بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年08月04日

    دۇنيادىكى 1 - باينىڭ تۇرمۇشى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    كارلوس سېلىم
       مېكسىكا تېلېگراف ساھەسىدىكى ماگنات كارلوس سېلىم ئامېرىكىدىكى ‹‹بايلىق›› ژۇرنىلىنىڭ دۇنياۋى بايلار تىزىملىكىدە 1 - ئورۇنغا تىزىلدى ، ئۇنىڭ ئىلكىدىكى بايلىق 53 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن ، بىراق باشقا بايلارغا ئوخشاش ئۇنىڭ خۇسۇسىي ئايروپىلانى يوق ، داڭدار ماركىلىق ۋە قىممەت باھالىق نەرسىلەر بىلەن خوشى يوق ، كۈندىلىك تۇرمۇش چىقىمىنى ئۆزىنىڭ 24 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق مائاشىدىن چىقىرىدۇ...

       ئاددىي–ساددا تۇرمۇش

       مېكسىكىلىق مەشھۇر تەرجىمىھال يازغۇچىسى كېسلىي مادىننىسنىڭ ‹‹كىشىلەر تازا تونۇمايدىغان كارلوس سېلىم›› ناملىق ئەسىرى مۇنداق باشلانغان : بەزى ئاقسۆڭەك ، بايۋەچچە ۋە خان جەمەتى ئەزالىرىغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇكى ، كارلوس سېلىم شۇنچىلىك ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرىدۇ . ئۇ ئۆزىگە 24 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئايلىق مائاش بېكىتكەن ، چىقىمى مۇشۇ مائاشىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ . ئۇ باشقىلارغا ئوخشاش بايلىقىنى كۆز–كۆز قىلىشقا ۋە قىممەتلىك بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشقا قىزىقمايدۇ ، مەيلى قانداقلا نەرسىگە موھتاج بولسا ، ئۆزىگە قاراشلىق زەنجىرسىمان دۇكانلاردىن سېتىۋالىدۇ .

       70 ياشقا كىرىپ قالغان كارلوس بۈگۈنگە قەدەر بىر سۇلياۋ سائەتنى تاقاپ يۈرۈيدۇ ، ئۇ ئۆزىنى قىممەتلىك نەرسىلەرگە ئوراپ ياكى ئۈنچە - مەرۋايىت بىلەن زىننەتلەپ يۈرۈشنى ئەسلا خالىمايدۇ. كارلوسنىڭ خۇسۇسىي ئايروپىلانى يوقلۇقى كىشىلەرگە باشقىچە تۇيۇلۇشى مۇمكىن، بىراق ئۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرماقچى بولسا، قول ئاستىدىكى مېكسىكا تېلېفون شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى ياكى تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا ئولتۇرىدۇ . ئۇنىڭ ئولتۇرىدىغان پىكاپىمۇ ياسالغىنىغا ئون يىل بولۇپ قالاي دېگەن كونا پاسوندىكى ‹‹مېرسىدىس›› ناملىق پىكاپ ، بەزىدە ‹‹شۆفۇلەن›› ناملىق تۇرمۇش پىكاپىدىمۇ ئولتۇرىدۇ .


       دۇنيادىكى 1–باي

       مادىننىس كىتابىدا يەنە مۇنداق دەپ يازغان: سېلىمنىڭ بايلىقى ‹‹بايلىق›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان سوممىدىن خېلىلا كۆپ. كارلوس قۇرغان شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ قارىمىقىدا مېكسىكا تېلېفون شىركىتى، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە تېلېفون سودىگىرى ــــ ئامېرىكا قىتئەسى كۆچمە ئالاقە شىركىتى، تۈرلۈك ماللار پارچە سېتىش گۇرۇھى قاتارلىق شىركەتلەر بار؛ تىجارەت دائىرىسىدە يەنە مېھمانخانا، قاۋاقخانا، نېفىت قېدىرىپ تەكشۈرۈش، پۇل مۇئامىلە ۋە بىناكارلىق كەسىپلىرى بار؛ پەقەت مېكسىكىدىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئادەم 21 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ ئىلكىدە ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ سەرخىل ماللار سودا گۇرۇھى ‹‹ساكس›› شىركىتى بىلەن ‹‹نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى›› نىڭ پاي ھوقۇقى بار.

