بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年07月13日

    بلوگدىكى خوشنىدارچىلىق توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم - [شەخسى يازمىلىرىم]

     مەن بۈگۈن بلوگ ئارىلاۋېتىپ ئىقبال بلوگىدىن "ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى توغرىسىدا" دىگەن يازمىسىنى تەپسىلىي ئوقۇدۇم، ھەمدە  ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدىكى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى جەمىيەتتە كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدىلا ئەمەس كەڭ بلوگگىر دوستلار ئارىسىدىمۇ جارى قىلدۇرغىلى بولماسمۇ؟ دىگەن ئوي تۇيۇقسىز كاللامغا كىلىپ قالدى.
       ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخقا، گۈزەل ئەخلاققا، ئىلغار مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختا شانلىق مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى قالدۇرغان ھەمدە مۇكەممەل ئائىلە مۇناسىۋىتى ۋە ياخشى خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل ئىجتىمائىيىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كۈزىتىدىغان بولساق، مىللىتىمىزنىڭ دۇنيادا بىرى - بىرىگە ئەڭ مېھرىبان، ئەڭ كۆيۈملۈك، ئەڭ ۋاپادار، ئەڭ ئىجىل-ئىناق مىللەت ئىكەنلىگىنى، قىرىنداشلىق، ئۇرۇق - تۇققانچىلىق، خوشنىدارچىلىقنىڭ بىزدە ھەقىقى قىممىتى ۋە مەنىسى بىلەن ئىپادىلەنگەنلىگىنى چوڭقۇر ھىس قىلالايمىز. ئۇيغۇرلار مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەندىن بىرى، ھازىرغىچە نۇرغۇن شانلىق تارىخى باسقۇچلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەيلى جاھالەتلىك يىللاردا بولسۇن ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى.
      ئۇيغۇرچە بلوگلارنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن ئىسمىنى بىلىشمەيدىغان، چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان  بلوگخۇمار دوستلار ئۆزئارا تۇنۇشتى، بلوگ ئارقىلىق ئۆزئارا تەجىربە ئالماشتۇردى. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرچە بلوگلار مەيدانغا كىلىپ ئېنتېرنېت دۇنىياسىنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتتى. بۇ كىشىنى ناھايتى خۇشال قىلىدۇ.
      مەن ئادەتتە خىزمەتتىن چۈشۈپ بىكار بولسام خوشنىلىرىمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇلار بىلەن سىردىشىپ قايتىپ چىقاتتىم، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلايتتىم، ئۇلارغا يول كۆرسىتەتتىم، ئۇلارمۇ ماڭا يول كۆرسىتەتتى. ئۆيۈمگە قايتىپ چىققاندىن كىيىن روھىم كۆتۈرلۈپ قالغاندەك ھىس قىلاتتىم.
    مەن بلوگ بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە بلوگىمنىڭ باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرسەملا ئالدى بىلەن دىققەت قىلىدىغىنىم بلوگ خوشنىلىرىمنىڭ يوللىغان يىڭى يازمىلىرى بۇلۇپ قالدى.
      ئادەتتە بىز بىر بىنادا ئولتۇرىدىغان، ئۆيلىرى ئۆز ئارا يېقىن بولغانلارنى قوشنا دەيمىز. ئەمدى بلوگقا نىسبەتەن ئېيتقاندا بارلىق بلوگگىر دوستلار ئۆز ئارا قوشنا دىسەك ھەرگىز خاتالاشقان بولمايمىز.
      بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى خوشنىدارچىلىق سەنئىتىنى بلوگلار ئارا قانداق جارى قىلدۇرساق بۇلار؟ بۇ مەسىلە بىز بلوگگىر دوستلارنىڭ ئويلۇشۇپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ. 





    评论

  • پىكىرىڭىز تامامەن ئورۇنلۇق. مىنىڭچە بلوگلەر كەسىپلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلسا، بۇنى تىخىمۇ ئوبدان ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىشى مۈمكىن.
    回复paynap说:
    توغرا دەيسىز، بلوگگېر دوستلار كۈندىن–كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ، سىز دىگەندەك بلوگلار كەسىپلەشكەن بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى.
    2010-07-22 18:51:09
darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68