بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年08月07日

    ھەممىمىز نى-نى چوڭ ئىشلارنى قىللايمىز، بىراق جۈرئەت كەم - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

        بۇرۇن بىر پدىشاھ بولغانىكەن، ئۇنىڭ ناھايتىمۇ چىرايلىق بىر قىزى بارئىكەن. پادىشاھ ياشىنىپ قالغان بولغاچقا دائىم مۇۋاپىق بىر تەخىت ۋارىسى تېپىشنى ۋە قىزىنى ياتلىق قىلىشنى ئويلايدىكەن.  بىر كۈنى پادىشاھ كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ۋەزىرىگە ئېيتىپتۇ، ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ ناھايتى ياخشى بىر ئامال تېپىپتۇ.
      ئەتىسى پادىشاھ پۈتۈن مەملىكەتكە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ قايسى بىر يىگىت ئۆزىنىڭ شەرتىنى ئورۇنلىيالىسا ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى ۋە قىزىنى ئۇنىڭ بىرىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ.  پۈتۈن مەملىكەتتىكى يىگىتلەر ئوردا ئالدىغا يىغىلىپتۇ. ئۇلار ھەممىسى تەختكە ۋە گۈزەل مەلىكىگە ئىرىشىشنى ئويلايدىكەن، بىراق قارىغۇدەك بولسا پادىشاھ، مەلىكە ۋە پادىشاھنىڭ ۋەزىرى بىر ئىگىز مۇنارنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇدەك، مۇنار بىر كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياسالغان بۇلۇپ كۆلنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن تىمساق بار ئىكەن. پادىشاھ - قېنى كىم بۇ يەرگە چىقالايدىكەن، مەن شۇنىڭغا ئورنۇمنى ۋە قىزىمنى بىرىمەن دەپتۇ.  نۇرغۇن يىگىتلەر چىقىشنى ئويلاپتۇ، بىراق يەنە قورقۇپتۇ.   ئارىدىن نەچچە سائەت ۋاقىت ئۆتۈپ كىتىپتۇ. كۆلگگ سەكرەيدىغان ئادەم چىقماپتۇ. پادىشاھ بۇنى كۆرۈپ بەكمۇ ئۈمىدسىزلىنىپتۇ.  دەل مۇشۇ چاغدا"پولتوڭ!.."قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر يىگىت كۆلگە سەكرەپ چۈشۈپ جېنىنىڭ بارىچە مۇنار تەرەپكە ئۈچۈپتۇ، گەرچە ئۇ يارلانغان بولسىمۇ، ئاخىرى مۇنارغا يامىشىپ چىقىپ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. پادىشاھ خۇشۇل بولغان ھالدا يىگىتنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ" سەن مىنىڭ تەخت ۋارىسىم بولدۇڭ، مۇبارەك بولسۇن!" دەپتۇ. يىگىت پادىشاھقا قاراپ" ياق ئالىيلىرى، سىلى مىنى مۇكاپاتلاشتىن ئاۋال  مىنىڭ كەينىمدە تۇرۇپ مىنى كۆلگە ئىتتىرىۋەتكەن ئاشۇ كىشىنى مۇكاپاتلىسىلا"دەپتۇ.
      ياپۇنىيەلىك بىر ئايال بىنانىڭ سەككىزىنچى قەۋىتىدە تۇرىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ بىنانىڭ ئاستىدا كىر يۇيۇپ تۇرسا، ئۇنىڭ 1ياشلىق بالىسى دەرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ ئاپىسىغا قاراپ قوللىرىنى سۇزۇپتۇ. ئاپىسى بۇ بالا بۇيەردىن سەكرەرمۇ؟ دەپ كۆڭلىدە قاتتىق قورقۇپ تۇرغاندا بالا قۇچاقلىرىنى كېرىگىنىچە تۆۋەنگە سەكرەپتۇ. ئاپا 300مېتىر ئارلىقتىن بالىنى تۇتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇچقاندەك يۈگىرەپتۇ. بەخىتكە يارىشا بۇ ئايال بالىسىنى تۇتىۋاپتۇ.  ئلىملار بۇ ئەھۋالدىن خەۋەرر تاپقاندىن كىيىن، ئىلمى ھىسابلاشلار ئارقىلىق بۇ ئايال 100مېتىرغا يۈگىرەشتە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان دەپ ئېلان قىپتۇ. بۇ ئايالنىڭ ئېغىرلىقى 125كىلوگرام ئىكەن.
        يۇقارقى ئىككى مىسالدىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى- تۇرمۇشتا بىر نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشنى ئويلايمىز بىراق،ئىككىلىنىش، قورقۇش، جۈرئەتسىزلىك  شۇ ئىشنى قىلىش ئىرادىمىز ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ بىزنى شۈكرى قانائەتچان قىلىپ قۇيىدۇ. ھەممىزدە ئۆزىمىزمۇ بايقىيالمىغان ئىقتىدار بار بىراق تەۋەككۈلچىلىك كەمچىل. شۇڭا ھەرقانداق ئادەم يۈرەكىلىك ھالدا ئويلىغانلىرىنى سىناپ بېقىشى كېرەك.





    评论

  • دەرسلىك ئەپەندى ، سىزنى خەتلىك ئۇلىنىشقا قىتىپ قويدۇم،مىنمۇ قىتىپ قويسىڭىز ، ئەگەر تۇغلۇق ئۇلىنىشقا قويسىڭىز خەت قالدۇرۇپ قۇيۇڭ،تۇغ ئالماشتۇرىمىز...رەھمەت
    回复ئىزتۈرك说:
    سىزنى ئۇلىنىشقا قۇشۇپ قويدۇم دوستۇم. داۋاملىق ھەمكارلىشايلى.
    2010-08-15 16:58:55
darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68