بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年10月10日

    بىر قىسىم ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىنىڭ بىر جۈملىلىك تونۇشتۇرۇلۇشى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    ئابباس بۇرھان: بىئولوگىيە ئالىمى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن.
    ئابدۇكېرىم نەسىردىن: سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، رەسسام.
    ئابدۇكېرىم راخمان: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئەدەبىياتشۇناسلىق بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى.
    ئابدۇكېرىم خوجا: ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان.
    ئابدۇقادىر داموللا: 20-ئەسرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن دىنىي ئالىم.
    ئابدۇللا تىمەن: زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر سىياسىئونلىرىنىڭ بىرى(تەيۋەن).
    ئابدۇقادىر تاش: سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر زھۇرنالىست.
    ئابدۇراخمان ئابلىكىم: بوكس تۈرى بويىچە ئاسىيا چېمپىيونى بولغان.
    ئابدۇراخمان قاھار: يازغۇچى، «ئىلى دولقۇنلىرى» قاتارلىق بىرقاتار رومان-پوۋېستلارنى يازغان.
    ئابدۇرېھىم ئەخمىدى: ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق ناخشىچى (قازاقىستاندىن، مۇراد ئەخمىدىنىڭ ئاتىسى)
    ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي: تىلشۇناس، پروفېسسور، دوكتور (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا)
    ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى.
    ئابدۇرېشىت توختى: شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مول ھوسۇللۇق كومپوزىتورى.
    ئابدۇرېشىت زۇنۇن: كىيىم لايىھىلەش بويىچە ئالىي ئىنزھېنېر. ئاپتونوم رايونلۇق يەنىك سانائەت ئىدارىسىدىن.
    ئابدۇروسۇل ئابدۇللا: مېتېئورولوگىيە بويىچە ئالىي ئىنزھېنېر، ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدە.
    ئابدۇشۈكۈر كېرىم: شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ رەسسامى.
    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىجتىمائىي پەن ئالىمى.
    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي شائىرى.

    ئابلىكىم ئابدۇرېشىت: بوكس ماھىرلىرىنىڭ تەربىيىچىسى، دۆلەت دەرىجىلىك بوكس ترېنېرى، ئار تەنتەربىيە ئىدارىسىدە
    ئابلەق ئاۋامىسلىم: مول ھوسۇللۇق كومپوزىتور، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئىشلىگەن، دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتىدۇ.
    ئابلەت ئابدۇرېھىم: ئوتلاقچىلىق مۇتەخەسسىسى (شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى)
    ئابلىمىت ئابدۇقادىر: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە-جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىن، بىئولوگىيە پېنى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، بىئولوگىيە ئالىمى.
    ئابلىز ھېزىموف: يازغۇچى (قازاقىستان)، قازاقىستاندا نۇرغۇن ئىئاجدىيىتى بارلىقى مەلۇم، ۋەتەندە «تەتۈر كىرپىك» ناملىق توپلىمى نەشر قىلىنغان

    ئابلىز ھىمىت: شىنجاڭ ئۇنىۋەرسىتەتى خىمىيە پەن-تەخنىكىسى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفەسسورى، دوكتور.

    ئابلىز مەخسۇم: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق دەموكرات شائىرى، مەشھۇر دىنىي ئالىم ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ئوغلى.
    ئابلىز شاكىر: مۇقامشۇناس (شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدىن)
    ئادالەت ئەخمەتجان: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى (ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىزى)
    ئادىل ھوشۇر: داڭلىق دارۋاز (شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىدىن)
    ئادىلجان جۇڭگودىكى ۋاسكېتبول چولپىنى، ۋاسكېتبولچىلارنىڭ دۆلەتلىك ترېنېرى.
    ئالىجان ئىبراھىموف: قازاقىستاندىن، كاتتا كارخانىچى.

    ئالىمجان باۋدىنوف: يازغۇچى، قازاقىستاندا.

