بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年10月08日

    ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىۋىپ – غازباي - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    غازباي خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىۋىپى بولۇپ، ئۇنىڭ “غازباي ئوت-چۆپ دورىلار قامۇسى” ناملىق مەشھۇر كىتابنى يازغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بار. دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلەنگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مىلادى 1200-يىللىرى ھىندىستاندا نەشر قىلىنغان “ھەدىقەتۇل ئەقالىم” (ھەرقايسى ئەللەر تەزكىرىسى) دېگەن قامۇس خاراكتېرلىك ئەسەردە مۇنداق مەزمۇندىكى مۇھىم مەنبەلەر قەيت قىلىنغان: تېرىم (تارىم) يايلىقىدىكى غازباي قەدىمكى خوتەن رايونى دائىرىسىدىكى نۇرغۇن دورىلارنى يىغىپ ۋە ئۇنى يەكۈنلەپ 312 ماددىلىق دورا قامۇسى يازغان، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يۇنانلىق ئالىم ئەپلاتون*( 428/427 – 348/347 مىلادىدىن بۇرۇن) ئۆز شاگىرتلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن، ئۇلار مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئالتە ئاي تاغ-دەريالارنى كېزىپ غازباينى تاپقان. غازباينىڭ يۇرتىدا ھەرخىل مىۋە-چېۋىلەرنىڭ يەرگە تۆكۈلۈپ ياتقانلىقى، بىنەپشە، بەدىيان، سانا، يۇمغاقسۇت، ئوغرىتىكەن، ئاق لەيلى، لالە ئوت، ئاچچىق تاۋۇز… قاتارلىق نەچچە مىڭ خىل دورىنىڭ تارىم ۋادىسىنىڭ ھەممىلا يېرىنى قاپلىغانلىقىنى كۆرگەن. غازباينىڭ 312 ماددىلىق دورىلار كىتابىنى كۆرۈپ ئاپىرىن ئوقۇغان ھەمدە ئەپلاتوننىڭ ھەر خىل ئىلىملەر تەھسىل قىلىدىغان ئالىم ئىكەنلىكى، ئەگەر ئەپلاتون بۇ ئەسەرنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىسا، غازباي ۋە تارىم خەلقىگە ھەر جەھەتتىن زور ياردەملەر بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. غازباي كۆپ ئويلىنىشلاردىن كېيىن ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، قىممەتلىك ئەسىرىنى 40 ياشلىق ئوغلى بارىينىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، كەلگەنلەر بىلەن بىللە ئەپلاتوننىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن. ئەپلاتون بارىينى ئالىي ئېھتىرام بىلەن قارشى ئالغان، غازباينىڭ ئەسىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن كېچە-كۈندۈز ئوقۇپ چىقىپ، غازباينىڭ تېببىي ئىلىمدىكى ماھارىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا جاۋابەن ئامراق قىزى ئەنقىيالۇسنى بارىيغا نىكاھلاپ بەرگەن. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن بارىي بىلەن ئەنقىيالۇس تارىمغا قايتماقچى بولغان، ئەپلاتون غازباينىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان توھپىسىگە جاۋابەن ھازىرقى خوتەن رايونىغا قاراشلىق شەھەرلەرنى تېخىمۇ ھەيۋەت، گۈزەل قىلىپ قۇرۇشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ھۈنەرۋەنلەرنى قوشۇپ ئەۋەتكەن. بۇ ھۈنەرۋەنلەر بارىينىڭ رەھبەرلىكىدە ئەينى ۋاقىتتىكى خوتەن دىيارى خەلقى بىلەن بىللە ھازىرقى كېرىيە، خوتەن، قاراقاش، گۇما شەھەرلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن، بىنالار سالغان. يەرلىك خەلق خاتىرە ئۈچۈن كېرىيەنى سېھراپ، خوتەننى زېھراپ، قاراقاشنى فاراب، گۇمىنى داراب دەپ يۇنانچە ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان.
    غازباينىڭ ئەسىرىنى ئاز دېگەندىمۇ مىلادىدىن 350 يىل بۇرۇن يېزىلغان دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئايانكى، ئەپلاتون مىلادىيەدىن 427 يىل ئىلگىرى تۇغۇلۇپ مىلادىيەدىن 347 يىل ئىلگىرى ۋاپات بولغان دۇنياغا مەشھۇر يۇنانلىق ئالىم.

    (“ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومى گېزىتى”دىن ئېلىندى)

    بۇ ماقالىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە تەمنىلىگۈچى ناسىرھاجى مەمتىلى ئەپەندىگە كۆپ مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

    شۈبھىسىزكى، ئەينى ۋاقىتتا ئەپلاتۇن ۋە ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى غازباينىڭ دورىلار قامۇسىدىن ناھايىتى زور مەنپەئەتلەرنى ئالغان . مەزكۈر «قامۇس»نىڭ قايسى يېزىقتا يېزىلغانلىقى بىزگە ھازىرچە نامەلوم . لېكىن، يېزىقشۇناس ئالىملىرىنىڭ دەلىللىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا مۇقەددەم زامانلاردىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە جەمئىي 26خىل يېزىق قوللانغانلىقى مەلوم . ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇن 300-400يىللار ئىلگىرى كارۇشتى ۋە بىراھمى يېزىقلىرىنى قوللانغان، خوتەن ئۇيغۇرلىرى كارۇشتى يېزىقىنى ئىشلەتكەن . «شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىسىدىكى ئاقسېپىل قەدىمكى شەھەر خارابىسىدا ساقلىنىپ قالغان سېپىل تاملىرىنىڭ كېسەكلىرىدىمۇ …كارۇشتى ھەرىپلىرى تېپىلدى …ۋە خوتەن رايونىدىن مىلادى 3~4ئەسىردىن بۇرۇنقى تارشا , تېرە ۋە قەغەزگە يېزىلغان ئىجتىمائىي – مەمۇرىي ۋەسىقىلەر كۆپ تېپىلدى …», «ئاقسېپىل قەدىمكى شەھىرىدىن تېپىلغان يېزىقلار نىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىرلەرگە مەنسۈپ، كارۇشتى يېزىقى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ماددى پاكىت … ئەينى زامانلاردا خوتەن رايونىدا كۆپ ساننى ئىگىللىگەن ۋە ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان تۈركىي خەلىقلەرنىڭ كارۇشتى يېزىقىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغانلىقى »نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . شۇڭا , مەزكۈر «قامۇس»نىڭ كارۇشتى يېزىقىدا يېزىلغانلىق ئىھتىمالى چوڭ دەپ قاراشقا بولىدۇ .

    يۇقىرىقىلاردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرى 3-4-ئەسىرلەردىلا تىببىي ئىلىم جەھەتتە زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قازانغانلىقى،, يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە يەكۈنلىرىنى ئۇرخۇن – يىنسەي يېزىقى بىلەن مەنبەداش بولغان كاروشتى يېزىقى بىلەن كىتاپ قىلىپ يازغانلىقى , قەدىمكى يۇنان تىبابەت ئالىملىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە شۇلار ئارقىلىق ئەنگۈشتەر قاتارىدا پۈتۈن دۇنياغا تارقاپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىبابەت ئىلمىگە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى كۆرۈۋۈلغىلى بولىدۇ .  





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68