بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年06月27日

    قىرغىزستان كوسوۋۇغا ئايلاندى - [خەۋەرلەر]

    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە جالالئاباد شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 117 كە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 1500 گە يەتتى. 100 مىڭغا يېقىن ئۆزبېك پۇقرالىرى ئۆزبېكىستان چىگىرىسىغا كېلىپ، ئۆزبېكىستانغا كىرىپ پاناھلىنىشنى ئىستىمەكتە ئىكەن. توقۇنۇشقۇچىلارنىڭ قوللىرىدا قورال بار بولۇپ، قىرغىزستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بۇ رايوننى تېزگىنلەشكە چارىسىز قالماقتا. قىرغىزستان ھۆكۈمىتى روسىيە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن ئەسكەرىي قۇۋۋەت سورىدى. روسىيە قىرزغىستانغا ئەسكەر ئېۋەرتىشكە پەيلى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن قىرغىزستاندىكى روسىيە مەنپەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن 150 روس پاراشوتچى ئەسكەر قىرغىزغا يېتىپ كەلگەن. ئەڭ يېڭى خەۋەرگە كۆرە، قىرغىزستان ھۆكۈمىتى بۈگۈن يەنە ئامېرىكىدىن ئەسكىرىي ياردەم تەلەپ قىلغان. سابىق ھاكىمىيەتنىڭ قىرغىز تەرەپدارلىرىنىڭ، يېڭى ھاكىمىيەتنى قوللىغان ئاز سانلىق ئۆزبېكلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا، مۇداپىئە مىنىستىرلىكى زاپاس ئەسكەرلەرنى ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشقا چاقىردى.
    يىرىق قالپاقلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بادام دوپپلىق قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا يانغان بۇ ئوتقا تىل مەسىلىسى تۈرتكە بولغان بولۇپ، ئۆزبېك ۋەكىللىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، قىرزغىستاندا 1 مىليۇنغا يېقىن ئۆزبېك بولۇپ تۇرسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۆزبېك تىلىدىكى تېلۋىزىيە قاناللىرىنى تاقىۋەتكەن. ئومۇمىي خەلقنىڭ %14 نى تەشكىل ئەتكۈچى ئۆزبېكلەرنىڭ تىلى ھەققىدە دۆلەت قانۇنىدا ھېچنىمە پۈتۈلمىگەن. ھەممىگە مەشھۇر ئوش رايونىدا ئۆزبېكلەرنىڭ سانى قىرزغىزلارنىڭ سانىدىن ئارتۇق. شىنخۇا تورىنىڭ بەرگەن خەۋرىدە، بۇ قېتىملىق قىرغىز ئۆزبېك توقۇنۇشىنىڭ ئوت پىلتىسى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كەچتە ئوش شەھرىدىكى بىر قىمارخانىدا قىرغىز ۋە ئۆزبېك ياشلىرىنىڭ ئوپچە مۇشتىلىشىشى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
    بۇ توقۇنۇشقا ئۆزبېكستان ئەلباشى ئۆز نارازىلىقىنى بلدۈرگەن. ھازىر كۆپچىلىك 1990 - يىلى يۈز بەرگەن ئوش ۋەقەسىنىڭ قايتا تەكرار بولۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
    بەزى قىرغىز سىياسەتشۇناسلار مۇنداق بىلدۈرۈشمەكتە. قىرزغىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۆزبېك كۆچمەنلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى قوللانمىغان بولۇپ، ھازىر يۇقىرىقى رايونلاردا كۆچمەن ئۆزبېكلەرنىڭ سانى يەرلىك قىرزغىزلارنىڭ سانىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. ئەمدى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش قىيىن.
    يەرلىك بىر مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزستان ئىككىنچى كوسۇۋغا ئايلانغىلى تۇرغان بولۇپ، ئاقىۋىتى نامەلۇم.
    كوسۇۋۇ توقۇنۇشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن يەنە بىر مۇخبىرمۇ : مەلۇم جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قىرزغىستان ھەقىقەتەن كوسۇۋۇغا ئايلىنىپ قالدى، دېمەكتە.





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68