بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2010年05月23日

    دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مەخپى تېخنىكىسى - [كومپيوتېر تېخنىكىسى]

     

    دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مەخپى تېخنىكىسى


    ئۇيغۇر تىلى خىرىسقا ئۇچراۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئانا تىلىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن خەۋپسىرەش كەيپىياتى كۈچەيمەكتە. مۇنبەرلەردە مۇشۇ ھەقتە سۆز بولۇپ قالسا خېلى قايناپ قويىمىز.
    قۇرۇق گەپتىن ئەمىلى ئىش ئەۋزەل. بىرەر دېتالنى ئۇيغۇرچە قىلىپ قويساق ياكى ئۇيغۇرچە دېتاللارنى تاللاپ ئىشلەتسەك تىلىمىزغا ئاز-تولا پايدىسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، يۇمشاق دېتالنى  ئۆزىمىز ياسىيالىساق تېخى ياخشى. بەزى مونۇپۇللۇق ئورۇندىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئۇنىڭدەك ياسىيالمايمىز، ياسىيالمىغاندىكىن تەرجىمە قىلايلى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەنزۇچە يۇمشاق دېتاللارنىمۇ خەنزۇلار ياسىغان دېتال ئەمەس، ئېنگىلىزچىدىن ياكى باشقا تىلدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان.
    مەن فوتوشوپنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقاندا، بەزىلەر ئۇيغۇرچە فوتوشوپ خەنزۇچىدىن ئاستا قوزغىلدىكەن، ئېغىر ئىكەن دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى. يەنە بەزىلەر خەنزۇچىغا كۆنۈپ قاپتىمەن، ئۇيغۇرچىسنى ئىشلىتەلمەيدىكەنمەن دېدى.
    كومپىيۇتېرنىڭ پىرىنسىپىدىن خەۋىرى بارلار بىلىدۇ، بىر خەنزۇچە خەتنىڭ سىغىمى ئىككى بايىت (byte) ، شۇنداقلا بىر ئۇيغۇرچە ھەرپمۇ ئىككى بايىت. شۇنداق ئىكەن، ئوخشاش بىر دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە نۇسخسىنىڭ ئىجرا بولۇش تېزلىكىدە پەرق بولمايدۇ.
    يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن سىزدە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا مۇنداق شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك.
    1. ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا بىلىشىڭىز كېرەك. (مىنكاۋ خەن بولسىڭىز بولمايدۇ)
    2. ئېنگىلىز تىلى ياكى خەنزۇ تىلىدىن مۇئەييەن ئاساسىڭىز بولۇشى كېرەك.
    3. كومپىيۇتېر ئالدىدا كۈنلەپ ئولتۇرالايدىغان ۋاقتىڭىز، يۇمشاق دېتالنى تەكرار-تەكرار سىناق قىلالايدىغان سەۋىرچانلىقىڭىز بولۇشى كېرەك.
    4. سىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان يۇمشاق دېتال مەشغۇلاتىنى مۇكەممەل ئىگىلىشىڭىز، بىر نەچچە يىللىق كومپىيۇتېر ئىشلىتىش تەجىربىڭىز بولۇشى لازىم.
    5. كومپىيۇتېرىڭىزدا ئۇيغۇرسوفىت چوڭ لوغىتى، بىلقۇت.... قا ئوخشاش بىرەر كومپىيۇتېر لۇغىتى بولۇشى كېرەك.
    6. تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن يۇنىكودنى (Unicode) قوللايدىغان دېتاللارنى تاللىشىمىز كېرەك. (يۇنىكودنى قوللىمايدىغان دېتاللارنىمۇ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما، يېزىق مەسلىسنى ھەل قىلىشقا خېلى كۈچ كېتىدۇ ھەم كود قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئۇنى تەۋسىيە قىلمايمەن)
    بۇلار سىزدە ھازىرلانمىغان بولسا، بۇ ماقالىنىڭ داۋامىنى ئوقۇمايلا قويۇڭ.
    بىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان دېتاللار چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە بۈلۈندۇ. بىرىنچى تۈردىكى دېتاللار ياسالغاندىلا ياسىغۇچىلار تەرجىمە قىلدىغان ئارقا ئىشىك قويۇپ قويىدۇ. بۇلارنى تەرجىمە قىلماق ئاسان. ماس تىل ھۆججىتىنى خاتىرە دەپتەردە ئېچىپلا تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. ئادەتتە تىل ھۆججىتى Langguage, Lang ئىسىملىك مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. بۇ خىلدىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ تىل ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى ini بولىدىكەن. مەسلەن: تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك Kmplayer


    Photoshop نىڭ تىل ھۆججىتى بىر تال Dat ھۆججىتىدە. ئۇنى خاتىرە دەپتەردە ئېچىپ تەرجىمە قىلسا بولىدۇ. (ئەمما، فوتوشوپنىڭ Dat ھۆججىتنى تەرجىمە قىلىپ قويسىلا بولمايدىكەن، يەنە بەزى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك يەرلەر بار، ئۇ يەرلەرنى تەڭشىمىسە بەزى كۆزنەكلەردە ئۇيغۇرچە خەت ؟؟؟؟ بەلگىسى ھالتىدە چىقىۋالدۇ)


    ئىككىنچى تۈردىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئايرىم تىل ھۆججىتى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىجرا بولدىغان ئاساسى ھۆججىتنى(EXE, DLL ھۆججەتلىرىنى) ئېچىپ تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق تەھرىرلەش دېتاللىرى خېلى كۆپ، يۇنىكودنى قوللايدىغان، نىسبەتەن ئومۇملاشقان دېتال PASSOLO.
    PASSOLO دېتالىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلنى ئىنتىل مۇنبىرىدىكى مۇڭلان دىگەن يىگىت خېلى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ دەرسلىك ئىشلىگەن، شۇڭا بۇ يەردە ئۇنى چۈشەندۈرمەيمەن.
    دېتال تەرجىمە قىلىش بىلەن ھەپلىشىپ باققانلىرىڭلار ھېس قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بەزى يۇمشاق دېتاللارنى PASSOLO ئارقىلىق تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ، بەزىلىرىنى PASSOLO ئارقىلىق ئېچىپ تەھرىرلىگەندىن كېيىن، ئىجرا بولمايدۇ.
    شۇڭا، مەن PASSOLO ئارقىلىق تەرجىمە قىلىشقا بولمايدىغان يۇمشاق دېتاللارنى تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغان، تىل تۈرىگە ئۇيغۇر تىلىمۇ قوشۇلغان (PASSOLO دا ئۇيغۇر تىلى يوق. ئەرەپچە دېگەن تۈر ئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىمىز) Sisulizer دېگەن يۇمشاق دېتالنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    ماۋۇ رەسىمدىكىدەك Premiere Pro نى دەل مۇشۇ Sisulizer ئارقىلىق تەرجىمە قىلغان.

    ئەسلى مەنبەسى: ئۇستاز تور بېتى





darslik8.blogbus.com网站PR查询
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
="#FFDE68