بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年05月28日

    روسىيەدە بايقالغان ئۇيغۇر خان ئوردىسى - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    رۇسسىيەدە بايقالغان ئۇيغۇر خان ئوردىسى

    بۇ خەۋەر ئىتايىن زور دەرجىئىدە كىشلەرنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان بولۇپ بۇ ھەقتە روسيە ئاخبارات ۋاستىلىرىئى قورغان خارابىلىكىنى قېزىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى 600 نەپەر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن تەشكىللەنگەن غايەت زور ئەترەت بولۇپ روسيە تارىخىدىكى ئەڭ زور ئارخىلوگىيلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى ئىكەنلىكى ھەتتا روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭمۇ ئۇشتۇمتۇت زىيارەت قىلغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم خەۋەر بەرگەن .بورباجىن دا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قورغىنى بولىدۇ؟جۇڭگولۇق ئۇيغۇر لار نىڭ قەدىمى قورغىنى روسيەگە قېچېپ بېرۋالغانمىدۇ؟ناۋادا بۇ راس بولسا نېمەئۈچۈن كۆلدىكى يىگانە ئارالغا قورغان سالىدۇ ؟بۇقورغاندىكىلەر كېيىن نېمەسەۋەبتىن غايىپ بولغان ؟دېگەندەك بىر قاتار سوئاللار تېخى ئېنىق جاۋاپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇر ماقتا .

    چېلخور كۆلىدىكى قورغان توغىرىسىدا روسىيىئە تورى مۇنداق خەۋەر بەرگەن .بۇقورغاننى كۆكتۈرۈك خانلىقىنىڭ (خەنزۇچىدا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەپ ئېلىنغان )2-خا قانى مويۇنچۇر 8-ئەسىردە سالدۇرغان بۇلۇپ مويۇنچۇر مىلادى 750-يىلى ئەسكەر باشلاپ تۇۋانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قورغان سالدۇرغان ،قورغاننىڭ قوروتاملىرىنىڭ ئېگىزلىكى 10مېتېر ئەتراپىدا بولۇپ قورغانىنىڭ مەركىزى تۇرا ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ شاھ تۇرىدىغان ئورۇن ئىكەن .قۇرغاننى سالغۇچىلار تۈمەنلىگەن كېسەكلەرنى يۆتكەپ كېلىپ قورغاننى سالغان ئىكەن.

    تەڭرىتاغ تورىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى .(ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورگان تورى) چېلخوركۆلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى قورغىنى بولۇپ بۇقورغانغا نۇرغۇن سىرلار يوشۇرۇنغاچقا ئىزچىل ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغاپ كەلگەن . كۆل سۈيى سۇس يېشىل رەڭدە بولۇپ، لېكىن كۆلگە نەزەرسالغىنىڭىزدا كۆل سۈيى قېنىق رەڭدە كۆرنىدۇ بۇخىل ھادىسنىڭ سەۋەبى كىشلەرگە سىر بولۇپ تۇرماقتا .

    2007-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن موناكو پادىشاھى ئالبېر 2-گە ھەمرا بولۇپ روسىيەدىكى تۇۋائاپتونۇم جومھۇرىيىتىنىڭ پايتەختىدىكى قىزىل ئايرۇدورۇمىغا قونغاندىن كېئىن تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ چېلخور كۆلىگە بارغان چۈنكى ئۇيەردە بورباجىن ئۇيغۇرقەدىمىي قورغىنى خارابىسى قېزىلىۋاتاتتى .

    خەۋەردەئېيتىلىشىچەبورباجىن قورغىنى 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ياسالغانكەن . بورباجىن دېگەن سۆز خام خشلىق ئۆي دېگەن مەنىدە ئىكەن . قورغان چېلخور كۆلىئىدىكى بىرئارالغا جايلاشقان بولۇپ تۇۋاجۇمۇرىيەت مەركىزى قىزىلنىڭ شەرقى جەنوبىغا 250كىلومېتېر كىلىدىكەن .

    بۇقورغان 1891-يىل روسيەلىك مەشھۇر شەرقشۇناس ئالىم دىمتىر تەرپىدىن بايقالغان بولۇپ، قورغان 1995-يىل روسيە تەرىپىدىن دۆلەتلىك قوغدىلىغان تارىخى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

    قورغاننىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بۇلۇپ ئىچى نەچچىلگەن تۆت چاسا ھويلىدىن تەركىپ تاپقان موكەممەل بىرسىرلىق قۇرلۇش توپى ئىكەن شەكلى ھىندىستان ئۇسلۇبىدىكى بۇددا ئىمارەتلىرىگە ئوخشايدىكەن . ئەينى چاغلاردا بۇيەردىكى قۇمچاق دەرياۋادىسىدا 17يۈرۈش قورغان بولغان بولۇپ بورباجىن

    قورغىنىنىڭ تۈزۈلۈشى بۇقورغانلارغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بولۇپ قورغاننىڭ لايھىلىنىشى سوغدى مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىكەن .بۇقورغاننىڭ لايھىلەپ سېلىنىشغا سوغدىلارنىڭ قاتناشقانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن . سوغدىلارئەينى دەۋىردە يايلاق مىللەتلرىنىڭ سودا سېتىق ئىشلىرىنى قىلغان كىشلەردۇر.

