-
2010年06月22日
ئاۋاتلىشىۋاتقان ئويۇنچۇقخانا (تورخانا) ۋە چۆلدەرەۋاتقان كىتاپخانا - [نادىر ئەسەرلەر]
ئاۋاتلىشىۋاتقان ئويۇنچۇقخانا (تورخانا) ۋە چۆلدەرەۋاتقان كىتاپخانا
ئاپتۇر ؛ ئۆزھال
مۇقەددىمە؛ كۆز يۇمغۇسىز رېئاللىق
ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئىلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانا(تورخانا) ھازىر كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ ،شەھەر – ناھىيىلەردىن تارتىپ ،ئايىغى تەگمىگەن يېزا-بازار، مەھەللە قالمىدى. بۇنىڭ بىلەن كىشلىرىمىزدە تورخانا-ئويۇنچۇقخانىلارغا ‹‹يۈرۈش قىلىش›› يېڭى دولقۇنى قوزغالدى. بۇنىڭ بىلەن ئېلىم مەرىپەتنىڭ بۈشۈكى ھېسابلانغان كىتاپخانىلارغا كىرىدىغان ئادەملەر بارغانسېرى ئازلاپ،چۆلدەرەشكە يۈزلەنسە، ئەكسىچە دوقمۇش- دوقمۇشلاردىكى ئېلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانا-تورخانىلارغا ئادەم پاتمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.
1- سۈرەت ؛ ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئويۇنچۇقخانا (تورخانا)
قارىسىڭىز قاينام تاشقىنلىق مەنزىرە؛ ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى قۇرۇق ئويۇن ئويناش ،QQدا قۇرۇق گەپ سېتىش(ھازىرغۇ QQئوچۇق ئەمەس) ،1پۇڭلۇق قىممىتى يوق بىھۇدە بەس-مۇنازىرىلەر،… … …ۋاھاكازالار. قارىسىڭىز مىڭ بىر جاپادا تاپقان پۇللىرىنى بىھۇدە بۇزۇپ-چېچىپ تۈگىتىپ،چىرايلىرىنى سارغايتىپ يۈرۈۋاتقان كىشلىرىمىزنى،جۈملىدىن ياشلار، ھەتتا ياشانغانلارنىمۇ كۆرىسىز. سىز يەنە سەل دىققەت قىلسىڭىز، ئويۇنچۇقخانا – تورخانىلارغا پۇل تاپالماي ئۇغۇرلۇق،بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتقانلارنى، ئالغان قەرزلەرنى قايتۇرالماي باشقىلاردىن تاياق يەۋاتقانلارنى، ھەتتا نەسىھەت قىلسا ئاڭلىماي ،خوتۇن-بالا،ئاتا-ئانىلىرىنى تىللاپ ئۇرۇۋاتقان،قېيىداپ ئۆيىدىن يامانلاپ چىقىپ كېتىۋاتقانلارنى كۆرىسىز… … … … … … … … … … … … … …
2 -سۈرەت؛ جىمجىتلىققا چۆككەن كىتاپخانا
قارىسىڭىز كىشىنى ئېچىندۇرغۇدەك بىر ھالەت؛ كىتاپخانا ئىچىگە قارىسىڭىز، شۇنچە چوڭ، ئازادە كىتاپخانىدا كىتاپ ساتقۇچىنى قوشقاندا ئاران4-5 ئادەم، تولىمۇ جىمجىتچىلىق.قارىسىڭىز ئىلىم-مەرىپەتنىڭ بۈشۈكى ھېساپلانغان كىتاپخانىلار چۆلدەرەپ قالغان، يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز نى-نى ئېسىل، بىباھا كىتاپلارنى ئۇقۇيدىغان ئادەم يوق توپا بېسىپ ، كىم ئۇقاركىن دەپ بوينىنى قىسىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز… … … … … … …
(بىزنىڭ خىلى كۆپ ئادەملىرىمىز مۇشۇ ھەپتىدە قايسى VCD پىلاستىنكىسىنىڭ يېڭىدىن چىقىپ بازار تېپىۋاتقانلىقىنى،پالانى چولپاننىڭ يۇرتىنىڭ قەيەردىلىكىنى… … … دەپ بېرەلەيدۇكى، ھەرگىزمۇ مۇشۇ ئايدا قايسى كىتاپنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلىنىپ،كىتاپخانىغا تىزىلغانلىقىنى دەپ بېرەلمەيدۇ!)… … … … … … … … … … … … … … … … …