       بۇلتۇر كارلوس ‹‹نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى›› گە 250 مىليون دوللار پاي قوشۇپ، بۇ گېزىتنىڭ 2 - چوڭ پايچېكى بولۇپ قالدى، بۇ ھال ئامېرىكىدىكى ئاخباراتچىلارنىتاڭ قالدۇردى. بىراق كارلوس ئەزەلدىن بۇ گېزىتكە پىكىر - تەكلىپلەرنى بېرىپ يۈرمەيدۇ، بېلەت تاشلاش كېڭىشىگە قاتناشمايدۇ. ئۇ پەقەت قىيىنچىلىقتا قالغان بۇ گېزىتكە قوللاش يۈزىسىدىن پاي قوشقان. ئۇ قولىدىكى بۇ پاي ھوقۇقىنى سېتىۋېتىشنى خالايدۇ، بىراق ‹‹نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى›› گۇرۇھى تا ھازىرغىچە ئېسىگە كېلىپ بولالمىدى. كارلوسنىڭ سەنئەت بۇيۇملىرىنى يىغىش ھەۋىسى كۈچلۈك، ئۇنىڭ خۇسۇسىي نەرسىلىرىنى يىغىپ ساقلايدىغان مۇزېيىنى لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە ئەڭ چوڭ مۇزېي، دېگىلى بولىدۇ، بۇ يەردە ئۇ ساقلىغان فىرانسىيەنىڭ مەشھۇر ھەيكەلتىراشى ئاۋگوست رودانىڭ ئەسەرلىرى 300 دىن ئاشىدۇ.

       ئاددىي ساددىلىققا مەپتۇن باي

       مادىننىس ئاخىرىدا مۇنداق يازغان: كارلوسنىڭ تۇرمۇشى بەكلا ئاددىي - ساددا، بىراق بۇ ئاددىي - ساددىلىق شۇنچىلىك مۇۋاپىق، ئۇ ھەرگىزمۇ پىخسىقلىق مۇقامىغا يەتكەن ئەمەس. كارلوس مۇنداق دەيدۇ: ‹‹شۇنداق دېيەلەيمەنكى، مەن ھەقىقەتەن تېجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرىمەن، ئېسىل تائاملار بىلەن جىنايەتتىن پەرھىز تۇتقانمەن، ئەمما ئىنتىزامچان بولۇشنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن، ئەلۋەتتە بالىلىرىممۇ شۇنداق!››.

       كارلوس سېلىم 1940 - يىلى يانۋاردا مېكسىكا شەھىرىدىكى بىر لىۋانلىق كۆچمەننىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان، ئائىلىسى شۇ چاغدىلا باياشات ئىدى. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا پۇل تېپىشنى ئۆگەنگەن، 10 يېشىدا سودا يولىغا كىرگەن، ئۇنىڭ تۇنجى سودىسى ئۆيىدىكىلەرگە قەندەلەت ۋە ئىچىملىك سېتىش بىلەن باشلانغان، 12 يېشىدا ھاياتىدىكى تۇنجى پايچەكنى سېتىۋالغان؛ پۇل يىغىش ۋە مەبلەغ سېلىش ئۇنىڭ ئەڭ ئاددىي تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئاددىي - ساددىلىق كارلوسنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان ئىستىل، شۇنداقلا بۇ ئۇنىڭ سودا ئىمپېرىيەسىدە  ئومۇملاشقان ئادەت. ئۇ قول ئاستىدىكى ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارغا بىردىنلا كاتىپ سەپلەپ بەرگەن، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نامدىكى مەسلىھەتچىلىرى يوق.
    تېما مەنبەسى: http://abdu1986.web-14.com/YCMS_ShowNews.asp?id=50





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68