بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年06月22日

    بىزگە كىتاپ مۇھىممۇ ياكى ھاراقمۇ؟! - [نادىر ئەسەرلەر]

    بىزگە كىتاپ مۇھىممۇ ياكى ھاراقمۇ؟! 

    ئاپتورى ؛ ئۆزھال

    مەن كىتاپقا تولىمۇ ئامراق، شۇڭلاشقا بىكار بولساملا كىتاپخانىلارنى ئارىلاپ تۇرىمەن. يېقىندا كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە يېڭى نەشىردىن چىققان مەلۇم بىر كىتاپنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ناھىيە مەركىزىدىكى xxx كىتاپخانىسىغا كىرىپ قالدىم. شۇنچە چوڭ،ئازادە كىتاپخانىدا كىتاپ ساتقۇچىنى قوشقاندا ئاران 5 ئادەم باربولۇپ، تولىمۇ جىمجىت ئىدى. يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز نى ئېسىل ، بىباھا كىتاپلار ئۇقۇيدىغان ئادەم يوق بوينىنى قىسىپ تۇرۇپتۇ ، ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى،ئىختىيارسىز ئەگەر پۇلۇم جىق بولغان بولسا ھەممىنى ئۆزەم سېتىۋالاركەنمەن دەپ كەتتىم. شۇ ھامان كۆز ئالدىمغا قايسى كۈندىكى بىر ئىش كەلدى؛

    ئۇ كۈنى بىر ئاغىنەم بىلەن جىددى كۆرۈشمەكچى بولۇپ تېلىفۇن قىلسام تېلىفۇن ئۇلانمىدى. سۈرۈشتۈرسەم مەلۇم قاۋاقخانىدا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاۋاقخانىغا بېرىشقا توغرا كەلدى، ئىشىك ئالدىغا كەلسەم بۇسۇغا تۈۋىدىلا بىرسى ئاغزىغا قولىنى تىقىپ ياندۇرغىلى تۇرۇپتۇ،قۇلۇم بىلەن بۇرنۇمنى تۇتۇپ ئىچىگە كىرىپ ھەيران قالدىم ، تېخى كۈندۈز بولۇشىغا قارىماي شۇنچە كۆپ ئايرىمخانىلار ئادەم بىلەن لىق تۇشۇپتۇ، قىلىدىغان ئىشى يوقمىدۇ بۇلارنىڭ دەپ ئويلاپ قالدىم . قۇلاقنى يارغۇدەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ،ئاچچىق تاماكا ئىسلىرى بىلەن قاڭسىق ھاراق بۇسى ئارلاشقان بىر بەتبۇي پۇراق كىشىنىڭ دىمىغىنى ئېچىشتۇراتتى. تېخى بىر ئايرىمخانىدىن دۇتتار،تەمبۇرغا تەڭكەش قىلىپ، ئاھاڭىنى بۇزۇپ ئالا-تاغىل ئۆچكىدەك مەرىشىپ ئېيتىۋاتقان ‹‹دىككا-دىككاڭ زورىخان››دېگەن ناخشا ئاڭلىنىۋاتاتتى. ھېلىقى ئاغىنەم بىلەن كۆرۈشۈپ،ئىشىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن،سورۇندا ئولتۇرۇشقا قىلغان تەكلىپلىرىگە ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ، ئاران سىرىتقا چىقىۋالدىم ۋە ساپ ھاۋادىن قانغۇچە نەپەس ئالدىم… … …