ئەجداتلىرىمىز كىتاپخۇمار، ئېلىمخۇمار خەلق
ھەممىمىزگە مەلۇم، خەلقىمىز ئىلىمخۇمار ، كىتاپخۇمار ،تىرىشچان خەلىق . جاھانغا مەشھۇر ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› ، ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› قاتارلىق ئالەمشۇمۇل ئەسەرلەرنى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز يېزىپ قالدۇرغان. تارىختا ئۆچمەس شان-شۆھرەتلەرنى قالدۇرغان ئىجتىھاتلىق ، پەم – پاراسەتلىك ،ئىشچان ئاتا – بوۋىلىرىمىز بىزگە ئەزەلدىن ئىلىم – مەرىپەت ، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى ، ھورۇنلۇق ،قاششاقلىق ، ئىسراپخورلۇق،مەيخورلۇق ،بۇزۇقچىلىقتىن نېرى قېچىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ .ئۇلار بىزگە نۇرغۇن ئېسېل ھېكمەت دۇردانىلىرىنى قالدۇرغان ؛ مەسلەن ،‹ياشلىقتا ئۆگەنگەن بىلىم تاشقا مۆھۈر باسقاندەك مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ›،‹ھاراق بىلەن دوسىتلاشقىنىڭ، ئەقىل بىلەن خوشلاشقىنىڭ›، ‹جاھاندا بىلىمدىن قىممەتلىك بايلىق يوق ›،‹بىر كىتاپ ئوقۇساڭ بىر سەر ئەقلىڭ قوشۇلار›…دېگەندەك .
مەن ھازىر خەلقىمىزنى كىتاپ ئوقۇمايدۇ دېمەكچى ئەمەس ، خەلقىمىز كىتاپ ئوقۇيدۇ ، ئوقۇيدىغانلار بار. بىراق، ھازىر ھەقىقەتەن خىلى كۆپ قىسىم كىشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاشۇ ئويۇنچۇقخانا(تورخانا) ،،قاۋاقخانىلاردا بىھۇدە ، مەس-ئەلەس ئۆتكۈزمەكتە ، مىڭبىر جاپالاردا قىينىلىپ تاپقان ، بىر كىتاپ ئېلىپ ئوقۇشقا كۆزى قىيمايدىغان پۇللىرىنى بىھۇدە بۇزۇپ چاچماقتا …مۇشۇنداق كۆز يۇمغۇسىز بىر ھەقىقەت ئازراقلا ۋىجدانى بار ھەر بىر ئەقىل ئېگىسىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە؟!!!… … … …
خاتىمە ئورنىدا؛ ئويلىنىش ئىچىدە يېزىلغان قۇرلار
ئويلاپ قالىمەن؛ ئاشۇلارنىڭ ئۆيىدە قىلىدىغان ئىشى يوقمىدۇ؟ ياكى پۇلى شۇنچە ‹‹ئېشىپ-تېشىپ›› تۇرامدىغاندۇ؟…… مۇشۇلار بېھۇدە ئىسراپ قىلىۋاتقان ئاشۇ قىممەتلىك ۋاقتى، پۇللىرىدىن ئازراق سەرىپ قىلىپ ،كىتاپخانىلارغا كىرىىپ قويسا، بىرەر كىتاپ سېتىۋېلىپ ئوقۇپ قويسا ئوشۇق كېتەمدىغاندۇ دەيمەن؟! ھېچبولمىغاندا ئۆزىنى ئويلىمىسىمۇ ،پەرزەنىتلىرىنىمۇ بولسا ئويلاپ قويسىچۇ كاشكى؟!… … … …
دوسىتلار ،ئۇنداق قىلمايلى، غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋەرمەيلى، قىممەتلىك ۋاقتىمىز ۋە پۇل – بايلىقىمىزنى ئۇرۇنسىز ئىشلارغا سەرىپ قىلمايلى .بىكار بولساق ،ئۆزىمىز ، مۇمكىن بۇلسا باللىرىمىزنىڭ قولىدىن يىتىلەپ كىتاپخانىلارنى ئارىلاپ قويايلى .ئېسىل ، تەۋەررۈك ، دۇردانە كىتاپلىرىمىزنى توپا بېسىپ قالمىسۇن . كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋىيىتى قۇرۇق ، قەلبى جاھالەت تۇمانلىرى ئىچىدە قالمىسۇن !
2010 – يىل مارت.
مەنبە ؛ ئىجادىيەت