بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年07月05日

    دەرسلىكلەر بلوگى ئىسمى جىسمىغا لايىق بولماقچى - [شەخسى يازمىلىرىم]

     يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى ھەم بلوگىمنىڭ ئۇسلوبىنى ئالماشتۇرىمەن دەپ بلوگقا يازما يوللاشقا ۋاقىت چىقماي قالدى. مانا بۈگۈن ئاخىرى شاتلىق بلوگى تەمىنلىگەن ئۇسلوبنى ئۇڭۇشلۇق ھالدا بلوگىمغا ئورنۇتۇپ بولدۇم، راستىنى ئېيتقاندا بۇ ئۇسلوبنى ئورنۇتۇپ بولغاندىن كىيىن كۆڭلۈم خاتىرجەم بولغاندەك بولدى، شاتلىق بلوگىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.. كەڭ بلوگگېر دوستلارنىڭ بلوگىمغا قارىتا قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلەرنى بىرىشنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي:
      مەن بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، خىزمەتكە قاتناشقىلى 5يىل بولدى.يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇدا رايۇن ئىچى تۇلۇقسىز سىنىپىغا ئىمتاھان بىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ كىلىۋاتىمەن، ئۈچ يىلدا يىگىرمىگە يېقىن ئوقۇغۇچى رايۇن ئىچى تۇلۇقسىز سىنىپىغا ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.
     دەرسلىكلەر بلوگى ھەققىدە:
       بلوگىمنىڭ نامى ‹دەرسلىكلەر ئونۋېرسال بلوگى› ،بۇ بىر مەزگىل ئىچىدە ‹بلوگىمىزدا باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىگە ئائىت مەزمۇنلار ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ›دەپ شۇئارلارنى توۋلىدۇق،لىكىن نۇرغۇن دوستلار ئۆزى ئىھتىياجلىق ماتىرياللارنى ئىزدەش مەقسىتىدە بلوگىمىزغا كىرىپ ھېچنىمە تاپالماي، مىنى تىللىغۇدەك بۇلۇپ چىقىپ كەتكەن بۇلىشى مۇمكىن.  بلوگ قۇرۇلغاندىن بۇيان نۇرغۇن سەۋبلەر تۈپەيلىدىن ئىسمى—جىسمىغا لايىق بۇلالماي قالدى. مەن شۇنى دەپ ئۆتمەكچىمەنكى بۇندىن كىيىن بلوگىمغا مۇشۇ ئۈچ يىل جەريانىدىكى ئوقۇتۇش تەجىربىلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىمەن.ۋە ئۈچ يىل جەريانىدا توپلىغان  قىممەتلىك ماتىرياللىرىمنى داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن. دوستلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر بىلوگىمغا كىرىپ سىز ئىھتىياجلىق ماتىريالغا ئىرىشەلمىسىڭىز سۆز قالدۇرۇش ئورنىغا سۆز قالدۇرۇپ قويسىڭىز سىزگە چۇقۇم ياردەم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمەن.
    بلوگ ئۇستىلىرىغا:
      ‹دۇنيا قارا›‹تارىم›‹شاتلىق بلوگى›....................قاتارلىق نۇرغۇن بلوگ باشقۇرغۇچىلىرى داۋاملىق تۈردە، بلوگ ئۈستىدە ئىزدىنىپ نۇرغۇن بلوگگېرلارنى يىتىشتۈردى، سىلەرنىڭ توختىماي ئىزدىنىدىغان روھىڭلارغا كۆپ ئاپرىن. سىلەرگە چىن دىلىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68