-
2010年06月05日
لوقمان ھېكىمنىڭ 100 نەسىھىتى!
ئەي پەرزەنتىم ، ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى تونۇ.
2.كىمگە پەند-نەسىھەت قىلساڭ ئاۋال ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىل .
3. سۆزنى ئۆز قەدرىڭگە لايىق سۆزلە.
4. ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل .
5. ھەممىنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى چۈشەن.
6.سىرىڭنى مەخپى تۇت .
7. دوستۇڭنى قىيىن كۈندە سىنا .
8. دوسىتتىن پايدا-زىيانغا ئېمتىھان ئال .
9. ئەخمەق ۋە نادان ئادەملەردىن قاچ.
10. دانا ۋە زىرەك دوستىنى دوست تۇت .
11. ياخشى ئىشقا مەھكەم كىرىش .
12. ئايال كىشىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشەنمە .
13. ساپ دىل ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسلىھەت قىل .
14. سۆزىنى ئىسپاتى بىلەن سۆزلە .
15 . ياشلىقنى غەنىيمەت بىل .
16. ياشلىقتا ئىككى دۇنيا ئىشلىرىنى قىلىۋال .
17. دوست – يارلىرىڭنى ئەزىز بىل .
18. دوست- دۈشمىنىڭگە يۈزۈڭنى ئۇچۇق تۇت .
19. ئاتا – ئانىنى غەنىيمەت بىل .
20. ئۇستازىڭنى ئاتىدىن ئەزىز بىل .
21. خەجىنى كىرىمگە قاراپ قىل .
22. ھەممە ئىشتا ئوتتۇراھال يول تۇت.
23. ئالىيجانابلىقنى ئۆزۈڭگە شوئار قىلما .
24.مېھماننىڭ خىزمىتىنى قائىدىدەك قىل .
25.بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىڭدە كۆز ۋە تىلىڭغا ئېھتىيات قىل .
26. كىيىم – كېچەك ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت.
27.جامائەت بىلەن بىللە بول.
28. پەرزەنتىڭگە ئىلىم ۋە ئەدەپ ئۆگەت .
29. ئىلاج بولسا پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى ئۆگەت.
30. ئۆتۈك ۋە كەش كىيىشنى ئوڭ پۇتۇڭدىن ، سېلىشنى سول پۇتۇڭدىن باشلا .
31. بىراۋ بىلەن ئىش قىلساڭ شۇ ئادەمگە لايلىق ئىش قىل .
32. كېچىدە سۆزلىسەڭ ئاستا ۋە مۇلايىم سۆزلە ، كۈندۈزى سۆزلىسەڭ ئەتراپىڭغا بېقىپ سۆزلە.
33. ئاز يېيىش ۋە ئاز سۆزلەشنى ئادەت قىل.
34. ئۆزۈڭگە ياقمىغان نەرسىنى ئۆزگىگە زورلاپ تاڭما .
35. ھەر ئىشنى ئاۋال ئويلاپ چارە – تەدبىر بىلەن قىل .
36. ئۇقماي ئۇستازلىق قىلما .
37. خۇتۇن بالىلىرىڭغا سىر ئېيىتما .
38. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقنى تەمە قىلما .
39. پەسكەشتىن ۋابا كۈتمە .
40. ھەرقانداق ئىشنى كەم – كۈتىسىز دېمە .
41. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما .
42. قىلمىغان ئىشنى ھېسابقا ئالما .
43. ئۆزۈڭدىن چوڭغا چاقچاق قىلما .
44. ئۆزۈڭدىن چوڭغا ئارتۇق سۆزلىمە .
45. كىشىلەرگە يامان كۆرۈنمەسلىككە تىرىش .
46.ھاجەتمەن كىشىلەرنى نائۈمىد قايتۇرما .
47. ئۆتكەن جاڭجالنى ئەسلىمە.
48. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ياخشىلىقىڭ بىلەن ئارىلاشتۇرما .
49. بايلىقنىڭ مىقدارىنى دوست- دۈشمەنگە بىلدۈرمە .
50. قېرىنداشنى قېرىنداشتىن ئايرىما .
51. ياخشى ئادەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلما .
52. پەقەت ئۆزۈڭنىلا ئويلىما .
53. كۆپچىلىك قوزغالسا سەنمۇ ئۇلارغا ئەگەش .
54. بارماقلىرىڭنى ئېغىز ۋە بۇرنۇڭغا تەككۈزمە .
