بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年05月27日

    يېڭى بۇرۇت ماجراسى (ھىكايە)

    ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىگە(شۇنداقلا بۇ ئەسەر بارلىق تور ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا):
    ئەي ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىز!نېمىشقىمۇ ئىلھامىڭىز بۇرۇتنى تارتىپ قالغان بولغىيدى؟!شۇ بۇرۇتنى يازغىنىڭىزدىن بېرى مۇشۇ بىزنىڭ يېزىغا يېڭىدىن باشلىق بولغان قادىروف(قا شۇجى دىسەك تۈگشكىنىمىز شۇ!چوقۇم قادىروف دېيىشىمىز كېرەككەن،چۈنكى بۇ غوجىمىزنىڭ تۇغقانلىرى شەھەردە ئاسماندەك يۈزى بار خەقكەن،شۇنداقلا ئۇ خەقلەر سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىلىم ئاشۇرۇپ كېلىشىپتىكەن،شۇڭا بىزمۇ قا شۇجىنى شۇ تۇغقانلىرى بىلەن بىر قاتاردا ھۆرمەتلەپ قادىروف دەپ ئاتىشىمىز كېرەككەن) پۈتۈن ناھىيگە پۇر كەتكەن «قادىروف ئۆزگىرىشى»نى باشلاپ كەتتى.ئېسىمنى بىلسەم قادىروفنىڭ نەچچە يىل بۇرۇن شۇنداق ياراشقان يوغــــان شاپ بۇرۇتى بولىدىغان.ئىچكىردىن خىزمەتكە كېلىپ بىزگە باشلىق بولغان ۋاڭ شۇجى ئۇنىڭ بۇرۇتىغا ئامراق ئىدى،توختىماي كەنت يىغىنلىرىدا قادىروف بار يەردە سۆزلەپ قوياتتى ۋاڭ شۇجى:
    ــ بىزنىڭ كادېلوفنىڭ بۇرۇتىدەك ئۇيغۇرچە بۇرۇت يوك!سىزمۇ كەسىڭىز بومايدۇ بۇ بۇرۇتنى!يازگۇچى مەيمەيتىمىڭ ۋۇشۇر يازگىنى ھىكايە ئۇ!كىم دەيدۇ بۇرۇت سىياسىگە تاكىشىدۇ دەپ؟!ھېچكىم بۇرۇت كەسمەيدۇ!كەسسە بومايدۇ!....
    ــ خوش،خوش ۋاڭ شۇجى ماقۇل،كەسمەي،سىلىگىلا يارىسا شۇنداق ئاسرايمەنكى بۇ شاپ بۇرۇتۇمنى....،ــ دەپ ۋاڭ شۇجىغا ياغلىما گەپمۇ قىپ قوياتتى،ئەلۋەتتە دېمىسەممۇ بېلىنى بىزنىڭ مەھەللىدىكى چىرىپ كەتكەن مەجنۇنتالدەك ئېگىپ تۇرۇپ دەيتتى.
    «دۇنيا مىقياسىدا زور تەسىر قوزغايمىش»بولغان «قادىروف ئىسلاھاتى»ۋاڭ شۇجى كېتىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا باشلاندى.ئادەتتە  قادىروفنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسىلا كۆرگىلى بولىدىغان يوغان «پېتىر 1-نىڭ ساقىلىنى كېسىشى»ناملىق رۇسىيە ئېمپىراتورى پېتىر بىرىنچىنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ بىرىنچى بوپ ئۆزى ساقىىلىنى كەستۈرۈپ،كىمدە كىم ساقال قويسا باج تۆلەيدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن ھەجىۋىي رەسىم ئېسىلغانىدى،ۋاڭ شۇجى كېتىشى بىلەنلا بۇ سۈرەت يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىشخانا قورۇسىنىڭ بېشىغا،ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىنىڭ ئاستىغىلا ئېسىپ قويۇلدى،ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتتە يىغىنغا پۈتۈن يېزا ،كەنت ئاقساقاللىرى،دادۇي،شودۇيلىنىڭ باشلىقلىرى توۋلىنىپ كېلىنىپ ،شۇنداقلا شۇ قاتاردا ئالاھىدە شەھەردىن داڭدار ساتىراچ ئۇستامدىن بىرى چاقىرتىلىپ نەق مەيداندىلا خەلقىئالەم ئالدىدا ئۆز بۇرۇتىنى كەستۈرۈپ ئىسلاھاتىنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى باشلىدى.
    يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى قورۇسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «بۇرۇت كېسىش مۇراسىمى»دىن كېيىن قادىروفنى كۈندە،يېزىنىڭ ھەرقايسى كەنت،مەھەللىرىدە ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولۇپ قالدى،ئاڭلىشىمچە خەلق ئارسىغا چۇڭقۇر ،شۇڭغۇپ چۆكۈپ ئۆز ئىسلاھاتىنى مەركەزنىڭ سىياسىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا داۋاملاشتۇرىۋېتىپتۇدەك.شۇنداقلا ھەر كەنت-مەھەللىلەرگە بارسىلا نۇتۇق سۆزلەپ ،نۇتۇقىغا نەگىلا بارسا قولتۇقىغا قىستۇرىۋالىدىغان «بۇرۇت ماجراسى»ناملىق ھىكايىلەر توپلىمىدىكى شۇناملىق ھىكايىدىن ئۈزۈندىلەرنى قوشۇپ پۇقرالارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىۋېتىپتۇدەك...


    ***********************************************************************
    كىمكىن مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان بۇ كىشى دەپ قېلىشىڭلار مۇمكىن.مەن شۇ دېھقان،قارا دېھقان مەن!دىيارىمىزدىكى ھەممىدىن بىلىمسىز،قارا قورساق دېھقان!چۈنكى ھازىر ھەممە دېھقانلار قانداق قىلسا مەھسۇلاتنىڭ قانداق بولىشىنى بىلىشىدۇ،ما مەنچۇ؟مۇشۇنداق ئۆتكەن يىلى بۇغداي ساتقان پۇلۇمغا قەلەم قەغەز ئېلىپ يېزىقچىلىق قىلىمەن،دېھقانچىلىققا  ھەر نىمە بولسا بالىلىرىم باركەن مېنىڭ،يېتىشىدۇ.دېھقان بولماق ئاسانمىكىن دەپ قالماڭلار،دېھقاننىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قىيىن ئۆتكەللىرى بار.تېرىمىسا تېخى،ئورىمىسا تېخى،ساتمىسا تېخى،ئۆينى باقمىسا تېخى.دادام ئەينى ۋاقىتتا مېنى بىر ساپالىق دېھقان بولامدىكى دەپ شەدە ئوقىتىپ قوياپتىكەن،نەدىكىنى ،ساپالىق دېھقان ئەمەس،ئۆيدە غەمكىن خىيالغا پېتىپ ،ئۈستەلنىڭ ئالدىدا يۇمشاق ئولتۇرۇپ دېھقانىي ئەسەر يازىدىغان سافالىق دېھقان مەن...شۇ سافانى چوڭ بالام دېھقانچىلىق قىلغان كىرىمغا،دادام ئىككىمىزگە بىرجۈپ ئېپ بەرگەن ئۆتكەن يىلى.خەق بىلىمىنى دېھقانچىلىققا ئىشلەتسە،مەندە شۇنىڭغىمۇ ئىسلەتكىدەك بىلىم يوق ،مۇشۇنداق توختىماي نېمىلەرنىدۇر يازىمەن دە.مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىلەر ئاۋام ئارىلاپ كۆرگەن-بىلگىنىنى يازسا ،مەن ئېتىز ئارىلاپ ئىلھامىم نېمىنى تارتسا شۇنى يازىمەن،بەلكىم يازغۇچىمىزنىڭ بۇرۇت ئىلھامىمۇ مۇشۇنداق تۇيۇقسىز كەلگەن چېغى.يازغۇچىمىز بەلكىم چەكمەيدۇ ھە؟ئىشقىلىپ مەن يازغۇچە ئولتۇرۇپ قىلىقسىزلا چېكىۋېتىمەن جۇمۇ موخۇركا دىگەننى،چەكمىگەنغۇ ياخشىتى،لېكىن بۇ يېزىمىزنىڭ موخۇركىسى بارغۇ،شەلىكلەرنىڭ قەغەزگە تاماكىلا ئەمەس،مازنى قوشۇپ ئوراپ چەككەن تاماكىسىدىن تەملىك.تاشلاي دەيمەن،شۇ تاشلىيالماي...بەلكىم يەنە ۋاڭ شۇجىدەك خەلقپەرۋەر ئادەمدىن يەنە بىرسى كېلىپ ،بەزى باشلىقلار مۇشۇنداق تۇتۇرۇقسىز ،ئۆز ئالدىغا قانۇن چىقارمىغاندا تاشلارمەن بۇنى.....