    ئالىمجان ئىنايەت: مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    ئامىنە غاپپار: تىلشۇناس. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن.
    ئارسلان ئابدۇللا: تىلشۇناس، پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
    ئايشەم ئەخمەت: يازغۇچى.«ئۆچمەس ئىزلار»، «مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ» قاتارلىق رومانلارنى يازغان.
    ئايشەم ھوشۇر: مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى.
    ئازاد سۇلتان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى.
    بىلال ئىلياس: ماتېماتىك، ياپونىيىدە.
    بوغدا ئابدۇللا: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شائىر (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن)
    چىمەن يۇنۇس: باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    دىلبەر يۇنۇس: دۇنياغا تونۇلغان دولقۇنسىمان يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى.
    دىلمۇراد كۇزىيېف: كاتتا كارخانىچى، قازاقىستاندا.
    دىلنار ئابدۇللا: ئۇسسۇل سەنئەتكارى.ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن.
    دىلناز ئەخمىدى: ناخشا چولپىنى (مۇراد ئەخمىدىنىڭ قىزى، قازاقىستاندا)
    دىلشات ئابلا: نېرۋا ئىلمى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى..
    دىلشات ھېۋىزۇللا: كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيال ئىنزھېنېرى (ئەنگلىيىدە)
    دىلشات سۇلتان: ئەدەبىي تەرجىمان، ئالىي مۇھەررىر، پروفېسسور ئازاد سۇلتاننىڭ ئاكىسى.
    دولقۇن رەھمىتۇللا: تېببىي مۇتەخەسسىس (ئامېرىكىدا)
    ئەكبەر غۇلام: ئەدەبىي تەرجىمان، يازغۇچى.
    ئەكرەم ئەلى: ئاگرونومىيە مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    ئەل فارابى: 10-ئەسردە ياشاپ ئۆتكەن، پەيلاسوپ، تېببىي ئالىم، مۇزىكىشۇناس.
    ئەلى ئەسمىتۇللا: قاتناش-ترانسىپورت تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    ئەلىشىر ناۋائىي: 15-ئەسردە ياشاپ ئىجاد قىلغان، مۇتپەككۇر شائىر.
    ئەنۋەر ھەسەن: ھايۋانات ئوزۇقشۇناسلىقى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    ئەنۋەر مۇھەممەت: شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىنىڭ يېتەكچىسى، ئاتاقلىق سېھرىگەر.
    ئەركىن سىدىق: ئوپتىكا پەنلىرى ئىنزھېنېرى (ئامېرىكىدا)
    ئەسەت سۇلايمان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
    ئەخەت تۇردى: يازغۇچى، زھۇرنالىست.
    ئەخمەت تۆمۈر؛ ئاسار-ئەتىقىلەرنى يىغىپ ساقلىغۇچى، «جۇڭگودىكى يىغىپ ساقلاش چولپىنى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
    ئەختەم ئۆمەر: يازغۇچى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوپەرا ئومىكىدىن.
    ئەزىزوف قاسىم: گېنېرال.
    غازباي: مىلادىيىدىن ئىلگىرى خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق تېببىي ئالىم، قەدىمىي ھىندىستان مەنبەلىرىدە نامى تىلغان ئېلىنغان.
    غازى ئەمەت:رەسساملىق كەسپى پروفېسسورى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىن.
    غەنى باتۇر: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قەھرىمانى.
    غەنى غوپۇر: ماتېماتىك، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    غەنىزات غەيۇرانى: لۇغەتشۇناس، شائىر، ئار تىل-يېزىق كومىتېتىدىن.
    غەيرەتجان ئوسمان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
    ھاجىئەكبەر ئەيسا: بايلىق خىمىيىسى مۇتەخەسسىسى، تەتقىقاتچى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن.
    ھىسامىدىن قۇربان: زامانىمىزدىكى “نەسىردىن ئەپەندى”.
    ھوشۇر ئەلى: رەسسام، خەتتات، بىرىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىشى.
    ھوشۇر ئىسلام: پروفېسسور، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.
    ھۈسەنجان جامى: ئاتاقلىق تەمبۇرچى، مۇزىكا ئىجادچىسى.
    ھۈسەنجان تۇنىياز: ئۆسۈملۈك ئاسراش كەسپى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    ئىبراھىم مۇتىئى: زامانىمىز ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىنىڭ باشلامچىسى، تەتقىقاتچى.
    ئىدرىس ئابدۇروسۇل: ئارخېئولوگ، تەتقىقاتچى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باھالىغۇچى.
    ئىليار شەيخىدىن: ئۆپكە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    ئىمىن تۇرسۇن: ئۆرپ-ئادەت تەتقىقاتچىسى، شائىر، تىلشۇناس.
    ئىمىننىياز ئىسمائىل: كومپوزىتور، تۇرپان ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن.
    ئىسراپىل يۈسۈپ: ئارخېئولوگ، قەدىمقى ئەسەرلەر ۋە تارىم مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى.
    ئىززەت ئىلياس: ناخشىچى، شىنجاڭ ئوپەرا ئۆمىكىدىن.
    جالالىدىن بەھرام: يازغۇچى، رەسسام. «لېيىغان بۇلاق»، كۆمۈرچى بالا»، «ئامەت ۋە ئاپەت» قاتارلىق رومانلارنىڭ ئاپتورى. مۇشۇ كىشىلەر قاتارىدىكى مۇسا سايرامىنىڭ رەسىمىنى جالالىدىن ئەپەندى سىزغان.
    ئابدۇۋەلى جارۇللايېف: ئاتاقلىق خەلق ناخشىچىسى.
    جيەن بوزەن: تارىخشۇناس، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن.
    جيەن يىڭخەي: جۇڭگودىكى مەشھۇر كارخانىچىلارنىڭ بىرى، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن.
    كۈرەش ئىبراھىم: فىزىكا ئالىمى، قېتىشىش ھالەت فىزىكىسى مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئورنىدىن.
    لىتىپ توختى: تىلشۇناس، پروفېسسور (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن)
    لۇتپۇللا مۇتەللىپ: ئىنقىلابىي شائىر.

