-
2010年07月14日
بۇزۇلغانwordھۆججىتىنى ئوڭشاش ئۇسۇلى - [كومپيوتېر تېخنىكىسى]
بەزىدە مىڭ بىر جاپادا يازغان wordھۆججىتىنى ئاچساق "ھۆججەت بۇزۇلغان، ئاچقىلى بولمايدۇ"دىگەن ئۇچۇر چىقىۋېلىپ ئاچقىلى بولمايدۇ. مەنمۇ بىر قانچە قېتىم مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كىلىپ قېلىپ بېشىم بەك قاتقانتى. كىيىن ماتىريال كۆرۈپ بۇنى ھەل قىلىشنىڭمۇ ئامالى بارلىقىنى بىلدىم. مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇققانلار بولسا پايدىلىنار دىگەن مەقسەتتە بۇنى يوللاپ قويدۇم.
ئالدى بىلەن wordنى قوزغۇتۇپ ھۆججەت(文件)تىزىملىكىدىكى ئېچىش(打开)بۇيرۇقىنى باسىمىز. ھۆججەت تاللاش ئورنىدىن بۇزۇلغان wordھۆججىتىنى تاللايمىز. ئاندىن تاللاش كۆزنىكىنىڭ ئاستىدىن ئېچىش(打开)كۇنۇپكىسىنىڭ يېنىدىكى ئۈچبۇلۇڭلۇق كىچىك كۇنۇپكىنى باسىمىز. كۆرنگەن تىزىملىكتىن ئېچىش ھەم ئەسلىگە قايتۇرۇش( 打开并修复)بۇيرۇقىنى تاللىساق ھۆججىتىمىز ئېچىلىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى word2003 تە قوللىنىپ ئۈنۈمىنى كۆردۈم. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
بۇندىن باشقا يەنە office file recovery، word file recovery قاتارلىق مەخسۇس ئوڭشاش يۇمشاق دىتاللىرىنى ئىشلىتىپ ئوڭشىساقمۇ بۇلىدىكەن. يۇقارقى ئىككى خىل يۇمشاق دىتالنى googleتورىدىن ئىزدەپ تاپالايسىز.
评论