ، بۇ يولداش ئىشىكتىن كىرىپ ئۆزىنىڭ كىلىش سەۋەبىنى سۆزلىگەندىن كېيىن، ئىشخانىدىكى خىزمەتچى بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن، خوشياقمىغان ھالدا"سىز بېرىپ قۇرۇلۇش قىلغان ئورۇننى ئىزدەڭ!" دەيدۇ. ئەسلىدە بۇ خىزمەتچى كومپيوتېر ئويۇنى ئويناۋاتقان ئىكەن. بۇ خەنزۇ يولداش شۇنچە يولنى بېسىپ بۇيەرگە كىلىپ ئۆزىنىڭ كىلىش سەۋەبىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغۇدەك بىرەر ئىنساننىڭ چىقمىغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايتىمۇ قايغۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۇقارقى ئۆزىنىڭ يارىلانغانلىق ئىشى ۋە شەھەر قۇرۇلىشى ئىدارىسىكى  خىزمەتچىنىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇليەتسىزلىكى ھەققىدە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش مەخسۇس بېتىگە سۆز قالدۇرۇپ قۇيىدۇ.  ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئىش قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ، بۇ يولداشنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۈستىگە ئالىدۇ، ۋە ھېلىقى مەسئۇليەتسىز خىزمەتچىگە ئىككى ئايلىق مائاشىنى تۇتۇپ قېلىش، ئۆزىنى تەكشۈرۈش جازاسى بىرىلىدۇ...."   

    يۇقارقى ئىشنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇنداق ئىشلارغا يۇلۇقۇپ كىمنى ئىزدىشىنى بىلەلمەي يۈرگەنلەر قانچىلىكتۇ-ھە؟! دىگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم.

    مەزكۇر يازمىنىڭ باش قىسمىدا دىيىلگەندەك كومپيوتېر تور ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەنمۇ تىز بۇلىۋاتىدۇ. لېكىن بىزدە بۇ قۇلايلىقلاردىن پايدىلىنىپ مەنپەئەت ئالغانلار قانچىلىك؟؟؟  





    评论

  • شىنجاڭ چولپانلىرى كورىيە چولپانلىرى ھندىستان چولپانلىرى ئۆزبىك چولپانلىرى تۈركىيە چولپانلىرى ئامرىكا چولپانلىرى
    خەنزۇ چولپانلار
    回复qolpanlar1说:
    blogni kordum, yahxi baxlinix buptu dwamlik tirixing..
    2010-10-31 14:14:37
  • دوستۇم تىمىلىرىڭىزدىكى بەزى خەتلەرنىڭ رەڭ كودىنى ئۇچۇقراق رەڭ كودىغا ئالماشتۇرسڭىزبولغۇدەك.ئېغىركەتكەن بولسا خاپا بولماڭ.بۇمىنىڭ گۈزەلسەنئەت جەھەتتىكى بايقىشىم.
    回复ياۋا说:
    rahmat adixim bargan taklipinglaga , man darhal tutux kilay dimisimu xundakkan ..
    2010-10-31 14:10:52
  • بۇنداق ئىشلار ئەلۋەتتە نۇرغۇن دە ، لىكىىن ئاشۇلاردەك قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتىمىزنى يوللۇق ھالدا قوغدىيالماي ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىدىن قورقىنىمىزچە ئەلھەكمۇللا دەپ كېتىپ قالىمىز .
darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68