-
2010年08月01日
ئېشەكچىلىك بولالمايمىزمۇ؟!... - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
بىر كۈنى، بىر دېھقاننىڭ ئېشىكى قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپتۇ، بىچارە ئېشەك قۇدۇق ئىچىدە زارلىنىپ بىر ھازاغىچە قاتتىق ھاڭراپتۇ، ئېشىكىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىنى كۆرۈپ چىدىيالمىغان دېھقان قۇدۇق بېشىدا بىر ئۇيان - بىر بۇيان پىرقىراپ، قانداق قىلسا ئېشىكىنى قۇتقۇزۇپ تارتىپ ئېچىقالايدىغانلىقىنى بىلەلمەي تازا تىت - تىت بولۇپتۇ. ئاخىرى كەسكىن بىر قارارغا كەپتۇ: بۇ ئېشەك بەرىبىر قېرىپ كەتكەن ئىدى، نۇرغۇن كىشىنىڭ بېشىغا چىققان بۇ قۇدۇقنىڭمۇ تىندۇرۇلۇپ، تەكشىلىنىش ۋاقتى بولۇپ قالغان ئىدى . مۇنچە زورۇقۇپ ئېشەكنى قۇتقۇزۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق . خەير قۇدۇقنى ئېشەك بىلەن قوشۇپ تىندۇرىۋېتەي ...
شۇنىڭ بىلەن دېھقان مەھەللە كويلىرىنى چاقىرىپ، كەتمەن - گۈرجەكلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كېلىپ، قۇدۇققا توپا تاشلاپ توشقۇزماققا تۇتۇش قىلىشىپتۇ. بايىدىن بېرىپ ھاڭراپ توختىمىغان ئېشەكنىڭ زۇۋانىمۇ بىردىنلا ئۆچۈپ جىمىپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغان دېھقان قۇدۇق ئىچىگە بويۇنداپ قاراپ ، ئېشەكنىڭ ھالىنى كۆرمەك بوپتۇ . شۇنداق قارىسا، ھەر كەتمەن توپا چۈشكەن ھامان ئېشەك ئۆزىنى قاتتىق بىر سىلكىپ، ئۈستىكى توپىلارنى چۈشۈرۈۋېتىپ، چۈشكەن توپىلارنى دەسسەپ تازا چىڭدىغىلى تۇرغۇدەك، كۆپ ئۆتمەي ئېشەكمۇ بارا - بارا ئۆرلەپ قۇدۇق ئېغىزىغا كەپتۇ . ئاخىرىدا بىر سەكرەپ قۇدۇقتىن چىقىپ، تاقىراقشغىنىچە قېچىپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرۈشكەن دېھقانلار ياقىلىرىنى چىشلىشىپ، توۋا دەپ قېلىشىپتۇ....
رېئال تۇرمۇشتا بىزمۇ يۇقىرىقى ھېكايەتتىكى ئېشەككە ئوخشاش << قۇدۇقلارغا >> چۈشۈپ كېتىپ ، باشلىرىمىزغا << كەتمەنلەپ توپىلار >> يېغىپ تۇرىدىغان چاغلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىمىز. تۈرلۈك - تۈمەن قىيىنچىلىقلار باشلىرىمىزدا چۆرگىلەپ، ھەرخىل بېسىملار بېشىمىزغا تۈگمەن تېشىنى ئېسىپ قويىدۇ. بىز بولساق نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي تىپىرلاپ خۇدىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز، گاھىلىرىمىز ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويۇپ، << قۇدۇق >> ئىچىدە ئۆلۈپ تۈگەشمەكنى كۈتۈپ ياتىمىز. ئەجىبا، بىز شۇ ئېشەكچىلىك بولالمايمىزمۇ؟! ...
بىز مۇشۇنداق قۇدۇقلاردىن سەكرەپ چىقماقچى، قۇتۇلماقچى ، مۇۋەپپەقىيەت - زەپەرىيەت يولىغا قەدەم تاشلىماقچى بولساق ، ئامال پەقەت بىر ، يەنى بارچە قىيىنچىلىق ، مەغلۇبىيەتلەر ئالدىدا ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويماستىن ھەرقاچان بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىمىز، بارچە مۇشكۇلاتنى يەلكىمىزدىن ئىرغىتىپ تاشلاپ، تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئۇنى بۇندىن كېيىنكى ئۆرلىشىمىزنىڭ ئۇلتېشىغا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىمدۇر.
مەنبەسى:يۈكسەل بلوگى
评论