    مۇھەممەت باغراش: يازغۇچى، ئار يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن.
    مۇھەممەتجان سادىق: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شائىر (ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىن)
    ماھىنۇر ھاجىياقۇپ: كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمانى.
    ماھىنۇر نىياز: دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا.
    مەھمۇد قەشقەرىي: 11-ئەسردە ياشاپ ئۆتكەن تىلشۇناس.«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئاپتورى.
    مەھمۇد خالىق: بىئولوگىيە پەنلىرى پروفېسسورى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.
    مۇھەممەت شاۋدۇن: زھۇرنالىست، شائىر.
    مەمتىلى توختاجى (تەۋپىق): مائارىپچى، شائىر.
    مەمتىلى زۇنۇن: شائىر، دراماتۇرگ. «ھېيتگاھ تۇمانلىرى»، «مەسلىھەت چاي»، «رابىيە-سەئىدىن» قاتارلىق دراما-ئوپېرالارنى ۋە نۇرغۇن نادىر ناخشا تېكىستلىرىنى يازغان.
    مەمتىمىن بارات:گېن ۋە سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    مەمتىمىن غېنى: ماشىنىسازلىق مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    مەمتىمىن ھوشۇر: يازغۇچى.«قۇم باسقان شەھەر»، «قىرلىق ئىستاكان»، «سالام، ھېسام ئاكا»، «بۇرۇت ماجراسى»، «چوشقىلارغا بايرام»، «ئالتۇن چىشلىق ئىت» قاتارلىق نۇرغۇن نادىر پروزا ئەسەرلىرىنىڭ ئاپتورى.
    مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف: گېنېرال.
    مەترېھىم سايىت: تۈركولوگىيە مۇتەخەسسىسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.
    مەخسۇت مۇھىتى: 20-ئەسرنىڭ 30-يىللىرىدا ياشاپ ئۆتكەن مائارىپچى.
    مىجىت خۇدابەردى: جۇغراپىيىشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    مىرسۇلتان ئوسمانوف: تىلشۇناس، تەتقىقاتچى.
    مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر: 15-ئەسردە ئۆتكەن تارىخچى، «تارىخىي رەشىدى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى.
    مۇھەممەتجان راشىدىن: مائارىپچى، شائىر.
    مۇھەببەت قاسىم: تىلشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    مۇھەممەت ھېيت: رەسساملىق كەسپى پروفېسسورى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
    مۇھەممەت سالىھ داموللا: دىنىي ئالىم، «قۇرئان كەرىم»، «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى» (ھەدىس)، «مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق كاتتا ئەسەرلەرنى ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا يۇقىرى ماھارەت بىلەن تەرجىمە قىلغان كىشى.
    مۇراد ناسىروف: ناخشا چولپىنى (قازاقىستان)
    مۇسا ھاجى: 19-ئەسردە ئۆتكەن كاتتا كارخانىچى.
    مۇسا سايرامى: 19-ئەسردە ئۆتكەن تارىخچى.«تارىخىي ھەمىدى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى.
    مۇساجان روزى: مۇزىكا مائارىپچىسى، كومپوزىتور، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىن.
    نىمشېھىت (ئارمىيە داموللا): شائىر.«مىڭ ئۆي ۋە پەرھات-شېرىن» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى.
    نىياز كېرىم شەرقى: خەتتات، رەسسام.
    نىياز كېرىمى: كارتوگرافىيە مۇتەخەسسىسى، يەر-جاي ناملىرى تەتقىقاتچىسى.
    نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەر: كارخانىچى.
    نۇسرەت ۋاجىدىن: كومپوزىتور، شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى.
    ئۆمەرجان ئابدۇرېھىم: باغۋەنچىلىك ئالىمى.
    ئۆمەرجان ئابلا: ماشىنىسازلىق مۇتەخەسسىسى، ئالىي ئىنزھېنېر.(ئامېرىكا)
    ئۆمەرجان ئېلى: نەپىس خىمىيە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن.