    ھوي !ئۆزەمنى خۇددى بىرەر يەرنىڭ زۇڭتۇڭىدەك تونۇشتۇرۇپ ۋاقتىڭىزنى ئالدىم ھە يازغۇچى ئەپەندىم؟ئاپلا...خاپا بولماي داۋاملىق دەردىمگە دەرمان بولىڭە،سورىمىسىڭىزمۇ دەپ بېرىمەن،قىرلىق ئىستاكاندا بىردىن تىكلىۋېلىپ ئولتۇرغان بولساققۇ ئايىماي سۆزلەيتتىم،لېكىن ئېغىزىمىزغا ئالمايلى شۇنداق نەرسىنى،ھەر ئىككىلىمىزگە ئۇسلۇب كېرەك ئەمەسقۇ ھە؟سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىز خەلىققە ئايان،سىزگە يەنە ئۇسلۇب كەتمەس،مېنىڭمۇ مانا ھېچ بولمىسا خوتۇن-بالا چاقامغا ئايان ئۇسلۇبۇم،مۇشۇنداق «ئەسەر»يازىدىغان دېھقان مەن.
    ئەمدى گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەكچۇ ئەپەندىم،مۇشۇ ئۆتكەندە قايسى بىر گېزىتتىن ياپونىيەلىكلەرنى بىر خىل كىسەل تېپىپ چىقىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم،ئۇ كىسەلنى سەنئەت كېسىلى   دەيدىكەن.قانداق كىسەلكەن دىسە ،مۇشۇ ھەر خىل ،مەيلى سەنئەت،ئەدەبىيات ۋا ياكى باشقا بىر تۈردىكى ئەسەرلەر بولسۇن ناھايىتى ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ ئىشلەنگەن بولسا قاراڭ ئوقۇرمەن،كۆرۈرمەن،تاماشىبىن،ھوزۇرلانغۇچىدا بىرخىل ھاياجان تۇيغۇسىنى قوزغاپ ھۇشىدىن كېتىش،يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش،ئەقلىنى يوقىتىش دىگەندەك ئالامەتلەر بولىدىكەن قاراڭ،سىزنىڭ بۇرۇت ماجرا يىڭىز دەل مۇشۇ كىسەلنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى قاراڭ!قاچانلاردىدۇر رېئال تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن يەرلەردە دەل شۇ ماجرا ھىكايىڭىزگە ئەگىشىپ قوزغالدى دەپ ئاڭلىۋېدۇق،مان ئارىدىن7-8يىل ئۆتۈپلا مۇشۇنچىۋالا تەرەققىي قىلىۋاتقان زامانىۋىي يېزىمىزدا قوزغالدى .ئەمدى ھىكايەمگە قۇلاق سالغايسىز.ئەسىرىڭىزدىكى پىرسوناژلارنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا«بۇ ھىكايەم يېقىپ قالغان بولسا ،ئۆزىڭىزنىڭ نامىدىلا ؟ئېلان قىلىۋېتەرسىز».