    شۇ كۈنى كىتاپخانىدىن چىقىپ ئۆيگە قايىتقۇچە، كوچا دوقمۇشىدىكى قاچانلا قارىسا توپلىشىپ قارت ئوينايدىغان بىكار تەلەپلەر ،ھەر قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان ئويۇنچۇقخانا (تورخانا) لارغا ئايىغى ئۈزۈلمەي كىرىپ-چىقىۋاتقان ئادەملەرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. ئويلاپ قالدىم، مۇشۇلار بېھۇدە ئىسراپ قىلىۋاتقان ئاشۇ قىممەتلىك ۋاقتى، پۇللىرىدىن ئازراق سەرىپ قىلىپ ،كىتاپخانىلارغا كىرىىپ قويسا، بىرەر كىتاپ سېتىۋېلىپ ئوقۇپ قويسا ئوشۇق كېتەمدىغاندۇ دەيمەن؟! ھېچبولمىغاندا ئۆزىنى ئويلىمىسىمۇ ،پەرزەنىتلىرىنىمۇ بولسا ئويلاپ قويسىچۇ؟!… … … …

    مەن خەلقىمىزنى كىتاپ ئوقۇمايدۇ دېمەكچى ئەمەس ، خەلقىمىز كىتاپ ئوقۇيدۇ ،خەلقىمىز ئىلىمخۇمار ، كىتاپخۇمار ،تىرىشچان خەلىق .جاھانغا مەشھۇر ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› ، ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› قاتارلىق ئالەمشۇمۇل ئەسەرلەرنى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز يېزىپ قالدۇرغان .بىراق، ھازىر ھەقىقەتەن خىلى كۆپ قىسىم كىشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاشۇ ئويۇنچۇقخانا(تورخانا) ،قاۋاقخانىلاردا مەس-ئەلەس، بىھۇدە ئۆتكۈزمەكتە ، مىڭبىر جاپالاردا قىينىلىپ تاپقان ،بىر كىتاپ ئېلىپ ئوقۇشقا كۆزى قىيمايدىغان پۇللىرىنى بىھۇدە بۇزۇپ چاچماقتا …مۇشۇنداق كۆز يۇمغۇسىز بىر ھەقىقەت ئازراقلا ۋىجدانى بار ھەر بىر ئەقىل ئېگىسىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە؟!!!… … … …

    ھەممىمىزگە مەلۇم، تارىختا ئۆچمەس شان-شۆھرەتلەرنى قالدۇرغان ئىجتىھاتلىق ، پەم – پاراسەتلىك ،ئىشچان ئاتا – بوۋىلىرىمىز بىزگە ئەزەلدىن ئىلىم – مەرىپەت ، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى ، ھورۇنلۇق ،قاششاقلىق ، ئىسراپخورلۇق،مەيخورلۇق ،بۇزۇقچىلىقتىن نېرى قېچىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ .ئۇلار بىزگە نۇرغۇن ئېسېل ھېكمەت دۇردانىلىرىنى قالدۇرغان ؛ مەسلەن ،‹ياشلىقتا ئۆگەنگەن بىلىم تاشقا مۆھۈر باسقاندەك مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ›،‹ھاراق بىلەن دوسىتلاشقىنىڭ، ئەقىل بىلەن خوشلاشقىنىڭ›، ‹جاھاندا بىلىمدىن قىممەتلىك بايلىق يوق ›،‹بىر كىتاپ ئوقۇساڭ بىر سەر ئەقلىڭ قوشۇلار›…دېگەندەك . دوسىتلار ،ئۇنداق قىلمايلى، غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋەرمەيلى، قىممەتلىك ۋاقتىمىز ۋە پۇل – بايلىقىمىزنى ئۇرۇنسىز ئىشلارغا سەرىپ قىلمايلى .بىكار بولساق ،ئۆزىمىز ، مۇمكىن بۇلسا باللىرىمىزنىڭ قولىدىن يىتىلەپ كىتاپخانىلارنى ئارىلاپ قويايلى .ئېسىل ، تەۋەررۈك ، دۇردانە كىتاپلىرىمىزنى توپا بېسىپ قالمىسۇن .كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋىيىتى قۇرۇق ، قەلبى جاھالەت تۇمانلىرى ئىچىدە قالمىسۇن !

    2010 – يىل فېۋرال

    مەنبە ؛ ئىجادىيەت





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68