-
2010年08月18日
شوجاڭ بولغانغا جاق تويدۇم - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
«شوجاڭ »بولۇپ كۆرمىدىم راھەت،
دىقەتتە تۇردۇم ھەرمىنۇت سائەت.
قىلدىم ھەۋەس پۇقرا بولۇشقا،
«شوجاڭ»لىققا يات ئىكەن سۆلەتكەمتەررەك ئىشلىسەم ژىپ« شوجاڭ» دېدى،
كەسكىنرەك ئىشلىسەم ئىت «شوجاڭ »دېدى.
تەپسىلىي ئىشلىسەم پىت «شوجاڭ»دېدى،
يۇقىرى دائىملا خىت «شوجاڭ »دېدى.سىياسىينى مەرگەزلىك تۇتمىسام تېخى،
بىخەتەرلىك بىرىنجى بولمىسا تېخى.
ئوقۇتۇشنى بىر قولدا تۇتمىسام تېخى،
مالىملەرگە باش-پانا بولمىسام تېخى.خەنزۇ باشلىق كەلسىلا مەن بولدۇم گاچا،
كومپيۇتېر ئالدىدا مەن تېخى بالا.
تۆۋەنگە يا يۇقىرغا ياخشى بولالماي،
ئاتالدىم قىلغان ئىشى دائىملا چالا.
تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:روھلان بىلىملىرى
评论