    كىشلەر ھازىر بۇقورغاننى پادىشاھنىڭ يازلىق ئوردىسى دەپ قارىماقتا .بۇقورغاننى سېلىشىتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر خانىدانىلىقىنىڭ پايتەختى قارا بالاخاسۈن (خەنزۇچىدا كا لا با لا ھا سۇندەپ ئاپتۇ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى مەن مۇ بىلمەيدىكەنمەن )دا بولۇپ بۇخارابە ھازىر موڭغۇلىيە جومھورىيتى چىگرىسى ئىچىدە بولۇپ بورباجىن قورغىنىغا ئىككى كۈنلۈك يول ئىكەن (بەلكىم ئاتلىق يول بولسا كېرەك ).

    1891-يىلدىن باشلاپ دې.ئا.كېلېمىزى قارابالاخاسۈن نى تەتقىق قىلغان بولۇپ بورباجىن قورغىنى 100پىرسەنت كۆك تۈرۈك ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ ئوردىسىنىڭ لايھىلىنىشىگە تەقلىد قىلىنغانكەن . بۇنوختىنى 100يىل ئىلگىرىلا ئالىملار ئىنتايىن ئېنىق ھالدا شەرھىلىگەن .

    مويۇنچۇر مەڭگۈ تېئىشىغا يېزىلغان خاتىرىگە ئاساسلانغاندا ئەينى دەۋىردە ئۇيغۇر خاندانلىقى غەرىبتە ئالتاي تاغلىرىدىن باشلىنىپ جەنۇبتا تەكلىماكان قۇملۇقىغىچە شەرقتە خېلۇڭجىياڭ ،نېنجىياڭ دەريا ۋادىلىرىغىچە بولغان غايەت زور زېمىنغا خوجا بولغان .چېلخور كۆلى ۋە بورباجىن قورغنىمۇ دەل موشۇ زېمىنىنڭ ئىچىدە بولۇپ ، ئۇيغۇر خاقانىنىڭ بۇيەردە خان ئوردىسى سېلىشى ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن .

    شۇڭلاشقا روس ئالىمىلىرىنىڭ بۇقورغاننى “ئۇيغۇرلارنىڭ قورغىنى “دەپ ئاتىشى خاتا بولمىسا كېرەك .بۇقورغان خارابىلىكىنى قېزىش خىزمىتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاياغلىشىدىغان بولۇپ بۇقورغان توغرىسىدا ئاشكارلانغان خەۋەرلەر تېخى كۆپ ئەمەس ئەمما روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى بىر پارچە رەسىمنى ئاشكارلىغان بولۇپ بۇبىر پارچەمەڭگۈ تاشنىڭ رەسىمى بولۇپ مەڭگۈ تاشقا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا خەتلەر ئويۇلغانكەن .ئەمما نېمە مەزمۇن ئىكەنلىكى تېخى ئاشكارلانمىغاچقا بۇھەقتىكى خەۋەرلەرنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ .

    روسىيىدىكى تۇۋالار توغرىسىدا : تۇۋالارنىڭ ئاتا بوۋىسى بىر تارمىقى تېلى (ئۇيغۇر)-تۈرۈك،يەنەبىر تارمىقى سىيانپى -موڭغۇللاردۇر . تۇۋا تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى تۈرۈك تىلى گۇرۇپىپىسنىڭ شەرقى ھون تارمىقىدىكى ئۇيغۇر تىل گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇرتۈرۈك تارمىقىغا تەۋە ئىكەن .

    مەنبە: ئورخۇن تورى





    评论

  • يېڭى بايقاشتىن بىزنى خەۋەردار قىلىپ قويدىڭىز ، رەھمەت. بولسا مول مەزمونلۇق ماتېرياللارنىڭ تېپىلىشىغا تىلەكداشمىز.
    回复dunyakara说:
    كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا،ئاللا تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن.
    مەن سىزنىڭ بىلوگ جەھەتتىكى بىلىمىڭىزگە ناھايتى قايىل، بولسا كۆپرەك ياردەم قىلسىڭىز.
    2010-06-08 16:17:29
darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68