بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年07月11日

    ياخشى كۈتۈنۈپ بەدەن ساغلاملاشتۇرۇشنىڭ 15خىل ئۇسۇلى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    1– باشنى دائىم تاراپ تۇرۇش
    ياغاچ تاغاق ياكى بارمىقى بىلەن پىشانىدىدىن گەجگىگىچە، ئىككى چىكىدىن چۇققىغىچە قايتا–قايتا ئاۋال يەڭگىل ئاندىن قاتتىق كۈچەپ باشنىڭ تىرىسى قىزىغىچە تارىسا ئەڭ ياخشى بۇلىدۇ. بۇخىل ئۇسۇل مىڭىنى سەگەكلەشتۈرۈپ، ئەقلىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بۇلۇپ، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، چاچ ئاقىرىش، چاچ چۈشۈش، يۇقىرى قان بېسىم، ئارتىيە قېتىشىش قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
    2– كۆزنى دائىم ھەركەتلەندۈرۈپ تۇرۇش
    يىراققا قاراپ ئىككى كۆزىنى ئوڭدىن–سولغا 16قېتىم ئايلاندۇرۇپ، كۆزنى بىردەم يۇمغاندىن كېيىن يوغان ئېچىپ، يۇقىرى تۆۋەنگە 16 قېتىم ھەركەتلەندۈرۈش لازىم.   بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن كۆرۈش نىرۋىسى ئەينەكسىمان تەنچىنىڭ دۇغلىشىشىنى، يىراقنى كۆرەلمەسلىك قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
    3– چىشنى دائىم چىكىپ تۇرۇش
    ئۇخلاشتىن ئاۋال ئېغىزنى سەل يۇمۇپ، ئاستى–ئۈستى چىشلىرىنى ئاستا بىر–بىرىگە تەككۈزۈپ ئۆز ئارا سۈركەش ئارقىلىق چىش مىلىكىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلىغىلى بۇلىدۇ.
    4– يۈزىنى دائىم ئۇۋلاپ تۇرۇش
    ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئالقان بىلەن پىشانىدىن بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىنى بويلاپ ئىڭەككىچە ئاندىن مەڭزىدىن ئىككى چىكىسىگىچە  36 قېتىم ئۇۋلاش لازىم. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن يۈز تىرىسىنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ھۆسۈن تۈزەش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلىدۇ.
    5– قۇلاقنى دائىم ئۇۋلاپ تۇرۇش
    قۇلاق سۇپۇرىسىنى دائىم ئۇۋلاپ بەرسە قۇلاق كۆز كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
    6– بۇيۇننى دائىم ھەركەتلەندۈرۈپ تۇرۇش
    بۇنىڭدا بۇيۇننى ئوڭ تەرەپ ۋە سول تەرەپكە ئايلاندۇرۇش، باشنى ئالدى تەرەپ ۋە كەينى تەرەپكە، ئوڭ تەرەپ ۋە سول تەرەپكە ئايرىم–ئايرىم ھالدا 10 قېتىم ھەركەتلەندۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بۇيۇن ئۇمۇرتقىسى يەلدىن ئاغرىش، نىرۋا خارەكتىرلىك باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
    7– قولنى دائىم ھەركەتلەندۈرۈش
    ئىككى قولنى ئالدى كەينىگە 36 قېتىم پۇلاڭلىتىش، ئىككى مۈرىنى چىقىرىش ھەركىتىنى قىلىش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بۇيۇن ياللۇغى ،مۈرە ياللۇغى، بۇيۇن ئۇمۇرتقا كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
    8– كۆكرەكنى دائىم ئۇرۇپ تۇرۇش
    سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن ئولتۇرۇپ ياكى ئۈرە تۇرۇپ كۆكرەكنى تىك تۇتۇپ ئىككى مۇشتى بىلەن كۆكرەكنىڭ ئالدى تەرىپىگە بوش ئۇرۇش، نەپەس چىقارغاندا سەل چىڭراق ئۇرۇش، ھەرقېتىمدا بەش مىنۇت داۋاملاشتۇرۇش لازىم. بۇخىل ئۇسۇل بىلەن كۆكرەكتىكى تۇرۇپ قالغان قاننى راۋانلاشتۇرۇپ، يۈرەك ئۆپكىنى ساغلاملاشتۇرۇپ تاجىسىمان ئارتىرىيە كانايچىلىرىنىڭ راۋان بۇلىشىغا، كۆكرەك مۇسكۇلىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بىرىپ، تاجىسىمان ئارتىرىيە قېتىشىش، يۈرەك مۇسكۇل سۇزۇلما خارەكتىرلىك كانايچە ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
    9– قۇرساقنى كۆپ ئۇۋلاپ بىرىش
    بۇ خىل ئۇسۇل ئاشقازان ئۈچەي يۇلىنىڭ لۆمىلدەش ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تىرە ئاستى ياغلىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقان بۇلىشى، سىمىزلىك قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
    10– بەلنى كۆپ چەركەتلەندۈرۈش
    بۇخىل ئۇسۇل بىلەن بەل مۇسكۇلىنىڭ زەخمىلىنىشى ،بەل ئاغرىقى، ئەرلەردىكى جىنىسى ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
    11– ئۇرۇقدان خالتىسىنى تارتىپ بىرىش
    ئۆرە تۇرغاندا ياكى ياتقاندا باش بارماق بىلەن ئۇرۇقدان خالتىسىنى بوشراق تارتىش، ئىككى تەرەپتىكى ئۇرۇقداننى يىنىك ئۇۋلاش لازىم. بۇ خىل ئۇسۇل جىنسى بەزلەرنى غىدىقلاپ جىنسى ئىقتىدارنى ياخشىلاش ئۆمۈرنى ئۇزارتىش رۇلىنى ئوينايدۇ. ئۇرۇقدان ياللۇغى، مەزى بېزى كىسەللىكلىرى، ئېھتىلام بۇلۇش قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
    12– سۇڭىنى ھەركەتلەندۈرۈپ تۇرۇش ۋە ئۇۋلاپ تۇرۇش
    بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن يەرلىك ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ مەقئەت بوۋاسىر، قەۋزىيەت كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
    13– تىزىنى كۆپ ھەركەتلەندۈرۈش
    تىزىنى سەل ئىگىپ ئوڭ ۋە سولغا 16قېتىم ھەركەتلەندۈرۈش لازىم. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن تىز بۇغۇملىرىنىڭ ياللۇغىلىنىشى، سۈڭەك ماددىسى ئۈسۈش قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
    14– ئالقاننى كۆپ ئۇۋلاپ بىرىش
    ئىككى قول ئالقاننى ئۆز ئارا ئۇۋلاپ بىرىش. بۇنى 16 قېتىم تەكرارلاش لازىم. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن مۇسكۇلنى چىڭىتىش، ھەزىم قىلىش ۋە نىرۋا سېستىمىسى كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ.
    15– پەللىنى كۆپ ئۇۋلاش
    باش قىسىمدىكى بەيخۇي، كۆكرەك قىسمىدىكى پەنجۇڭ، قۇرساق قىسمىدىكى گوۋئەنۋەن قاتارلىق پەللىلەرنى ئۇۋلاپ بەرگەندە نىرۋىلارنى غىدىقلاپ قاننى راۋانلاشتۇرغىلى، ھۈجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى كىچىكتۈرگىلى، ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بۇلىدۇ.

    ساغلاملىق ھەققىدە ساۋات ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.





    评论

  • بارخان بلوگى قايتا قۇرۇلدى،ئۇلىنىش قىلىپ قويىشىڭىزنى سورايمەن.
    回复بارخان说:
    ئىشلىرىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك بولغاي دوستۇم. ئۇلىنىش قىلىۋەتتىم ئەمىسە. '
    خالىسىڭىز مىنىڭ بلوگىمنىمۇ .................
    2010-07-12 22:38:07
darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68