بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年05月23日

    دۇنيانى ئۆزگەرتكەن كەشپىياتلار - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

    دۇنيانى ئۆزگەرتكەن كەشپىياتلار

    قۇلۇپ: بۇنىڭدىن تەخمىنەن 4000 يىل ئىلگىرى مىسىرلىقلار ئەڭ بۇرۇن قۇلۇپ ۋە ئاچقۇچنى كەشپ قىلىپ، ئۇنى نەرسە- كېرەكلەرنى ساقلاشقا ئىشلەتكەن. ·لازىر ئاپاراتى: فىزىكا ئالىمى تېئودور مېمان 1960- يىلى تۇنجى لازىر ئاپپاراتىنى ياساپ چىققان. بۇ ئاپپاراتنىڭ يادروسىغا بىر تال قىزىل ياقۇت ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇ تارقاتقان نۇر قۇياشنىڭ مەركىزىدىنمۇ يورۇق بولغان.·لامپۇچكا: ئەمەلىيەتتە جوزېف سىۋان ئىدىسوندىن بۇرۇنلا لامپۇچكىنى كەشپ قىلغان. كېيىن ئىككەيلەن بىرلىكتە بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتقا كۈچ چىقارغان.·مىكرو تىپلىق ئۆزەك پىلاستىنكا: ئامېرىكىلىق ئىنژىنېر جېك كلبى دۇنيا بويىچە تۇنجى يەككە پىلاستىنكىلىق توپلاشتۇرۇلغان توك يولىنى، يەنى مىكرو تىپلىق ئۆزەك پىلاستىنكىنى كەشپ قىلىپ، كومپيۇتېر ساھەسىنى ئۆزگەرتكەن.
    ·كۆچمە تېلېفون: بېل تەجرىبىخانىسى 1947- يىلى تۇنجى بولۇپ كىشىلەرنى كۆچمە تېلېفون مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن. ·قەغەز: مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000- يىللار ئىلگىرىلا جۇڭگولۇقلار دەرەخ قوۋزىقى، بامبۇك تالاسى، كەندىر تالاسى ۋە زىغىر تالاسى قاتارلىقلاردىن قەغەز ئىشلەپچىقىرىپ ئىشلەتكەن. بىراق، ناھايىتى نۇرغۇن ئەسىرلەردىن كېيىن قەغەز ئاندىن پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالغان. ·رادىئو: ئىتالىيىلىك كەشپىياتچى گۇلىيئومۇ، ماركونىي ئەڭ ئاۋال رادىئو دولقۇنىنى تارقاتقان ھەم قوبۇل قىلغان. 1896- يىلى رۇسىيىلىك ئالېكساندېر پوپوۋ ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋالدا رادىئو ئالاقىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ماركونىي 1901- يىلى ئەڭ ئاۋال ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتكەن رادىئو سېگنالىنى تارقاتقان. ئۇ "S" ھەرىپىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۈچ نۇقتىدىن ئىبارەت.  
    ·باسما ماشىنىسى: جۇڭگولۇقلار مىلادى 500- يىللىرىدا ياغاچ باسمىنى كەشپ قىلغان. بىراق، ئەڭ بۇرۇنقى يېڭى تىپتىكى باسما ماشىنىسىنى گېرمانىيىلىك ھۈنەرۋەن گوئودېنبورگ  ياساپ چىققان.
    ·تېلېفون: ئېلىشا گراي بىلەن ئالېكساندېر گراخام بېل 19- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا كىم ئاۋال تۇنجى ئەمەلىي ئىشلىتىدىغان تېلېفوننى ياسىيالايدىغانلىقى توغرىسىدا بەسلەشكەن، ئەڭ ئاخىرى بېل ئازراق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلغان.  
    ·خاس كومپيۇتېر: ستېۋجوبۇس 1977- يىلى AppeleⅡ  ناملىق كومپيۇتېرنى بازارغا سالغان. بۇ، ئەڭ دەسلەپكى ئىستېمالچىلارغا يۈزلەنگەن خاس كومپيۇتېر.  شۇنىڭغدىن كېيىن ئۇ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىردى.
    ·ئېنتېرنېت تورى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا تۇنجى بولۇپ ئېنتېرنېت تورى تەسسەۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەنگىلىيىلىك كومپيۇتېر مەستانىسى تىم بېرنېرىس لىې 1989-يىلى ئىجاد قىلغان ئېنتېرنېت تورى دۇنيا ئۇچۇر تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، باشقا ھەر قانداق كەشپىياتقا ئوخشىمايدىغان خاس ئۇسۇل بىلەن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى.
    ·تېلېۋىزور: شوتلاندىيىلىك جون لوگبې بايرد 1925- يىلى تۇنجى بولۇپ تېلېۋىزورنى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن.  

    مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68