    ***********************************************************************

    «دۇنيا مىقياسىدا زور تەسىر قوزغايمىش»بولغان «قادىروف ئىسلاھاتى»ۋاڭ شۇجى كېتىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا باشلاندى.ئادەتتە  قادىروفنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسىلا كۆرگىلى بولىدىغان يوغان «پېتىر 1-نىڭ ساقىلىنى كېسىشى»ناملىق رۇسىيە ئېمپىراتورى پېتىر بىرىنچىنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ بىرىنچى بوپ ئۆزى ساقىىلىنى كەستۈرۈپ،كىمدە كىم ساقال قويسا باج تۆلەيدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن ھەجىۋىي رەسىم ئېسىلغانىدى،ۋاڭ شۇجى كېتىشى بىلەنلا بۇ سۈرەت يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىشخانا قورۇسىنىڭ بېشىغا،ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىنىڭ ئاستىغىلا ئېسىپ قويۇلدى،ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتتە يىغىنغا پۈتۈن يېزا ،كەنت ئاقساقاللىرى،دادۇي،شودۇيلىنىڭ باشلىقلىرى توۋلىنىپ كېلىنىپ ،شۇنداقلا شۇ قاتاردا ئالاھىدە شەھەردىن داڭدار ساتىراچ ئۇستامدىن بىرى چاقىرتىلىپ نەق مەيداندىلا خەلقىئالەم ئالدىدا ئۆز بۇرۇتىنى كەستۈرۈپ ئىسلاھاتىنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى باشلىدى.يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى قورۇسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «بۇرۇت كېسىش مۇراسىمى»دىن كېيىن قادىروفنى كۈندە،يېزىنىڭ ھەرقايسى كەنت،مەھەللىرىدە ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولۇپ قالدى،ئاڭلىشىمچە خەلق ئارسىغا چۇڭقۇر ،شۇڭغۇپ چۆكۈپ ئۆز ئىسلاھاتىنى مەركەزنىڭ سىياسىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا داۋاملاشتۇرىۋېتىپتۇدەك.شۇنداقلا ھەر كەنت-مەھەللىلەرگە بارسىلا نۇتۇق سۆزلەپ ،نۇتۇقىغا نەگىلا بارسا قولتۇقىغا قىستۇرىۋالىدىغان «بۇرۇت ماجراسى»ناملىق ھىكايىلەر توپلىمىدىكى شۇناملىق ھىكايىدىن ئۈزۈندىلەرنى قوشۇپ پۇقرالارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىۋېتىپتۇدەك...
    گۇمبا گۇمباڭ!!!قىلغان ئۇرۇلغان قورونىڭ ئىشكى تاس قالدى ئۆرۈلۈپ چۈشمىسىمۇ ئۆزلىكىدىنلا ئېچىلىپ كەتكىلى.مىڭ تەستە خوتۇننى،بالىلارنى ئىشلىگىلى چىقىرىۋېتىپ ئىلھامىمنى ئەمدى كەلتۈرۈپ قولۇمغا قەلەمنى ئېلىشىمغا بۇ ئاۋاز چىقىپ ئىلھامىمنى بىلەتسىزلا ئۈرۈمچىگىمۇ،ئىشقىلىپ نەلەرگىدۇر يولغا سېلىۋەتتى(كېيىن ئويلىسام جەھەننەمگە يولغا سالغان چېغى،ئۇ ئىلھام تا ھازىرغىچە كەپ باققىنى يوق).
    ــ كىمۇ ھوي كىمۇ!چوڭ دادىسىنىڭ ئىشكىنى قاققاندەك قېقىشىپ...،ــ  غۇدۇرىغىنىمچە ئىشكنى ئاچتىم.
    ــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!ئىمىنھاجىكا!ھې ھې ھې...چوڭ دادامنىڭ ئىشكىنى بۇنداق قاقمايمەن ھاجىكا،شۇ سىلىنى ئۆز كۆرەپ ئەمدى...
    ــ ھوي،قەدەملىرى يېتىپ قاپتۇ قا شۇج...قادىروف،سىلمىتىڭلا،چىرىڭلا ئۆيگە،چىرىڭلا،ــ ئۆيگە باشلاپ زۆرۈر بولمىغان سەۋەبىمنى سۆزلىگەچ،ــ مەن تېخى ياندىكى ناۋايخانىنىڭ قۇلاقكەستىلىرىمىكى دەپتىمەن،تۇربىسىنى بۇزىۋېلىپ كەچكىچە خەقنىڭ ئۆيىگە سۇغا چىگەن بۇ خەق....ئىمىناخۇن يا ئىمىنجىنىكا دېسىلە ،مەن ھاجىم بولاش تۈگۈل ئــــــى شەگە چىگەندىمۇ ھېيتگاھقا سانغلىق نەچچە قېتىملا ھېيت نامىزىغا باغان...
    ــ ھې ھې ھې...چاقچاققىمۇ ئۇستا جۇما سىلە...ــ دەپ ئۇيان بۇيان قىمىرلاپ قويغاچ سۆزلىدى قادىروف،ــ كېلىشتىن مەقسەت ئەمدى،بايا ئېتىزلىرىغا باغانتىم...
    ــ چايغا كەسىلە...ھە...باغانتىلە...
