بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年10月24日

    (Improve memory)ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇللىرى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ مەركىزى، شۇنداقلا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە ئەقىلنىڭ بۆشۈكى. ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى ئادەمنىڭ مېڭە ھۈجەيرە ئىچكى قىسمىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە ياخشىلىنىۋاتقان مەزگىلى بولىدۇ، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئەستە تۇتۇش پائالىيىتى ‹‹سەكرەش›› ھالىتىدە تۇرۇپ، تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ياخشى ئالدىنقى كۆرۈنۈش يارىتىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيە ئېلىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى بولۇپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، كۈچلۈكرەك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ بولۇشىنى، شۇنداقلا مۇۋاپىق ئوزۇقلۇق، يېتەرلىك ئۇيقۇ، ساغلام بەدەن ۋە كەڭ كۆلەمدىكى قىزىقىش قاتارلىقلارنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

    مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش: ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە يېتىلىۋاتقان ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ھەركۈنى نۇرغۇن ئېنېرگىيە ۋە كۈچ – قۇۋۋەت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا يېتەرلىك ئوزۇقلۇق، مۇۋاپىق غىزالىنىش ۋە ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش زۆرۈر. يېتەرلىك ئوزۇقلۇق، ئادەتتە، ھەر كۈنى ئېھتىياجلىق بولغان ئۆلچەملىك ئومۇمىي ئىسسىقلىق بولۇپ، ئۇ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2500 كىلو كالورىيە، قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2300 كىلو كالورىيە بولسا بولىدۇ. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ئاساسلىق يېمەكلىك بىلەن قوشۇمچە يېمەكلىكنى ماسلاشتۇرۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ بىرلا خىل بولۇپ قېلىشى ۋە تاماق تاللاشنى قاتتىق چەكلەش قاتارلىقلارغا قارىتىلغان. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بەدەننىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن خىلمۇ خىل يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: ھەر خىل پۇرچاق، قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەر، گۆش ھەم سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، كۆكتات، مېۋە – چېۋىلەر ۋە ياغلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش زۆرۈر ئىكەن.

    يېتەرلىك ئۇخلاش: نورمال ئۇيقۇ چوڭ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئادەمنىڭ ھۈجەيرىسى تەخمىنەن 100 مىليارد بولۇپ، ئۇ ئورگانىزمنىڭ ھەر قايسى توقۇلما ئەزالىرىغا سىگنال يەتكۈزۈش ۋە قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل، بۇمۇ ئەستە ساقلاش ۋە تەپەككۇر قىلىش جەريانىدۇر. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، جىددىيلىشىش، يۇقىرى دەرىجىدىكى نېرۋا مەركىزىنىڭ غىدىقلىنىش ۋە تورمۇزلىنىش جەريانى تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ، نېرۋا ئاجىزلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. فىزىئولوگىيە ئالىمى پاۋلوۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيقۇ چوڭ مېڭىنىڭ قوغدىنىش خاراكتېرىدىكى تورمۇزلىنىش جەريانى بولۇپ، ئارام ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتى ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا، ھەر بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى لازىم. ئادەتتە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرى ھەر كۈنى سەككىز – توققۇز سائەت ئۇخلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

    چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش: ئۆگىنىش ۋاقتى ياكى ئولتۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، بەدەن نىسبىي تىنچ ھالەتكە ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، قان ئىچكى ئەزا ۋە پۇتلارغا يىغىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جىددىي ئەقلىي ئەمگەك سەۋەبىدىن مېڭە ھۈجەيرىسى غىدىقلىنىپ، كۆپ مىقداردا كاربون(IV) ئوكسىدى ۋە سۈت كىسلاتاسى قاتارلىق مېتابولىزم چىقىرىندىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، باش قېيىش، دىققىتى چېچىلىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا قاننىڭ يېتەرلىك ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مېتابولىزم چىقىرىندىلىرىنى ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، دەرس ئارىلىقىدىكى دائىملىق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

    كەڭ دائىرىلىك قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈش: ھەۋەس ۋە قىزىقىش ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ۋە كۈچ – قۇۋۋەتنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان شەرت. كۆپ خىل ھەۋىسى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب كۆرۈش ۋاقتى ئۇزۇن بولمىسىمۇ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولىدۇ. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى، ئادەم چوڭ مېڭىسىنىڭ غىدىقلىنىش جەريانى بىلەن تورمۇزلىنىش جەريانى ئۆزئارا ئالمىشىپ تۇرغانلىقىدا.





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68