55. ئادەملەرنىڭ ئالدىدا چىش كولىما .
56. تۈكۈرۈك ۋە بۇرنۇڭنى يۇقىرى ئاۋازدا تاشلىما .
57.ئەسنىسەڭ ئېغىزىڭنى قۇلۇڭ بىلەن توس .
58. ئادەملەرگە قاراپ كېرىلمە .
59. بارمىقىڭنى بۇرنۇڭغا تىقما .
60. جىددى سۆزنى چاقچاققا ئايلاندۇرما .
61. بىراۋنى بىراۋ ئالدىدا خىجىل قىلما .
62. قاش – كۆزۈڭ بىلەن ئىملاپ چېقىمچىلىق قىلما .
63. ئېيتقان سۆزۈڭنى تەكرارلىما .
64. بىراۋنى مەنىسىز كۈلدۈرۈشتىن ساقلان .
65. ئۆزۈڭنى ۋە يېقىنلىرىڭنى باشقىلىلار ئالدىدا ماختىما .
66. ئۆزۈڭنى ئاياللاردەك پەردازلىما.
67. بالىلىرىڭ نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىۋەرمە .
68. تىلنى ئايا .
69. سۆزلەۋاتقاندا قۇلۇڭنى سىلكىمە .
70. ھەممە ئادەمنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنۇتما .
71. ئىغۋاگەر ئادەم بىلەن ھەمسۆھبەت بولما.
72. ئۆلگەن ئادەمنى يامانلاپ تىلغا ئالما .
73. ئىلاجىنىڭ بارىچە بىراۋ بىلەن ئۇرۇشما ۋە خۇسۇمەت ساقلىما .
74. بىراۋنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى سىناپ يۈرمە.
75. چوڭلارنىڭ ساۋاقلىرنى ياخشلىق بىلەن يادىڭدا تۇت ، گۇمانخور بولما.
76. ئۆز نېنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخېنىدا يېمە .
77. ئىشتا ئالدىراقسانلىققا يول قويما.
78. مال دۇنيا تاپىمەن دەپ ئۆزۈڭنى قىينىما .
79. بىراۋ ئۆزىنى بىلمىسە ، سەن ئۇنى بىل .
80. غەزىپىڭ كەلگەندە سۆزنى تاللاپ سۆزلە.
81. قۇياش چىققۇچە ئۇخلاپ ياتما .
82. ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنۇڭنى سۈرۈتمە .
83. باشقىلارنىڭ ئالدىدا نەرسە كېرەك يېمە .
84. چوڭلارنىڭ ئالدىدا ماختانما .
85. باشقىلار سۆزلىگەندە سۆزىگە قۇشۇق سالما .
86. بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرما .
87.كوچىدا ئوڭ-سولغا قاراۋەرمە ، ئالدىڭغا ماڭ.
88. ئىمكان بار يايتاق ئۇلاققا مىنمە .
89.مېھماننىڭ ھۇزۇرىدا بىراۋغا غەزىپىڭنى چاچما .
90. مېھماننى ئىشقا بۇيرۇما .
91. دىۋانە ۋە مەس بىلەن سۆزلەشمە .
92. كوچىلاردا بىكارچى ۋە گەپ ئاڭلىمايدىغانلار بىلەن بىللە ئولتۇرما .
93. پايدا – زىيانغا ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ ئابرويىڭنى تۆكمە .
94. مەمەدەن ۋە تەكەببۇر بولما .
95. باشقىلارنىڭ ساڭا خۇشامەت قىلىشىدىن قاچ .
96. جېدەل ۋە پتىنىدىن قاچ .
97. پىچاقسىز ، ئۈزۈكسىز ۋە پۇلسىز يۈرمە .
98. ئۆزۈڭنى خارلىماسلىققا ئىنتىل .
99. ئاددى – ساددا ، كەمتەر بول.
100. ئاللاھتىن قورقۇش ، خەلققە ئىنساپ قىلىش ، چوڭلارغا خىزمەت قىلىش ، كىچىكلەرگە شەپقەت قىلىش ، دەرۋىشلەرگە ساخاۋەت قىلىش ، دوست – يارەنلەرگە نەسىھەت قىلىش ، دۈشمەنگىمۇ سىلىق مۇئامىلە قىلىش، ئالىملارغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن ياشا . بىراۋنىڭ مېلىغا تەمە كۆز بىلەن قارىمامەنبە: ئۇزماكان مۇنبىرى