    ــ باسام خوتۇن باللىرى ئىشلىگىلى تۇرۇپتىكەن...
    ــ نەگە؟؟؟ــ مۇشۇ دېھقان خەق بولغاچقىمىكىن گەپنىڭ بېلىغىلا تېپىپ كۆنەپ قالغان چېغىم،ــ  نەگە ئىشلىگىلى كەتكەندۇ بۇ قۇلاق كەستىلە،قوناقلىققا با دىسەم ئېتىزلىققا كەتكىننى...
    ــ ھە!شۇ قوناقلىق،ئوخشاش ئېتىزلىق دەيمىزغۇ ئىمىنجىنىكا...
    ــ چىك.ئــــــــــاي،ئۇ مۇھىم ئەمەس،مېغىزىنى دىسىلە،ئېتىزىم ماقۇل،نىم بوپتا؟
    ــ بىزنىڭ يېزىنىڭ ئىسلاھاتىدىن خەۋەلىرى با ئاكا...
    ــ قادىروف ئىسلاھاتىدىنما؟بوممامتىكى!
    ــ ھە!شۇ ئۆزى،ساقالنى ،بۇرۇتنى دىگەندەك كېسىۋېتىدىغانغا زاكون چىقىرىپ پۈتۈن يېزا،بىزدىن باشقا يەنە نەچچە بېقىندى يېزىلامۇ شۇنداق قىلىشقانتى،لېكىن سىلىنىڭ ئائىلىدىن خىلاپ ئىش چىقىپتۇ...
    ــ ۋاي نىم دەيلا؟؟؟ــ گېپىنىڭ بېلىگىمۇ ئەمەس،ھوشۇقىغىلا تېىپىپ،ــ قانۇننى مەركەزنىڭ قانۇنىغا چىپپىدە ماسلاشتۇردۇم دەپ بى قانۇن چىقاغانتىلە شۇندا،ئۇنىسى ماڭا قۇلىقىمدىن نەچچىسى بارلىقىنى بىلگەندەك ئېپئېنىق!ئەمدى سىلىنىڭ قانۇنغا قارشى چىقماي دەپ ئۇكام ساقال-بۇرۇتلا ئەمەس،خوتۇندىن باشقا ھەممەيلەن چېچىمىزنى چۈشۈرۈپلا كوزىدەك بولدۇق،تېخى ئا چوڭ بالام كىچىكىنى بوزەك قىلغان باھانىدە قاش كىرپىكىنىمۇ چۈشۈرىۋېتىپ تۇزلۇق قاپاققا ئوخشىتىپ قوياپتۇ،بولسا تەقدىرلىسىلا بولاتى بىزنىڭ ئۆينى بى 2مو يە بىلەن؟؟؟
    ــ ھې ھې ھې،ئۇ ئادەمدىكى گەپ ئەمەس ئىمىنجىنىكا،شۇ قوناقلىققا بادىم دېدىمغۇ؟
    ــ ھە، دىسىلەئاخىرىنى...
    ــ بارسام بالا-چاقىلىرى قوناق پۇتاۋېتىپتۇ،قوناقلىرىنىڭ ھەممىسىدە لىققىدە ساقال تۇرىدۇ ...
    ــ ھەممە ئىش يولىدا بولغىنى ياخشى يولداش، قادىروف!ــ دېمىسىمۇ خېلىلا ئاشۇرىۋېتىپ قالدى بۇ قادى!ــ بۇ قوناق دىگەننىڭ شۇ كۇڭزىدەك ساقىلى بولمىسا سىلىدەك بودەك ئەدەملە باشلىق بولاپ ئىككى يىلدىلا ۋايجانلاپ يېتىپ قالىدۇ ئۇكا!شۇ ساقالنى خۇدايىم بىلىپ،ھە قايسىلىرىدەك بودەك باشلىقلار قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ماينى كېسىدۇ دەپ يارىتىپتىكەن خۇدايىم!(قايسىدۇر بىر چاغلاردا يېزا بازىرىدا پەيدا بوپ قالغان جاھان كەزدى تېۋىپلار پىرىدىن ئاڭلىۋالغانىدىم).
