-
2010年07月17日
ئامىركىلىق ئەر ھۆسۈن تۈزۈتۈپ غەلىتە مەخلۇققا ئايلاندى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
"نيويۇرۇك كۈندىلىك خەۋەرلەر"گېزىتىنىڭ15–ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، 28ياشلىق يېشى سۇئېنخېر ئوكلاخۇما شىتاتى تارسا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق يىگىت بۇلۇپ، 14–ئىيۇل ماشىنا بىلەن ئايال خۇشنىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقتىن قولغا ئېلىنغان. شۇ كۈنى 10مىڭ ئامىركا دوللىرى كىپىللىككە قۇيۇپ بىرىش پۇلى تۈلەپ ئەركىنلىككە ئىرىشكەن.
ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار ۋەقە يۈزبەرگەن نەخ مەيدانغا يىتىپ بېرىپ، يېشىنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتكەن. ئۇ ھۆسۈن تۈزىتىش ئارقىلىق پىشانىسىگە ئىككى مۈڭگۈز، قېشىغا ئىككى تال قارا رەڭلىك يۇڭلۇق قۇرتنىڭ سۈرىتىنى، پىشانە ۋە كۆزىنىڭ يېنىغا يۇمۇلاق باشلىق بۇرام مىخ، يۈزىنىڭ يان تەرىپىگە كىسىلگەن تارتۇق، بوينىغا نۇرغۇن ھايۋانلارنىڭ سۈرىتىنى چىكىۋالغان بۇلۇپ، ئىنىقلا بىرخىل غەلىتە مەخلۇق بۇلىۋالغان. ئۇنىڭ ئايال خوشنىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يېشى بىلەن ئازراق تاكاللىشىپ قالغان بۇلۇپ، ئاچچىقى كىلىپ كەتكەن يېشى ئۇنى ماشىنا بىلەن سوقماقچى بولغان ئىكەن.
مەنبە: مىسرانىم تورى
评论
nime tilseng shuni taparsen dep, ahirette bu kishimu uz arzusigha yetkusi!