    ئۆمەرجان ھىمىت: ئالاھىدە ئىقتىدار ئىگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىز كۆرگەن ماھارەتلىرى: تاشنى ئىڭىكىگە، قولتۇقىغا قىسىپمۇ سۇندۇرۇۋېتەلەيدۇ، قولىڭىزدىكى تۈگۈنچەكنى يىراقتا تۇرۇپ يېشىۋېتەلەيدۇ، يىڭنەمىقلارنى تۇتۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق كۈچىمەيلا ئۈزىۋېتەلەيدۇ.
    ئوسمانجان ساۋۇت: شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان، «تارىم» زھۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى.
    پەرھاد جىلان: يازغۇچى، تەرجىمان، شۇئار ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، «ئالتۇن قاندا توي»، «مەھمۇد قەشقەرىي»، «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» قاتارلىق رومانلارنى يازغان.
    قەمبەرخان ئەمەت: ئۇسسۇل سەنئىتى پىشىۋاسى.
    قەيسەر ئابدۇقادىر: قانتومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى.
    قەييۇم تۇردى: يازغۇچى. «قىزىلتاغ ئېتىكىدە»، «كۈرەشچەن يىللار» قاتارلىق رومانلارنىڭ ئاپتورى.
    قۇددۇس غوجامياروف: كۆپلىگەن مۇزىكىلىق داستان (سىمفونىيە) لەرنىڭ ئىجادچىسى، مول ھوسۇللۇق كومپوزىتور (قازاقىستان).
    قۇربان بارات: شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان، نەشرىياتچى.
    رادىل ئابلا: كارخانىچى، «ئارمان» كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش درېكتورى.
    رائىلە داۋۇت: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.
    رەھىم قاسىم: شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان، زھۇرنالىست.
    رەنا قاسىم: تېببىي مۇتەخەسسىس، پروفېسسور، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.
    رىشات ئابدۇروسۇل: ماتېماتىك (كانادا)
    رىشات ئابباس: دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى (ئامېرىكىدا، ئابباس بۇرھان ئەپەندىنىڭ ئوغلى)
    روزى سايىت: شائىر.«دېھقان بولماق تەس»، «دېھقان يىغلايدۇ»، «دېھقاننى ئالدىغا سېلىۋالدى ئىش» قاتارلىق ئەسەرلىرى ھەممىگە تونۇشلۇق.
    روزىھاجى مۇھەممىدى: داڭلىق دوختۇر، يۈرەك-قانتومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    سادىر پالۋان: مانجۇ چىڭ ئىمپېرىيىسى ئىستىبداتىغا قارشى قەھرىمان.
    ساۋۇت موللادايېف: ئەدەبىياتشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى (قازاقىستان)
    سەلەي چاققان: 19-ئەسردە ئۆتكەن “نەسىردىن ئەپەندى”، خەلق قىزىقچىسى.
    شەۋكەت دۆلەتى: مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسى، ئار مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن.
    شېرىپ نىياز خۇشتار: مىللىي مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى.
    شۆھرەت مۇتەللىپوف: بىئولوگىيە ئالىمى، 1961-يىلى قازاقىستاندا تۇغۇلغان، غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە ياراتقان. (ئامېرىكا)
    سۇلايمان ئىمىن: مۇزىكا نەزەرىيىچىسى، كومپوزىتور، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى.
    تاشپولات روزى: ماتېماتىك، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېرىنى پۈتتۈرگەندىن كېئەيىن ئامېرىكىغا بېرىپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ھازىر ئامېرىكىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا.
    تاشپولات تىيىپ: سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش جۇغراپىيە ئۇچۇرلىرى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، مۇئاۋىن مۇدىرى.
    تىيىپجان ئېلىيوف: ئاتالىق شائىر، جامائەت ئەربابى.
    تۆمۈر خەلپە: دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ باشچىسى.
    تۇغلۇقجان تالىپوف: تىلشۇناس، پروفېسسور (قازاقىستان)
    تۇردى ئاخۇن: ئۇيغۇر 12 مۇقامى زامانىمىزغا يەتكۈزۈپ كەلگەن كىشى، مۇقامشۇناس.
    تۇردى ئىمىن: رەسسام، شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيىسىدىن.
    تۇرسۇنئاي ئىبراھىمجان ئۇسسۇل سەنئەتكارى، خەلقئارا ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ئار ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن..