    ــ نىمانداق قىلىلاۋە ئىمىناخۇنكا؟!!!!بۇ دىگەن قانۇن جۇما؟!!!ئەدەم ئەتكەنگە تازىم ئەت دەپتىكەن،نىمە قىلىق بۇ؟!؟!قىلسىلىرىمۇ قىلىلا!قىممىسىلىرىمۇ قىلىلا!بۇ بۇيرۇق!ــ قادىروف ئورنىدىن سەكرەپ تۇرغىنىچە ياۋا ئېشەكتەك چىچاڭشىپ،چالۋاقاپ ئېغاڭلىغىنىچە چىكەتتى.
    ئاڭلىشىمچە باشقا بىرنەچچە كەنىتتە بۇ ئالەمىي يارلىققا بويسۇنمىغان كىشى يوقمىش،قونىقىنى بارلار ساقىلىنى،بۇرۇت ساقىلى بارلار ھەر ئىككىسىنى،ئۆچكىسى بارلار ساقىلىنى،ھەتتا گەپ چىقمىسۇن دەپ ئات-ئېشىكى بارلارمۇ يايلىسىنى قىرقىتىپلا قۇتۇلۇشۇپتۇ.ھەي،ئەل قاتارى،قىلمىسام قۇتۇلالمايدىغاندەك تۇرامدۇ.

    ***********************************************************************

    مانا بىرنەچچە ئايدىن بېرى قىش مەزگىلى سەۋەبلىكمۇ قادىروفنىڭ يولسىز تەلەپلىرىگە ئۇچرىماي كەلگەنىدۇق،نىمە دەيدۇ ئەيتاۋۇر نەدە بىر نېمە پارتىلاپ دەمدۇ،پۈتۈن يېزىنى دىگۈدەك يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىغا يىغىپ يىغىن ئاچتى.سېۋىتنىڭ پايتەختى موسكۋادا مېترو پارتىلاپ دەمدۇ،قادىروفنىڭ بىلىشىچە پارتىلاتقۇچى قارا چاچلىقمىش،شۇڭا پۈتۈن يېزىدا قارا چېچى بارلار چۈشىرىۋېتىشى،ياكى ئاۋۇ 3ۋاخ تاماقنىڭ پۇلىغا سېرىق رەڭدە بويىتىۋېتىشى لازىممىش!بۇ قانداق قانۇن ئەمدى؟مەركەز ئاڭلىسا مەركەزدىكى چوڭاملارمۇ كۈلۈپ كېتەرمۇ؟ياكى ئاچچىقى كېلەرمۇ؟بىزغۇ كۈلۈپمۇ باقتۇق،ئاچچىقلاپمۇ باقتۇق،ئەمدى ئۆزىمىزنى چوڭاملار بىلەن سېلىشتۇرالمايمىزدە،شۇنداقتىمۇ دەيمەنغۇ.بۇپتۇ،دېھقان خەق بولغاندىكىن،قادىروفنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىكىن ئاخىرغىچە ئاڭلايلى.مېترو پارتىلىغان ۋەقەدىن كېيىن يېزىمىزنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈندى،ھەر دوقمۇشتا تۆتتىن دېھقان قاراۋۇللار ئىشەك ھارۋىسىدىن تارتىپ شۇنى سۆرەۋاتقان ئىشەكنىڭ كاسىسىنى قايرىپ تۇرۇپ تەكشۈردۇق!قادىروفنىڭ دېيىشىچە زوراۋان ئۇنسۇرلار بومبىنى تىقمايدىغان يېرى بولمايمىش.بوپتۇ كۆنۈپمۇ قالدۇق،كۆنمەي ئامال يوق،سىزنىڭ ھىكايىڭىزنىڭ تەسىرىدە يېزىمىزدا دەل-دەرەخ،گىياھ،ھايۋانات،ئىنسان،ھەممىسىدە دېگۈدەك تۈك ئىسىملىك نەرسە قالمىدى.جان ماجراسى دەپلا يازغان بولسىڭىزچۇ مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى!
    سىزگە دۆڭگىمەي كىمگە دۆڭگەيتتىم؟؟؟!!!!شۇ بىزخەق قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ «شەيتان ئازدۇرۇپتۇ»دەيدىغان خەق بولغاندىكىن!
    24-ماي سەھەر،ۋىلادىمىر
    بۇ ھىكايىنى مىسرانىم مۇنبىرىدىن دوستۇمىز ئۇيغۇرشاھ يازغان.
    ئەسلى مەنبەسى: مىسرانىم مۇنبىرى





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68