بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年07月14日

    ئۆلسەممۇ بىرسىگە كۆيمەسمەن ئەمدى - [ئەدەبىيات گۈلزارى]

    چىشلىشىپ يىيىشكەنتۇق بىرتال ئالمىنى،
    شۇ چاغلار ئىسىڭدىمۇ بەخىتكە چۆمگەن.
    تېپىۋېلىپ قايسى بىر قۇش تۇخۇمىنى،
    شاخلار تىرىپ ئوت قالاپ تۇپىغا كۆمگەن.

    گۈللەر ئۈزۈپ ھارمايتتىڭ بەغقا كىرگەندە،
    ھەربىر گۈلنىڭ نامىنى ئىنىق بىلەتتىڭ.
    شوخ ناخشا ياڭرىغاندا تۇتۇپ قۇلۇمنى،
    "ئايرىلمى مىنىڭدىن"دەپ يېقىن كىلەتتىڭ.

    تىڭشايتتىم گېپىڭنى زوق،ئىشتىياق بىلەن،
    كۆزلىرىڭ، لەۋلىرىڭ سۆزلەيتتى كۈلۈپ.
    خۇش ھىدىڭ تەككەندە دىماغلىرىمغا،
    بەخىتتىن مەس بۇلۇپ قالاتتىم ئۈلۈپ.

    ھاياتتا ئىككىمىزلا خۇشال ئىدۇق،
    بۇ كۈنلەر مەڭگۈلۈك چۇقۇم، دەپتىمەن.
    كۆڭلۈمنى يۈرۈگۈمنى ساڭىلا بىرىپ،
    جېنىم دەپ بىر ئۆمۈر سۈيۈپ كەپتىمەن.

    تاشلاپ كەتتىڭ مىنى شۇ ئالما تۈۋىدە،
    ھەر ئالما دەسسەلگندەك قالدى بىلىنىپ.
    يىغلىدىم ئۈن سېلىپ كۈزۈمدە لىق ياش،
    جان گۈلۈم خۇش بۇلاي دىدىم يىلىنىپ.

    ئەقىدەم شۇنچىلىك بار ئىدى ساڭا،
    سۆيگەنتىم جېنىم دەپ يۈرەكتىن سىنى.
    نە بىلەي يۈرۈگۈڭ بەك قارا ئىكەن،
    ئەلەملىك ھەسرەتتە قالدۇردۇڭ مىنى.

    قىيمايمەن جان گۈلۈم، راستىنى دىسەم،
    ماڭىمۇ مۇھەببەت سۆيگۈ لازىمتى!
    ئويلىسام سەن بىلەن يۈرگەن چاغلاردا،
    بەخىتلىك ئىكەنمەن، قۇشمۇ يارىمتى.

    بىر ئۆمۈر كۆيگىنىمگە پۇشايمىنىم يوق،
    ئەينى چاغ سۆيگۈدىن ياشنىغان دىلىم.
    مۇھەببەت، ئۇ ماڭا ئاچقانتى قۇچاق،
    ۋىسالنىڭ كەينىدىن سايرىغان تىلىم.

    شۇ خۇشال كۈنلىرىم كەتتى يوق بولدى،
    ھەممىنى ئەپ كەتتىڭ، تاشلاپ يىغىغا.
    شەپقەتسىز ئىكەنسەن ئەپسۇسلانمىدىڭ،
    قاراپمۇ قويمىدىڭ سۆيگۈ بېغىغا.

    قەدرىمنى بىلمىدىڭ، ئازدىڭ ئۇنىڭغا،
    بىلەمسەن ئۇنىڭدا سەمىمىيەت يوق.
    قەلبىمنى ھەسرەتتە پۇچىلاي دەمسە؟
    ۋىجدانسىز ئىكەنسەن بولدى گېپىم يوق.

    ئايلاندى مۇھەببەت ئاچچىق نەپرەتكە،
    تىزلىنىپ كەلسەڭمۇ سۆيمەسمەن ئەمدى.
    مۇھەببەت مۇشۇنداق بولسا ناۋادا،
    ئۆلسەممۇ بىرسىگە كۆيمەسمەن ئەمدى.

      خىزمەتدېشىمىز، ئەڭ يېقىن دوستىمىز   جاپپار ئابدۇللا بەگيار يازغان
    (2007–يىلى7–ئاينىڭ20–كۈنى)

     





    评论

  • شۇنچە ئەجىر بىلەن يېزىلىپتۇ .قۇلىغا دەرت بەرمىگەي!!
    回复taptap说:
    كۆپ رەھمەت، بۇ شىئېرنى يازغان دوستىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەممىسى شۇنداق تالانتلىق كىشىلەر. بۇ تېخى ئادەتتىكى شىئېرى، دوستۇمنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كىيىن نۇرغۇن ئىسىل ئەسەرلەرنى داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن.
    2010-07-22 18:45:39
darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68