    تۈرگۈن ئىبراھىم: كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى (ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندىنىڭ ئوغلى)
    تۇرسۇنجان لىتىپ: دىراماتۇرگ، «قېرى يىگىتنىڭ تويى»، «يول ئۈستىدە»، «مېھمان» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئەلگە تونۇلغان.
    خالمۇرات غوپۇر: تېببىي مۇتەخەسسىس، پروفېسسور، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، مەكتەپ مۇدىرى.
    خەمىت ھىمىت: جۇغراپىيەشۇناس، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، مۇئاۋىن مۇدىرى.
    خەمىت تۆمۈر: تىلشۇناس، پېداگوك، ئەدەبىي تەرجىمان، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    خېۋىر تۆمۈر: تارىخچى، يازغۇچى.«موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە»، «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە» قاتارلىق چوڭ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى.
    خۇرشىدە تۇردى: كىنو-تېلېۋىزىيە سەنئەتكارى، ھازىر شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا.
    يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق: مائارىپچى، «قۇتادغۇ بىلىك»شۇناس، پەرزەنت تەربىيىسى ۋە قۇتادغۇ بىلىك تەتقىقاتى جەھەتتىكى ئەمگەكلىرى بىلەن ئەلگە تونۇلغان.
    ياسىن ئاشۇرى: تارىخشۇناس، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن. ئىنسانىيەتكە ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي مىخ مەتبەئە ھەرپلىرىنىڭ دۇنخۇئاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇر ھەرپلىرى ئىكەنلىكىنى بدت پەن-مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى تارىخىي پاكىت ئاساسى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئاساسى بىلەن تەمىنلىگەن ئاساسلىق ئالىم.
    ياسىنجان سادىق: يازغۇچى.«جاللات خېنىم» قاتارلىق ئېسىل بەددىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى.
    زەپەر ئابلىز: دورىگەرلىك خىمىيەسى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.
    زۇنۇن قادىر: يازغۇچى، دىراماتۇرگ، “غۇنچەم”، “ماغدۇر كەتكەندە”، “چېنىقىش” قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇغانلىكى ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ.
    ئابدۇكېرىم ئابباسوف: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى.
    باۋدۇن مۇساباي: كارخانىچى.(مۇسابايوفلاردىن)
    ئەخمەت ئىمىن: نەسىرچى، نەشرىياتچى، ئەدەبىي تەرجىمان.
    ئەخمەتجان قاسىمى: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى.
    ھۈسەن مۇساباي: كارخانىچى (مۇسابايوفلاردىن)
    مىرزاھىد كەرىمى: يازغۇچى، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» قاتارلىق چوڭ ھەجىملىك رومانلىرى بار.
    مۇراد ئەخمىدى: كومپوزىتور، ناخشىچى (قازاقىستان)
    نىغمەت خوجا: ئىقتىسادشۇناس، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.
    توختى باقى ئارتىشى: تەرجىمىشۇناس، لۇشۈنشۇناس.
    خالمۇرات نەسىردىن: كەشپىياتچى.
    يالقۇنجان شەمىيېف: رېزھىسسور.(قازاقىستان)
    يۈسۈپ خاس ھاجىپ: 11-ئەسردە ئۆتكەن پەيلاسوپ شائىر.
    زوردۇن سابىر: يازغۇچى.«ئانا يۇرت»، «ئىزدىنىش»، «ئاۋرال شاماللىرى»، «ئاتا» قاتارلىق نۇرغۇن كاتتا بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ ئىجادچىسى.
    زىيا سەمەدى يازغۇچى (قازاقىستان):«مايىمخان»، «دەرتمەننىڭ زارى»، «قانلىق داغ»،«غېنى باتۇر»، «ئەسىردىن-ئەسىرگە»، «ئۆرۈك گۈللىگەن چاغدا»، «ئىلى دەرياسى بويىدا» قاتارلىق كاتتا ئەسەرلەرنى يازغان.





    评论

  • ياخشى تىمىكەن !
    回复ئەلقۇت说:
    bu hakikatanmu biliwelixka arziydu.........
    2010-10-22 00:40:18
darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68